
بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ( 20-15 ياش ئەتراپىدا ) دە جىنسىي ئەزالار يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يېتىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاستا- ئاستا روشەنلىشىپ، ئېھتىلام بولۇشقا باشلايدۇ. بالىلارنىڭ ئېھتىلام بولۇشنى بىرخىل كېسەللىك دەپ قاراپ، دېيىشتىن ئۇيۇلۇپ، ئازابلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىش كېرەك.
بۇ ياشتىكى بالىلاردا ئاسانلا ئانانىزم قىلىش ( قول بىلەن ھۇزۇرلىنىش) ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئانانىزم قىلىش تارىختا بارلىق مىللەتلەردە دېگۈدەك ئىنتايىن خەتەرلىك بىر خىل ھادىسە دەپ قارالغان. ھازىرقى زامان تېبابىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئانانىزم قىلىش ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق جىنسىي پائالىيەتتىن ئىبارەت، خالاس. ئەگەر ئانانىزم قىلىشنىڭ زىيىنى بار دېيىلسە بۇ خىل زىيان تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن:
1.ئانانىزم قىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەر بۇ خىل ھادىسىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىدا بولسا، بىر خىل زىددىيەتلىك ئىچكى توقۇنۇش ئىچىدە بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نەتىجىدە چوڭ بولۇپ توي قىلغاندىن كېيىن، جىنسىي تۇرمۇشتا يېتەرلىك لەززەتلىنىش تۇيغۇسىغا كىرەلمەسلىكى مۇمكىن. يەنى ئانانىزم قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى «ئانانىزم قىلىش زىيانلىق» دەپ قارىغانلىقتا.
2. ئانانىزم قىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەر بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەمچىلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بۇ ئىشنى تاماملاشقا تىرىشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارا- بارا بالدۇر تاماملايدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە ئىسپېرما بالدۇر كېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
3. تەكرار ئانانىزم قىلىش ياش- ئۆسمۈرلەردە جىنسىي ئەزاغا نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن. نەتىجىدە توي قىلغاندىن كېيىن جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا نورمال غىدىقلىنىش ھالىتىدىن رازى بولمايدىغان پىسخىك ھادىسىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
4.بەزى ياش- ئۆسمۈرلەر ئانانىزم قىلىشقا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆگىنىشكە ھەتتا نورمال فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىياتىغا مەلۇم تەسىر بولۇشى مۇمكىن.
دېمەك، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانانىزم قىلىش ھادىسىلىرى سېزىلگەندە ئارتۇقچە جىددىيلەشمەسلىك، زىيادە ئەيىبلىمەسلىك، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇ ياشتىكى بالىلار ئىشتاننى بەك تار كىيىۋالماسلىق، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
بەزى بالىلار ئۆزىنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزالىرىنى نورمالسىز دەپ ھېس قىلىشى ( مەسىلەن: كىچىك ھېسابلىشى )، ئۆزىنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرىدىن ئەيمىنىشى ياكى نارازى بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق بالىلارغا قارىتا ئۆزىنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپى دوختۇرنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي نورمال ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن پىسخىكا ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
بەچچىۋازلىق دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر خىل ناتوغرا خاھىش بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بەدەندىكى كېسەللىك بولماستىن، ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بىر خىل نورمالسىزلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى تەربىيەلەش جەريانىدا ئۇلارنى قىزلاردەك ياساندۇرماسلىق، ئوغۇل بالىلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك. بۇنداق قىلىش بەچچىۋازلىقنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك قاپچۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؟ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدۇ، ھەم جىنسىي كېسەللى
جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرى جىنسىي كېسەللىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تېنىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەىىملەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇلارغا روھىي ئازاب ئەكىلىدۇ. يەنە بىمارنىڭ جورى
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش
ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك؟ ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلى
بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ۋە جىنسىي تازىلىق بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ( 20-15 ياش ئەتراپىدا ) دە جىنسىي ئەزالار يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يېتىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاستا- ئاست
