يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۈيىنى ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بەزىلەر سودا سۈيى ئىچىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئۇ بەدەندىكى كىسلاتالىقنى نېيتراللاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا سودا سۈيىنى كۆپ ئىچىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، سودا سۈيى تەركىبىدە ناترىي ھىدروكاربونات (ئىچىملىك سودا) بولغان بىر خىل ئاجىز ئىشقارلىق سۇ بولۇپ، تەبىئىي سودا سۈيى ۋە سۈنئىي سودا سۈيى، دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. تەبىئىي سودا سۈيىدە ناترىي ھىدروكاربونات بولغاندىن سىرت، يەنە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بولىدۇ. سۈنئىي سودا سۈيى ساپ سۇغا ناترىي ھىدروكاربونات ۋە باشقا خۇرۇچلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
نورمال كىشىلەر قېنىنىڭ PH قىممىتى ئادەتتە 7.35 بىلەن 7.45 ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئاسانلىقچە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. سودا سۈيىدە ناترىي بولغاچقا، كۆپ ئىچىۋەتسە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى سۈنئىي سودا سۇلىرىغا يەنە شېكەر ۋە باشقا مېۋە قەنتى قىياملىرى قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل كۆپ مىقداردا ئىچسە، سېمىزلىك، زىيابىتۇس (دىيابېت) كېسىلى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا سودا سۈيىنى مۇۋاپىق ئىچىش لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : قانداق كىشىلەر ئالقات يېسە بولمايدۇ؟
- كېيىنكىسى : تومۇز ئىسسىقتا كۈنبويى ئۇسساتمايدىغان ئاددىي رېتسېپ
يازدا تولۇقلاش ئەڭ زۆرۈر ئوزۇقلۇقلار ۋە ئەڭ خەتەرلىك 7 يېمەكلىك ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەردىكى ئىشتىھاسىزلىق، تېرىككەكلىك،ئاسان چارچ
دائىم گۈرۈچ تامىقى (مىفەن) يېسە دىئابېت بولۇپ قالامدۇ؟ دائىم گۈرۈچ تامىقى (مىفەن) يېسە ئاسانلا دېئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ كۆپچىلىك جىددىيلەشمەي ئاۋۋال ئوقۇيلى! دېئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئې
ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى: ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 10 يېمەكلىك يېقىندا، ئامېرىكىدىكى دەۋر ژۇرنىلى ساغلاملىققا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان 10خىل يېمەكلىكنى ئېلان قىلدى، بۇ يېمەكلىكلەر كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇپ، بەدەن ئىقتىدارىنى
تومۇز ئىسسىقتا كۈنبويى ئۇسساتمايدىغان ئاددىي رېتسېپ ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە سىناقتىن ئۆتكەن تومۇز ئىسسقتا كۈنبويى ئۇسساتمايدىغان ئىنتايىن ئاددىي رېتسېپنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ. كېتەرلىك ماتېرىيال: 1. بە
سودا سۈيىنى بەك ئىچىلى، مۇنداق پايدىسى باركەن مانا! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۈيىنى ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بەزىلەر سودا سۈيى ئىچىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئۇ بەدەندىكى كىسلاتالىقنى ن
