
نۇرغۇن ئاياللار تۇرمۇشى قائىدىلىك، تەرتىپلىك تۇرۇپمۇ، جىنسىي يول ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي يولنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ خاتا بولغانلىقى، پاكىز بولمىغان ئارىشاڭغا چۈشكەنلىكى ياكى يولدىشىدا قو- پۇت تەمرەتكىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ياخشى ئاسراش ئۇسۇلى « كارى بولماسلىق » تۇر، جىنسىي يولنىڭ نورمال مۇھىتىنى ساقلاش، ئىچ كىيىم ۋە لۆڭگىنىڭ تازىلىقىغا، دېزىنفېكسىيە قىلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
جىنسىي يولنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشمۇ ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ھەمىشە بەزى ئاياللار دوختۇردىن : « دورا يېگەندىن باشقا، يەنە جىنسىي يولنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ » دەپ سورايدۇ، يەنە بەزىلەر جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھەيرانلىق بىلەن: « مەن ھەر كۈنى يۇيۇنۇپ تۇرغاندىن باشقا، يەنە جىنسىي يولنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىدىغان تۇرسام، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلگە گىرپتار بولىمەن ؟ » دەپ سورايدۇ.
جىنسىي يولنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ رولىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە ئۇنى خاتا ئىشلىتىش، دەل ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى ياللۇغى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب. تېببىي چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى بىر خىل ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىت بولۇپ، ئەسلىدىنلا نۇرغۇنلىغان مىكروبلارنى يوقىتىش رولىغا ئىگە. تېبابەتتە بۇ « تەبىئىي تازىلاش » دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقارلىق بولۇپ، مىكروب يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە جىنسىي يولنىڭ ئاجىز كىسلاتالىق مۇھىتىنى نېيتراللاشتۇرۇۋېتىپ، ئەكسىچە مىكروبقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. ئەگەر تامچە قۇرتتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ياللۇغلانغان بولسا كىسلاتالىق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى، تەسۋىسىمان باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ياللۇغلانغان بولسا ئىشقارلىق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك.
[ سەمىڭىزدە بولسۇن ] جىنسىي يولنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېلانلىرىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ. يۇيۇش سۇيۇقلۇقى پەقەت قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر جىنسىي يولى ياللۇغى بولۇپ، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ دوختۇردىن مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئېلىش كېرەك، شۇنىڭدا قاراتمىلىق ھالدا داۋالانغىلى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : دورىغا مۇناسىۋەتلىك ناچار ئادەتلەر
- كېيىنكىسى : قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟
قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسىنى قانچىلىك ۋاقىت يېيىش كېرەك؟ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمى نورماللاشسا، دورا يېيىشنى توختاتسا بولامدۇ؟ دورىنى توختىتىشقا بولمايدۇ. بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى يىلتىزدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، با
ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە ... ياشانغانلار تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، بەدەندە ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياشانغانلار دورا ئىشلەتك
كېچىدە قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىچىش خەتەرلىكمۇ ؟ قىسمەن كىشىلەر ئۇخلىغاندىن كېيىن قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىش خەتەرلىك، دەپ قارايدۇ. بىراق ساغلام ئادەم بىلەن يۇقىرى قان بېسىمى بىمارىنىڭ ئە
تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ئادەتتە كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى تېمىتىپ قويۇپلا كارىمىز بولمايدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، كۆزگە تېمىتىدىغان دورا بۇرۇن-ياش نەيچىسى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇق
قان بېسىم دورىسىنى توختىتىشقا ياكى ئازايتىشقا بولامدۇ؟ قان بېسىم پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، بېسىم بولمىسىلا سەكرەپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بەدەندىكى قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسىدا فۇنكسىيەلىك توسالغۇ پەيدا بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى بەدەننىڭ
