جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، يۇقىرىدا جىنسىي ئالاقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ 20 خىلدىن كۆپرەككە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق، ئەيدىز كېسەللىكىمۇ شۇلارنىڭ بىرى. لېكىن، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا بولغان تەسىرى زور. بىز ئادەتتە ئەيدىز كېسەللىكىنى ئايرىم ھالدا « جىنسىي كېسەللىك ئىچىدىكى ئەيدىز كېسەللىكى » دەپ بايان قىلىۋاتىمىز. 
 
  جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئەيدىز كېسەللىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ تارقىلىش يولى ئوخشاش، ھەر ئىككىسىدە جىنسىي ئالاقە ئاساسلىق تارقىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرلىرى ( مەسىلەن، ساغلاملىق تەربىيەسى، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش قاتارلىقلار ) مۇ ئوخشاش. جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرى كۆپىيىدۇ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەكسىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ جىنسىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تۈگىتىش قىيىن، نەتىجىدە جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش خەتىرى كۈچىيىدۇ. پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، بىر جىنسىي كېسەل بىمارى يەنە بىر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى جىنسىي كېسەللىكى يوقلارغا قارىغاندا 1.5 ~ 8.5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. مەيلى جىنسىي ئەزاسى يارا خاراكتېرلىك جىنسىي كېسەللىك بولسۇن ياكى يارىسىز جىنسىي كېسەللىك بولسۇن، ھەممىسىلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. دۇنيا بويىچە ئېلان قىلىنغان 34 تۈر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، سىفلىستىن يۇقۇملىنىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى 2 ~ 9.5 ھەسسە، يۇمشاق شانكىر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى 2.5 ~ 8.9 ھەسسە، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى 2.3 ~ 8.5 ھەسسە؛ تىراخوما خىلامىدىيەسىدىن يۇقۇملىنىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى 3.7 ~ 5.7 ھەسسە، سۆزنەك 1.5 ~ 8.9 ھەسسە، جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسەللىكى 2.7 ھەسسە، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل 3.1 ~ 4.1 ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. مىكوپىلازمىدىن يۇقۇملىنىش، جىنسىي يول تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول كېسەللىكى قاتارلىقلاردىن يۇقۇملىنىشمۇ ئوخشاشلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئەلداۋادىن سەمىمىي تەكلىپ: بۇنىڭدىن جىنسىي كېسەللىك بىلەن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن، ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كېسەللىكلەر: جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا ئەيدىز كېسەللىكىگە ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش خاتا. 
 
 
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىش كېرەك؟ 
1. ناپاك جىنسىي ئالاقىدە بولغانمۇ- يوق؟ بولۇپمۇ تونۇشمايدىغان ئادەم بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولغانمۇ- يوق؟
2. جىنسىي كېسەللىككە ( ئەيدىز كېسەللىكىدىن باشقا ) گىرىپتار بولغانلارنىڭ لۆڭگىسى، تەرەت قاچىسى، يۇيۇنۇش دېسى، يوتقان- كۆرپىسى، كىيىم- كېچەكلىرىنى ئىشلەتكەنمۇ- يوق؟
3. جىنسىي ئەزا ۋە ئەۋرەت قىسمىدا قىزىل داغ، دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتقۇ، يارا قاتارلىق نورمالسىز يىرىڭلىق ئاجراتمىلارنىڭ كۆپەيگەن- كۆپەيمىگەنلىكى، ئەۋرەت قىسمىدا ئاغرىش سېزىمى ياكى يېقىمسىزلىقلارنىڭ بار- يوقلۇقى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش كېرەك. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر