دىققەت: دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ(3)

دورا نامى: دىققەت: دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ(3) | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2011/09/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش بەلكىم زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
يېقىندىن بېرى دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش، ھەتتا قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكتىن ناچار تەسىر بېرىدىغان ھادىسىلەر دائىم ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدىكى زەرنىخ (雄黄) ئارسېنىك دىسۇلفىد (二硫化二砷) بولۇپ، ئارسىن (砷)نىڭ مىقدارى %75نى، گۈڭگۈرت (硫) نىڭ مىقدارى %24.9 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىسسىققا يولۇققاندا، ئاسانلا پارچىلىنىپ ئوكسىدلىنىدۇ-دە، كۈچلۈك زەھەرلىك ئارسېن (III) ئوكسىد (三氧化二砷) غا ئۆزگىرىدۇ.

ئارسېنىك دىسۇلفىد (二硫化二砷)
 

ئەگەر دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرغۇچى دورىسىنى تەييارلاش، ياساش ۋە ساقلاش ياخشى بولمىسا، ئاساسلىق تەركىبىدىكى زەرنىخ (雄黄) ئارسېنىك دىسۇلفىد (二硫化二砷) ئوكسىدلىنىپ كۈچلۈك زەھەرلىك ئارسېن (III) ئوكسىد (三氧化二砷) غا ئايلىنىشى مۇمكىن. دورىخانىلاردىمۇ بۇ دورىنى ئىشلىتىشكە ئېنىق بەلگىلىمە بېكىتكەن. ئەگەر دورىخانىدا بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئېشىپ كەتسە، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرغۇچى دورىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، دائىم كۆرۈلىدىغان ناچار تەسىرلەر قايسىلار؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار