1. ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى كۈچلۈكرەك بولۇپ، جىنسىي قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ. ئازراق غىدىقلىنىش بولسىلا دەرھال قوزغىلىپ كېتىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، جىنسىي قوزغىلىش ھەيز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا، يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي تەلەپ سەل يۇقىرى بولۇپ ، جىنسىي قوزغىلىشمۇ سەل تېزرەك بولىدۇ. ئاز ساندىكى ئاياللاردا تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا جىنسىي تەلەپ ناھايىتى ئاجىز ، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولىدۇ. تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا جىنسىي تەلەپ تەدرىجى كۈچىيىشكە باشلايدۇ.
2. ئەرلەرنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى تېزرەك بولىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن دەۋردە زەكەر تېزلا قايىم بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشىمۇ، يۇقىرى پەللىنىڭ داۋاملىشىشىمۇ بىر ئاز قىسقا بولۇپ، جىنسىي تەلەپنىڭ بېسىقىشىمۇ تېز بولىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ پەيدا بولىشى ئاستىراق بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىنىپ تاكى يۇقىرى پەللىگە يەتكىچە بولغان ئارىلىق ۋاقتىمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزاقراق بولىدۇ. ئادەتتە 5-15 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاندىن جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزاقراق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ بىسىقىشىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستىراق بولىدۇ.
3.ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلەپ ئارزۇسى ئاساسەن جىنسىي ئەزاغا مەركەزلىشىدۇ. جىنسىي ھاياجانلىنىش پەيدا بولۇپ، قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بەك ئالدىرايدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلەپتە تاقىلىدىغان دائىرىسى بەك كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، جىنسىي ئىنكاسىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستا بولىدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ، دەسلەپتە ئايالىنى يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن جەلىپ قىلىپ سىلاش، قۇچاقلاش، ئۇۋلاش، سۆيۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئايالىنىڭ مۇھەببەت سەزگۈ رايونلىرىنى غىدىقلاپ بەرگەندە، ئايالىدا يولدىشىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ھۇزۇرلىنىش، مۇھەببەت ھېسسىياتى كۈچلۈك دولقۇن ياساپ جىنسىي مۇناسىۋەت تەلىپىنى پەيدا قىلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىمۇ ئۆزلۈكسىز مۇھەببەت تۇيغۇ، نازۇك جايلىرى غىدىقلىنىپ تۇرسا جىنسىي ھۇزۇرلىنىش سېزىملىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، جىنسىي ئىنكاس باسقۇچىمۇ تېزلىشىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي يۇقىرى پەللىگە ئەر-ئايال بىردەك يېتىپ، جىنسىي قانائەتلىنىشتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ.
ئەر - خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشتىن ئورتاق قانائەت تېپىشتا توسالغۇ بولىدىغان، ھىسسىياتقا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان بەزى ئەھۋاللار بولسا ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ ، كىلىشەلمەسلىكنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم. جىنسىي تۇرمۇشتىكى كېلىشەلمەسلىكتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ:
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك دورا ئىچسە جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ بەزىلەر: جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك
ھامىلىدار ئاياللار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولسا ھامىلىگە يۇقامدۇ؟
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ھامىلىدار ئاياللار بەزى جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقتۇرىدۇ. سىفلىس بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى. ھامى
جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا : 1. دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ تېرە- تاناسىل كېسەللىكلەربۆلۈمىگە ياكى جىن
بۇ 8 خىل ئۇسۇل سىزنى جىنسىي كېسەللىكتىن ساقلايدۇ
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: كۆپچىلىكنىڭ جىنسىي كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ يوقۇش يوللىرىغا بولغان بىلىمىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك بۇ كېسەللىك ھازىر ئادەتتىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىشى كېرەك
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى