
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى خۇددى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»غا ئوخشاش تاكامۇللىشىپ، تارىخ تەرەققىياتىنى بويلاپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەن بولسا، بەزىلىرى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ياكى يوقاتماقتا. 2500 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تاكى غەرب تېبابەتچىلىكى كىرىپ رەسمىي ئورۇن ئىگىلەپ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى يولغا قۇيغۇچە (غەرب تېبابەتچىلىكى 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب مىسيۇنىرلىرى تەرىپىدىن غولجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق رايونلارغا كىرگەن، 1940 – يىللاردىن كېيىن رەسمىي ئورۇن ئىگىلەپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان) شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك سۈپىتىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، شۇنداقلا ساغلام ھالدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئورنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. شەكسىزكى، بۇ قىممەتلىك مىراس بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە غەرب تېبابەتچىلىكى تەرەققىي قىلىپ ئىنسان تېنىنى ھۈجەيرە، مالېكۇلا سەۋىيىسىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ تەتقىق قىلالايدىغان، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك مۇرەككەپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىمىيىۋى دورىلار بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، بەدەندە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادا تەبىئىيلىككە قايتىش قىزغىنلىقى پەيدا بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىككە موھتاج» دەيدىغان تەشەببۇس ئۇتتۇرىغا چىقتى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولغان ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنى يېڭىۋاشتىن تونۇپ يېتىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنىڭ سىر– ئەسرالىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئىزدەنمەكتە.
مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت بىزدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مىراسى، ۋەتىنىمىز ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىشىمىزنى؛ ئايرىم كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنى «80 خالتىچى» دەپ كەمسىتىدىغان خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراش ۋە ئىلمىي دۇنياقاراش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى قوغدىشىمىز، گۈللەندۈرۈشىمىزنى؛ ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام ھالدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تونۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە تەدرىجىي ھالدا بىر قەدەر مۇكەممەل، مۇستەقىل نەزەرىيە سىستېمىسى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز بۇلارنى نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك دەپ ئىككى چوڭ سىستېمىغا بۆلۈپ تەتقىق قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك تۆت چوڭ ماددا، يەنى مىزاج، خىلىت، ئەزا، قۇۋۋەت، روھ تەلىماتىنى، ساقلىقنى ساقلاش زۆرۈر قائىدىلىرىنى، ساقلىق ۋە كېسەللىك، ئىلمى تەشخىس (دىئاگنوز قويۇش) نەزەرىيىلىرى، داۋالاش قائىدە – پرىنسىپلىرى، شۇنداقلا يېمەك – ئىچمەك، كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمەلىي تېبابەتچىلىك ئىلمى كۆپلىگەن كلىنىكىلىق بۆلۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 1000 – 1400 يىل ئىلگىرىلا تېۋىپلىرىمىز ئەمەلىي تېبابەتچىلىك ئىلمىنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، تۈرلۈك ئىچكى كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى، جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، جاراسىم (مىكرۇپ) كېسەللىكلىرى ۋە تازىلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى نەسىھەتلەر قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىغان. بۇ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئون نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، مۇكەممەل سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قانداقتۇر نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلىرى قالاق ھېسابلىنىدىغان، ئايرىم كىشىلەرنىڭ جان بېقىش ۋاسىتىسى قىلىۋالىدىغان سەپسەتە ياكى ھۈنەر – كەسىپ بولماستىن، بەلكى مۇكەممەل نەزەرىيىۋى ئاساسقا، ئۆزگىچە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئۇسۇللىرىغا، يۈكسەك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىلىمدۇر. شۇڭا بىز ئۇنى توغرا تونۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ، ئۇنى رېئال دۇنيا بىلەن، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
- ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى داۋالاش
- كېيىنكىسى : كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان رېتسىپلار
تومۇر تۇتقۇزۇپ كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېقىندا تېۋىپلار مۇنداق دېيىشتى: تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى سەھەر، يەنى قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن، ئادەملەرمۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان، تېخى ناشتا قى
«كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دەۋەرمەڭ! يىگىتنىڭ قىز دوستىغا يازغان تەسىرلىك خېتى، بۇ ھىكايە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە ئېبرەت بولسۇن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا 2 يىل بولدى، نېمىشقا ئايرى
تېبابەتتە ئوزۇقلۇق تەڭشەش قائىدىلىرى مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ئەسلىي تېما: ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىئىنەزەرىدىن ھازىرقى زامان يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەشكە نەزەر (يېمەك-ئىچمە
جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەرنىڭ سىستېمىلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىشى جۇڭيى تېبابىتى پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات ئۇبيېكتى ئاساسلىقى پنخوزوماتىك كېسەللىكلەرگە جۇڭيى تېبابىتى بۇيىچە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش
كۆز يېشى ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى كۆز تالغاندا، قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، كىشلەرنىڭ ھەممىسى كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەليەتتە ئەڭ ياخشى كۆز دورا سۇيۇقلىقى د
