
جىنسىي كېسەللىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تېنىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەىىملەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇلارغا روھىي ئازاب ئەكىلىدۇ. يەنە بىمارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىگە بەختسىزلىك كەلتۈرىدۇ؛ بۇلار مۇقەررەر ھالدا جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
1. شەخسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى.
جىسنىي كېسەل بىمارلىرى جىسمانىي جەھەتتە ئازابلىنىپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنڭ كمەسىتىشىگە ئۇچراپ، روھىي بېسىمى كۈچىيىدۇ؛ كېسىلىدىن نومۇس قىلىپ توغرا داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەچكە، ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە كېسەللىك ئاسارەتلىرى قېلىپ قالىدۇ. ئەرلەردە مەزى بېزى يەللىكى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان يەللىكى، ئۇرۇق بېغىشى يەللىكى پەيدا بولۇپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاياللاردا داس بوشلۇقى يەللىكى، تۇخۇم نەيچىسى يەللىكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە يەللىكى، غەيرىي ئورۇنلۇق ھامىلە، بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇچلۇق سۆل سۆگەل، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى قاتارلىقلار تېخى راكقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەيدىز كېسەللىكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەللىكتۇر.
2. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. جىنسىي كېسەللىكنىڭ
يۇقۇمچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، جورىسى ( ئېرى ياكى خوتۇنى )، جىنسىي ھەمراھى ۋە كېسەل بىلەن زىچ ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەتەر ئىچىدە تۇرىدۇ. جىنسىي كېسەللىك ئادەتتە ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە تارقىلىدۇ، ئۇ نىكاھ سىرتىدىك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان بولغانلىقتىن، ئادەتتە نىكاھ كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئائىلىنى بۇزىدۇ.
3. ئەۋلادلارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ
كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرى ھامىلىنى بىۋاستە يۇقۇملاندۇرىدۇ، بەزىلىرى ۋاسىتىلىك يولۇقۇش ئارقىلىق بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە يۇقۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ۋە ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، سىفلىس بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ، تۇغما سىفلىسنى پەيدا قىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى %15 ~ %50 بولۇپ، يۇقۇملانغان بوۋاقنىڭ ئۆمرى بەش يىلغا بارمايدۇ.
4. جەمئىيەتكە يەتكۈزىدىغان زىيىنى، جىنسىي كېسللىكلەر ئادەتتە
قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ، نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى كېسەللەردە ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولىدۇ. بۇ خىل جەمئىيەتكە قارشى قىلمىشلارنىڭ پەيدا بولۇشى جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىق ئامىلى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا يەنە جىنسىي كېسەللىكلەر تېزلىكتە تارقىلىپ يامرىغانلىقتىن، ساغلام كىشىلەرگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. قىممەت داۋالاش چىقىمى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىش ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تاقىلىشى ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى نۇرغۇن ئەيدىز كېسەللىكى يېتىملىرى ۋە ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئېغىر پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك قاپچۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؟ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدۇ، ھەم جىنسىي كېسەللى
جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرى جىنسىي كېسەللىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تېنىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەىىملەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇلارغا روھىي ئازاب ئەكىلىدۇ. يەنە بىمارنىڭ جورى
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش
ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك؟ ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلى
بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ۋە جىنسىي تازىلىق بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ( 20-15 ياش ئەتراپىدا ) دە جىنسىي ئەزالار يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يېتىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاستا- ئاست
