مىفېپرىستون (Mifepristone 米非司酮)
[باشقا نامى] Mifegyne Lnnarette 息百虑
息隐 含珠停
[تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى] ھامىلىدارلىققا قارشى يېڭى ھورمون بولۇپ، پروگېستېرون قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى بىلەن بىرىكىشچانلىقى پروگېستېروندىن 5 ھەسسە كۈچلۈك. يالغۇز ئىشلەتكەندە تولۇق بولمىغان بالا چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئەمما بالىياتقۇنىڭ پروستاگلاندىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرالايدۇ. شۇڭا، پروستاگلاندىن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە تولۇق بالا چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يەنە بالىياتقۇ بوينىنى يۇمشىتىش ۋە كېڭەيتىش رولى بار بولغاچقا، ئاياللار بۆلۈمى تەكشۈرۈشى ۋە ئوپىراتسىيىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

[ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى] دەسلەپكى ھامىلىدارلىققا قارشى تۇرۇشتا ھەيز توختاپ 7 ھەپتىدىن ئاشمىغانلار ھەر قېتىم 25mg دىن، كۈندە 4~2 قېتىم، ئۈزۈلدۈرمەي 3 ياكى 4 كۈن ئىچىدۇ. ھەيز توختاپ 7 ھەپتىدىن ئاشقانلار ھەر قېتىم 100mg دىن كۈندە 2 قېتىم ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىدۇ ياكى 48~38 سائەت بولغاندا ياكى جىنسىي يول قىزارغاندا سۇلپروستوندىن 25mg مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىدۇ ياكى جىنسىي يولغا گېمېپروستتىن 1mg قۇيۇلىدۇ ياكى مسوپروستولدىن 400ug ئىچىلىدۇ. ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلدىكى بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان ھامىلىنى چۈشۈرۈشتە، ھەر قېتىم 200mg دىن، كۈندە ئىككى قېتىم ياكى كۈندە بىر قېتىم 600mg دىن جەمئىي 2 كۈن ئىچىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينىنى كېڭەيتىشكە بىر قېتىمدا 200mg~100 ئىشلىتىلىدۇ.
[ناچار تەسىرى] كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، باش قېيىش، قورساق ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار] 35ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. دورا ئىشلىتىپ 12~8 سائەتكىچە كۆزىتىش كېرەك.
[ياسالمىسى ۋە ئۆلچىمى] تابلېتكا: 25mg; 100mg;200mg .
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : لېۋونور گېسترېل ھالقىسى
- كېيىنكىسى : تېرازوزىن
قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسىنى قانچىلىك ۋاقىت يېيىش كېرەك؟ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمى نورماللاشسا، دورا يېيىشنى توختاتسا بولامدۇ؟ دورىنى توختىتىشقا بولمايدۇ. بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى يىلتىزدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، با
ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە ... ياشانغانلار تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، بەدەندە ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياشانغانلار دورا ئىشلەتك
كېچىدە قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىچىش خەتەرلىكمۇ ؟ قىسمەن كىشىلەر ئۇخلىغاندىن كېيىن قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىش خەتەرلىك، دەپ قارايدۇ. بىراق ساغلام ئادەم بىلەن يۇقىرى قان بېسىمى بىمارىنىڭ ئە
تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ئادەتتە كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى تېمىتىپ قويۇپلا كارىمىز بولمايدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، كۆزگە تېمىتىدىغان دورا بۇرۇن-ياش نەيچىسى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇق
قان بېسىم دورىسىنى توختىتىشقا ياكى ئازايتىشقا بولامدۇ؟ قان بېسىم پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، بېسىم بولمىسىلا سەكرەپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بەدەندىكى قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسىدا فۇنكسىيەلىك توسالغۇ پەيدا بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى بەدەننىڭ
