يازدا تولۇقلاش ئەڭ زۆرۈر ئوزۇقلۇقلار ۋە ئەڭ خەتەرلىك 7 يېمەكلىك

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەردىكى ئىشتىھاسىزلىق، تېرىككەكلىك،ئاسان چارچاش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىئارامچىلىقلار پەقەت ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن ، يەنە بەدەندىكى بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندە بىز تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە تولۇقلاش ئەڭ زۆرۈر بولغان بىر نەچچە خىل ئوزۇقلۇقنى تونۇشتۇرىمىز:

كالتىسىي

يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدىكى كۆپ تەرلەش كالتىسىينىڭ ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كالتىسىي كېمىيىپ كەتكەندەك تېروپونىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۆڭەك مۇسكۇلىنىڭ يىغلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، ماغدۇرسىزلىق يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تېنىدە كالتسىي يېتىشمىگەن كىشىلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ھەددىدىن ئارتۇق ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، كىچىك بالىلاردا كالتىسىي كەملىك يۈز بەرسە كۆپ تەرلەيدۇ ھەم يىغلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ، چوڭلاردا كالتىسىي كەملىك كۆرۈلسە ئاسان چېچىلىدۇ، ئاچچىقى يامان ھەم ئازراق نېرۋا مىجەز بولۇپ قالىدۇ، كەيپىياتنى كونترول قىلالمايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا ياز پەسلىدە تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن ، كالا سۈتى، قېتىق، ئىرىمچىك قاتارلىق سۈت ياسالمىلىرى ۋە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ۋە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېقى قاتارلىق پۇرچاق ياسالمىلىرىنى، يەنە كىچىك يېسسىۋېلەك، قىچا ۋە كەرەپشە قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

سىنىك

يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدىكى كۆپ تەرلەش سىنىكنىڭ ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشچە، سېنىڭ تەم سەزگۈسى ماددىسىنىڭ سىنتېزلىنىشىگە قاتنىشىپ، تەم سەزگۈچى ماددىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئەگەر بەدەندە سنك كەمچىل بولسا ، ئاسانلا ئىشتىھاسىزلىق پەيدا بولىدۇ، سىنىك ئەرلىك ھورمۇنى سېنتىزلەشتىكى زۆرۈر ماددا بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەزى بېزىنى قوغداش رولىغا ئىگە بولغاچقا، سۈيدۈكنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە سۇ مەھسۇلاتلىرى، قارا گۆش، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە قارا ئاشلىقلاردا ناھايىتى مول بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئويستېر قۇلۇلىسى تەركىبىدە سىنىك ئەڭ مول بولغاچقا، قۇلۇلە تۈرىدىكى يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە راك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش سىنك تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

ئاقسىل

ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن نۇرغۇن ئىشتىھاسى ناچار كىشىلەر سوغۇق سەي، مېۋە-چىۋە، لەڭپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، لېكىن بۇ يېمەكلىكلەر بەدەندە يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئاقسىل ئورگانىزىملارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ ماددىي ئاساس ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئاقسىلنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، تېرە ۋە شىللىق پەردىلىرىنىڭ قىسمەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، كېسەللىك مىكروبلىرى ئاسانلا كۆپىيىپ ۋە كېڭىيى ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ياز پەسلىدە بېلىق، گۆش، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، تۇخۇم ۋە سۈت ياسالمىلىرى قاتارلىق تەركىبىدە سۈپەتلىك ئاقسىللار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئورگانىزىملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار

يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدىكى كۆپ تەرلەش ۋە ئىشتىھاسىزلىقمۇ ب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە ئېقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندە ۋىتامىنB1 كەمچىل بولغاندا، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىشتىن باشقا، يەنەروھىي چۈشكۈنلۈك، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ۋىتامىن B6كەمچىل بولغاندىكى مۇھىم بىر ئالامەت خۇشال خۇرام بولالمايدۇ، ۋىتامىن B12كەمچىل بولغاندا تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بوشلۇق تۇيغۇسى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتكەندە قىزىل پۇرچاق، ماش ۋە سۇلۇ قاتارلىق قارا ئاشلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق مىقداردا ھايۋانات جىگىرى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ياز پەسلىدىكى ئەڭ خەتەرلىك يەتتە خىل يېمەكلىك

ھەر يىلى ياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، بەزى كىشىلەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئاينىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بۇ ئېھتىمال كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا ئامېرىكا «فوكىس خەۋەرلىرى تورى»ئامېرىكا ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى خۇلاسىلەپ چىققان ياز پەسلىدىكى ئەڭ خەتەرلىك يەتتە خىل يېمەكلىكنى ئېلان قىلدى.

