
كۆز تالغاندا، قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، كىشلەرنىڭ ھەممىسى كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەليەتتە ئەڭ ياخشى كۆز دورا سۇيۇقلىقى دەل كۆز يېشىدۇر. كۆز يېشىنىڭ ئۈچ خىل ئىقتىدارى بار:
بىرىنچىدىن يۇيۇش سۇيۇلدۇرۇش رولى بار، كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەندە كۆز يېشىنىڭ يۇيۇش ۋە سۇيۇلدۇرۇش رولى بولغانلىقتىن كىرىپ كەتكەن نەرسىنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئىككىنچىدىن سىلىقلاش رولى بار، كۆز يېشى مۈڭگۈز پەردە تاشقى كۆرۈنۈشى 6-7سانتىمىتىر قېلىنلىقتا سۇيۇق نىپىز پەردە شەكللەندۈرۈدىغان بولۇپ، ئۇ كۆز ئالمىسى تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۈڭگۈز پەردە تاشقى كۆرۈنۈشىنى نۇرلۇق سىلىق قىلىپ، كۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
ئۈچىنچىدىن باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار، ياش تەركىبىدە كۆپ خىل ئالاھدە باكتىريە ئۆلتۈرگۈچى ماددىلار بار. ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى ئىشلىتىشنى ئويلىسىڭىز، چۇقۇم بىر ھازا يىغلاڭ.
كۆز قۇرغاقلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، كۆزنى كۆپ چىمىلدىتىشقا سەۋەپ بولۇپ، كۆز يېشى ئىچكى ئاجىرالمىلىرىنى ئاجىرتىپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، كۆز ئالمىسى تاشقى كۆرۈنۈشىنى غىدىقلايدۇ. ئۇنڭدىن باشقا يەنە، ئەسنەشمۇ خاتا بولمىغان بىر خىل كۆز يېشى چىقىرش ئۇسۇلى، ئولتۇرغان ۋاقىتتا، قولىمىزنى كۆتۈرۈپ ئارقا تەرەپكە سوزۇلۇپ، چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالساق، ئاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقارساق، ئەسنەشكە ياردىمى بولىدۇ. پەقەت كۆزى قۇرغاقلىشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشلەر كۆز دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. غەيرەت جاسارەت تەييارلىغان
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
تومۇر تۇتقۇزۇپ كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېقىندا تېۋىپلار مۇنداق دېيىشتى: تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى سەھەر، يەنى قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن، ئادەملەرمۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان، تېخى ناشتا قى
«كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دەۋەرمەڭ! يىگىتنىڭ قىز دوستىغا يازغان تەسىرلىك خېتى، بۇ ھىكايە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە ئېبرەت بولسۇن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا 2 يىل بولدى، نېمىشقا ئايرى
تېبابەتتە ئوزۇقلۇق تەڭشەش قائىدىلىرى مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ئەسلىي تېما: ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىئىنەزەرىدىن ھازىرقى زامان يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەشكە نەزەر (يېمەك-ئىچمە
جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەرنىڭ سىستېمىلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىشى جۇڭيى تېبابىتى پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات ئۇبيېكتى ئاساسلىقى پنخوزوماتىك كېسەللىكلەرگە جۇڭيى تېبابىتى بۇيىچە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش
كۆز يېشى ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى كۆز تالغاندا، قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، كىشلەرنىڭ ھەممىسى كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەليەتتە ئەڭ ياخشى كۆز دورا سۇيۇقلىقى د
