تېرازوزىن (Terazosin 特拉唑嗪)
[باشقا نامى] Hytrine 高特灵
[تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى] –ئادرېنالىن ئاكسېپتورىغا تاللاپ توسالغۇ بولىدىغان دورا. دوۋساقنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى سىلىق مۇسكۇلنىڭ تەرەڭلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، سىلىق مۇسكۇلنىڭ تەرەڭلىكى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدىغان سۈيدۈك چىقىرىش قىيىن بولۇشنى ياخشىلايدۇ. ئاساسلىقى يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى مەزى بېزى يوغىناش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىىلىدۇ.يەنە يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىمغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى]
ئىچىش: ① دەسلەپتە ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 1mg ئىچىلىدۇ. 4~3 كۈندىن كېيىن كۈنىگە 2mg ئىچسىلا، داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
② مەملىكىتىمىزدە تېرازوزىن مەزى بېزى يوغىناشقا ئىشلىتىلگەندە كۈندە 2mg ئىچىلىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكا بىمارلىرى كۈنىگە 5mg ئىشلىتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمغا ئىشلەتكەندە باشقا دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىپ، مىقدارىنى قان بېسىمى كونترول بولغىچە ئاستا-ئاستا يۇقىرىلىتىشقا بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈنىگە 5mg ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئايرىم بىمارلارنىڭ كۈنلۈك دورا ئىشىلتىش مىقدارى 10mg غا بارىدۇ.
[ناچار تەسىرى] دورا ئىچىشكە باشلىغاندا ياكى ئۇشتۇمتۇت دورا توختاتقاندا باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ. بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان تۆۋەن قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئەھۋاللىرى بار. يەنە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، چارچاش، كۆرۈش خىرەلىشىش، قول-پۇتلىرى ئىششىش، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسى كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھادىسلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى تۆۋەن ھەم يېنىك. ئەگەر ناچار تەسىرى ئېغىر بولسا دورا توختاتسا بولىدۇ.
[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار] دورا ئىچىشكە باشلىغاندا ماشىنا ھەيدەش ياكى خەتەرلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. باش قېيىش كېلىپ چىققاندا دەرھال ئولتۇرۇۋېلىش ياكى ياتقاندا ئورنىدىن تۇرغاندا ھەرىكىتى ئاستا بولۇشى لازىم.
[ ياسالمىسى ۋە ئۆلچىمى] تابلېتكا: 5mg ،1mg ،2mg لىق.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسىنى قانچىلىك ۋاقىت يېيىش كېرەك؟ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمى نورماللاشسا، دورا يېيىشنى توختاتسا بولامدۇ؟ دورىنى توختىتىشقا بولمايدۇ. بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى يىلتىزدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، با
ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە ... ياشانغانلار تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، بەدەندە ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياشانغانلار دورا ئىشلەتك
كېچىدە قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىچىش خەتەرلىكمۇ ؟ قىسمەن كىشىلەر ئۇخلىغاندىن كېيىن قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىش خەتەرلىك، دەپ قارايدۇ. بىراق ساغلام ئادەم بىلەن يۇقىرى قان بېسىمى بىمارىنىڭ ئە
تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ئادەتتە كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى تېمىتىپ قويۇپلا كارىمىز بولمايدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، كۆزگە تېمىتىدىغان دورا بۇرۇن-ياش نەيچىسى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇق
قان بېسىم دورىسىنى توختىتىشقا ياكى ئازايتىشقا بولامدۇ؟ قان بېسىم پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، بېسىم بولمىسىلا سەكرەپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بەدەندىكى قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسىدا فۇنكسىيەلىك توسالغۇ پەيدا بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى بەدەننىڭ