پىششىق گۆش

ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا شتاتى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكرو ئورگانىزىم ۋە ئىممۇنولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور مايكولنىڭ قارىشىچە، پىششىق گۆش يېمەكلىكلىرى ناھايىتى ئاسانلاچوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدىكەن، تاللا بازارلىرىدا سېتىۋالغان پىششىق گۆش يېمەكلىكلىرىنى چوقۇم ئۈزۈل-كېسىل قىزدۇرغاندىلا ئاندىن ئىستىمال قىلىشقا بولىدىكەن.

پۇرچاق ئۈندۈرمىسى

پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىللىق ھەمدە مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بۇ مۇھىت يەنە دەل شۇ سالمونىللا باكتېرىيىسى، لىستېرىيە باكتېرىيىسى ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك شارائىت ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تېكساس شتاتى ئوزۇقلۇق ئىلمى مۇتەخەسسىسى گودسۇن مۇنداق دەيدۇ: پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى سالات ۋە ھامبورگلارغا سېلىشتىن ئاۋۋال ئەڭ ياخشىسى قورۇۋېتىش كېرەك، بولمىسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش خەۋپى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ.

تۇخۇم

ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى لوس ئانجېلىسىدىكى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لاۋرىنىڭ قارىشىچە، خام تۇخۇم ياكى تولۇق پىشمىغان تۇخۇمدا باكتېرىيە بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى يېگەن چاغدا ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ تۇخۇمنى تولۇق پىشۇرۇپ يېيىشنى، تۇخۇم بىلەن ئۇچراشقان بارلىق قاچا قۇچىلار ۋە ئىككى قولنى پاكىز يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

كاۋاپ

ئامېرىكىنىڭ بالتىمور شەھىرىدىكى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى تېرسىنىڭ قارىشىچە، گەرچە ياز پەسلىدىكى يېمەكلىك خېيىم خەتىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئادەمنى زەھەرلىگۈچى كېسەللىك باكتېرىيەلەردىن كەلسىمۇ، كاۋاپلاردا ھاسىل بولغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدىكەن. كۆپ خىل تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۆشلەرگە ئاچچىقسۇ، لىمون ۋە باشقا دورا دەرمانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم سائەتلەردىن كېيىن كاۋاپ قىلسا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. كاۋاپ پىشۇرغان چاغدا يالقۇنسىز چوغ ئىشلەتسە، توختىماي ئۆرۈپ تۇرسا، ياغلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ئازلىتىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.

قوغۇن

قوغۇن-تاۋۇزلار ئاسانلا لىستېرىيە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ باكتېرىيەنىڭ باشقا كېسەللىك باكتېرىيىلىرىدىن پەرقى شۇكى، ئۇ توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش مۇھىتىدىمۇ ياخشى كۆپىيەلەيدۇ. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، لىستېرىيە باكتېرىيىسى قوغۇن تاۋۇزلارنىڭ سىرتىدا ياشايدىكەن، قوغۇن تىلغان چاغدا شاپىقىدىكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ قوغۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قوغۇننى ئېقىۋاتقان سۇدا پاكىز يۇيۇش ھەم پاكىز سۈرتۈش، تىلىپ قويغان قوغۇن تاۋۇزلارنى توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ساقلىماسلىق كېرەك.

توخۇ گۆشى

2014-يىلى ئىستېمالچىلار دوكلاتى ژۇرنىلى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق توخۇ تۆش گۆشىنىڭ سالىمونىللا باكتېرىيەسى قاتارلىق كېسەللىك باكتېرىيىلىرى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىدى. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ئەيمىسۇن توخۇ گۆشى يېيىشتىن بۇرۇن تولۇق پىشۇرۇپ، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى تولۇق يوقىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خام توخۇ گۆشى ياكى كالا گۆشى قاتارلىقلارنى سالات ياكى مېۋە چىۋىلەرنىڭ ئۈستىگە قويماسلىق كېرەك ئىكەن، ولمىسا خام گۆشلەرنىڭ سۇلىرى باشقا يېمەكلىكلەرنى بۇلغاپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاشقان تاماق

ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گودسوننىڭ قارىشىچە، ئاشقان قورۇما ۋە تاماقلارنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، باشقا قورۇما ۋە تاماقلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا چۈشكەن ھامان توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ توڭلاتقۇغا سېلىنماي تۇرغان ۋاقتى تۆت سائەتكە يېقىنلىشىپ قالسا چوقۇم تاشلىۋېتىش، زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.

 

ئەڭ ئاخىردا كۆپچىلىككە يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ياز كۈنلىرى چوقۇم مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش ھەم ئۇسسۇزلۇق ئىچىشتە مۆتىدىل بولۇش،سوغۇق بولماسلىق ، ئەسلىدە تەمدە بولۇش،تاتلىق بولماسلىق،ئاستا بولۇش تېز بولماسلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تاۋۇز ۋە تەرخەمەك قاتارلىق سوغۇق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سۇ تولۇقلاشقا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر