ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تونۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە تەدرىجىي ھالدا بىر قەدەر مۇكەممەل، مۇستەقىل نەزەرىيە سىستېمىسى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمى شەھەر كروراندىن بايقالغان جەسەتلەرنى تەتقىق قىلىشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەجدادلىرىمىز بۇندىن 3500 يىل بۇرۇنلا مېڭە ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئىشلىگەن. دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي پۇتنى بۇندىن 2300 يىل بۇرۇن ئىدىقۇتلۇق ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە كۆرە، بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تېرە كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، تۈرلۈك ئىچكى كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى-جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، جاراسىم يەنى مىكرۇپ ۋە تازىلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىلىپ، مۇكەممەل نەزەرىيەۋىي ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.




ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ شانلىق تارىخى داۋامىدا، غازباي، ئىبنى سىنا، تەجەللى، ھاجى ئابدۇلھەمىدكە ئوخشاش تېبابەت پىشىۋالىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى، سىستېمىلىشىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
بىز ئەنە شۇ شۆھرەتلىك ئەجدادلارنىڭ بوغۇنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنى ھەرقاچان ياد ئېتىپ تۇرىشىمىز، ئۇلار قالدۇرغان ئىزنى ئۆچۈرمەي، تېخىمۇ يۈكسەك مەنزىللەرگە ئۇلاشتۇرمىقىز لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : تۆھپىكار تېۋىپ - ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى
- كېيىنكىسى : زۇكامنى داۋالاشنىڭ 5 ئاددىي رېتسېپى
تومۇر تۇتقۇزۇپ كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېقىندا تېۋىپلار مۇنداق دېيىشتى: تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى سەھەر، يەنى قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن، ئادەملەرمۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان، تېخى ناشتا قى
«كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دەۋەرمەڭ! يىگىتنىڭ قىز دوستىغا يازغان تەسىرلىك خېتى، بۇ ھىكايە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە ئېبرەت بولسۇن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا 2 يىل بولدى، نېمىشقا ئايرى
تېبابەتتە ئوزۇقلۇق تەڭشەش قائىدىلىرى مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ئەسلىي تېما: ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىئىنەزەرىدىن ھازىرقى زامان يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەشكە نەزەر (يېمەك-ئىچمە
جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەرنىڭ سىستېمىلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىشى جۇڭيى تېبابىتى پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات ئۇبيېكتى ئاساسلىقى پنخوزوماتىك كېسەللىكلەرگە جۇڭيى تېبابىتى بۇيىچە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش
كۆز يېشى ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى كۆز تالغاندا، قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، كىشلەرنىڭ ھەممىسى كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەليەتتە ئەڭ ياخشى كۆز دورا سۇيۇقلىقى د
