
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى ۋە ئېھتىياجىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئىناق جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە قايناق مېھرى-مۇھەببەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببەت، ھېسىياتنى زىيادە قىلىدۇ.
ئەمما، ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللاردا بىرقاتار فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ، يېڭى تۆرەلگەن پەرزەنتىگە زىيادە مېھرى- مۇھەببەت بېغىشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، جىنسىي ھەۋىسىدە سۇسلاش كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئەر تەرەپتە بولسا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىشى، بولۇپمۇ ئەر بولغۇچى ئايالىنى بەكمۇ ئاياپ ئاسرىشى لازىم. ئەر-خوتۇنلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى جىنسىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئاساسىدا، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى گۈزەل مەنالارغا تويۇندۇرىشى كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيى ۋە ئاخىرقى 1 ئېيى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ مەزگىلدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، زەكەرنىڭ بالىياتقۇ بوينىنى غىدىقلىشى بىلەن مەنى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى پروستاگلاندىن ماددىسىنىڭ ئايالنىڭ تېنىگە كىرىشى بالىياتقۇنىڭ قورۇلۇپ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، تۆرەلمە قېپى يېرىلىپ كېتىشنى ھەمدە باكتېرىيىلىك يۇقۇنلىنىش، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
2. ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيىدىن تاكى 9-ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ قېتىم سانى بىلەن ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە ئايدا 2-1 قېتىم، ھەرىكەت سىلىق بولۇشى، بەك كۈچەپ كەتمەسلىك لازىم. ئەر تەرەپ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى ئايالىنى كۆپرەك پەپىلەپ، ئەيۋاشقا كەلتۈرۈپ، جىنسىي ھەۋىسىنى ئويغاتقاندىن كېيىن ئاندىن بىرگە بولۇش ياخشىراق.
3. جىنىسي مۇناسىۋەت ئالدى-كەينىدە تازىلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بولۇپمۇ ئەركىشى جىنسىي ئەزايىنىڭ تازلىقىغا بەك دىققەت قىلىشى، ئىمكانىيەت بولسا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ئايالىنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
4. ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، بالىياتقۇ يوغىناپ، ئاياللارنىڭ قورسقى چىقىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ 6 ئايلىقتىن كېيىن تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. بۇ چاغلاردىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال كىشىنىڭ قورسىقى بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى شەرت. شۇڭا، ئايال كىشى ئۈستىدە ئەركىشى ئاستىدا بولغان تەرىزدە بىرگە بولسا ياخشىراق.
5. ئىككى قات ئاياللاردا ھامىلىدارلىققا قوشۇلۇپ باشقا كېسەللىكلەر بولسا ( مەسىلەن قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى دېگەنگە ئوخشاش )، بۇ خىل ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. جىنسىي مۇناسىۋەت بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ۋە نەپىسىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك قاپچۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؟ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدۇ، ھەم جىنسىي كېسەللى
جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرى جىنسىي كېسەللىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تېنىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەىىملەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇلارغا روھىي ئازاب ئەكىلىدۇ. يەنە بىمارنىڭ جورى
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش
ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك؟ ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلى
بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ۋە جىنسىي تازىلىق بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ( 20-15 ياش ئەتراپىدا ) دە جىنسىي ئەزالار يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يېتىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاستا- ئاست
