
تونۇش: بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا تۇيۇقسىز ھوشسىزلىنىش، كۆز ئالمىسى ئۈستىگە قارىلىش، يۈز مۇسكۇللىرى ياكى تۆت مۈچە مۇسكۇللىرى ۋە پەي- تارىمۇشلار تارتىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بوۋاقلاردا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.
پەرۋىش: بالىلار تارتىشىپ قالغاندا ئالدى بىلەن مۇھىتنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش، جىددىيلەشمەسلىك، بالىنى قالايمىقان تەۋرەتمەسلىك لازىم. مەجبۇرىي سۇ ئىچكۈزۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. بولمىسا نەپەس يوللىرى توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار تارتىشىپ قالغاندا نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش، يەنى بىمارنى دەرھال كارىۋاتتا ئوڭدا ياتقۇزۇش، تۈگمىلەرنى يېشىۋېتىش، باش قىسمىنى قىيپاش قىلىپ ياتقۇزۇش، ئاستىن- ئۈستۈن چىش ئارىلىقىغا رەختتىن ئورالغان تىل قىسقۇچ ياكى چوكا قىستۇرۇپ، تىلنى چىشلەپ زېدە قىلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەپەسنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىز ۋە بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنى ئۆز ۋاقتىدا تازىلاپ ئېلىۋېتىش كېرەك. نەپەس توختاپ قېلىش كۆرۈلگەندە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، ئوكسىگېن بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئېغىزنى ئېغىزغا يېقىپ سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، تارتىشنى بوشاشتۇرۇش ئۈچۈن بادام يېغىغا ئوخشاش ھۆل تەبىئەتلىك مايلار بىلەن پەي ۋە مۇسكۇللىرىنى مايلاش، خۇشپۇراق دورىلارنى پۇرىتىش، تىنچ مۇھىتقا يۆتكەش كېرەك.
2. ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىش. تارتىشىشنى توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئىلمان سۇدا بەدەننى سۈرتۈش، ئۆي ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ، نەملىك دەرىجىسىنى ئەتراپىدا ساقلاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلەيزۈك بوغۇم، ئالىقان پەللىسى، ئالىقان سۆڭەك مەركىزى پەللىسى، ئۈستۈنكى كالپۇك پەللىسى قاتارلىق پەللىلەرگە يىڭنە سانجىپ داۋالاش كېرەك.
3. قىزىتمىسىنى ياندۇرۇش بۇنىڭدا ئىلمان سۇدا بەدەننى سۈرتۈش، قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت بىلەن قولتۇق، تېقىم يىرىق ۋە بويۇن قىسمى قاتارلىق قان تومۇرلار مول بولغان ئورۇنلارنى بىر قەدەر ئۇزاقراق سۈرتۈپ، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشنى تېزلىتىش، ھەمدە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا مەلۇم قىلىپ، خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىش، قىزىتمىسىنىڭ قايتا تىرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
پەرھىز: مېڭىگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزگۈچى، قۇرۇق ئىسسىق ياكى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەكلىكلەر بېرىلمەيدۇ، ئاچچىق نەرسىلەرنى چەكلىنىدۇ، مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بولمايدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : خوتەنلىكلەرنىڭ مىزاجى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى
- كېيىنكىسى : ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى داۋالاش
تومۇر تۇتقۇزۇپ كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېقىندا تېۋىپلار مۇنداق دېيىشتى: تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى سەھەر، يەنى قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن، ئادەملەرمۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان، تېخى ناشتا قى
«كۆڭلۈمدىكىنى تاپ» دەۋەرمەڭ! يىگىتنىڭ قىز دوستىغا يازغان تەسىرلىك خېتى، بۇ ھىكايە مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە ئېبرەت بولسۇن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا 2 يىل بولدى، نېمىشقا ئايرى
تېبابەتتە ئوزۇقلۇق تەڭشەش قائىدىلىرى مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ئەسلىي تېما: ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىئىنەزەرىدىن ھازىرقى زامان يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەشكە نەزەر (يېمەك-ئىچمە
جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەرنىڭ سىستېمىلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىشى جۇڭيى تېبابىتى پنىخوزوماتىك كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات ئۇبيېكتى ئاساسلىقى پنخوزوماتىك كېسەللىكلەرگە جۇڭيى تېبابىتى بۇيىچە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش
كۆز يېشى ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى كۆز تالغاندا، قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، كىشلەرنىڭ ھەممىسى كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەليەتتە ئەڭ ياخشى كۆز دورا سۇيۇقلىقى د
