ئەرلەردە جەريان، ئېھتىلام، سۈرئىتى ئىنزال، جىنسىي ئاجىزلىق، بەل ئاغرىقى قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سوراپ ئېنىقلاش لازىم. شۇنى قايتا سوراپ بىلىش لازىمكى، بىماردا كۆپ جىنسىي ئالاقە بىلەن شۇغۇللىنىش، ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، نەشىكەشلىك، ئەپيۈنكەشلىك ۋە باشقا غەيرىي ئادەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى، ئۇرۇق خالتىسى ۋە خاس ئەزالارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سوراپ بىلىۋېلىش لازىم. يەنە جىنسىي ئەزا كىچىكمۇ ياكى قىڭغىرمۇ، ئۇرۇق بېزىنىڭ دانىچاقلىرى كىچىكمۇ ياكى كۆپكەنمۇ، تاش بۆرەك (تاشاق) نىڭ ئەھۋالى قانداق، كىچىكلەپ كېتىش ياكى چوڭىيىپ قېلىش، تەرلەش، سوۋۇپ كېتىش ئالامەتلىرى بارمۇ-يوق؟ دېگەنلەرنى ئېنىقلاش لازىم.

ئاياللاردا ھەيزگە تەئەللۇق ئەھۋاللار، مەسىلەن، ھەيز ئاز-كۆپمۇ، ۋاقتى ئىلگىرى-كېيىنمۇ ياكى نورمالمۇ، ھەيزنىڭ رەڭگى، پۇرىقى قانداق، كەلگەندە ئاغرىش، ئېچىشىش ئەھۋاللىرى بارمۇ، بەلدە ئاغرىق سېزىلەمدۇ، ھەيز بىلەن باشقا ھۆللۈكلەر ۋە باشقا نەرسىلەر بىللە كېلەمدۇ، گۆش پارچىلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەر بىللە كېلەمدۇ، يوق؟ دېگەنلەرنى سوراپ بىلىش بىلەن بىللە يەنە ئاياللارنىڭ ئىلگىرى ھامىلىدار بولغان-بولمىغانلىقى، بۇرۇن بالا ئالدۇرغان، بالا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋاللارنىڭ بارمۇ-يوقلۇقى، تۇغماسلىققا ئائىت ئەھۋاللار ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دائىر ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقى سورىلىدۇ.
تۇغماسلىق (ئەقر) نىڭ بايانى
تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:
جىنسى ئەزادىكى ئىللەتلەر، بەدەندىكى ماددىلىق ئۆزگىرىشلەر، تۇغما كەمتۈكلۈك قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەر-ئاياللاردىكى تۇغماسلىق پەيدا بولىدۇ.
ئىللەت ئەر كىشىنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا بولسا، ئۇ تۆۋەندىكىدەك 4 خىل بولىدۇ:
(كېيىنكى بەتكە قارالسۇن!)
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك قاپچۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؟ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدۇ، ھەم جىنسىي كېسەللى
جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرى
جىنسىي كېسەللىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تېنىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەىىملەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇلارغا روھىي ئازاب ئەكىلىدۇ. يەنە بىمارنىڭ جورى
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش
ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك؟
ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلى
بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ۋە جىنسىي تازىلىق
بالاغەتكە يېتىش دەۋرى ( 20-15 ياش ئەتراپىدا ) دە جىنسىي ئەزالار يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يېتىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلىرى ئاستا- ئاست