
1.قارا پۇرچاقنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستېمال قىلىش. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ بىر ساغلاملىق پروگراممىسىدا 91 ياشلىق بوۋاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بوۋاي شۇ ياشتا تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك تىمەن تۇرغان، ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى بوۋاينىڭ چىشى تېخىچە چۈشۈپ كەتمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇنىڭ بۇرۇندىن قارا پۇرچاق ئىستېمال قىلغانلىقىدا ئىكەن.
ماتېرىيال: مۇۋاپىق مىقداردا قارا پۇرچاق بىلەن ئاچچىقسۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) يۇيۇپ پۈتۈنلەي قۇرىغان قارا پۇرچاقنى قازانغا سېلىپ نورمال ئوتتا قورىيمىز.
2) بەش مىنۇت قورىغاندىن كېيىن مېزىلىك پۇراق بىلەن تەڭ پۇرچاقنىڭ ئېتىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. بۇ دەل پۇرچاقنىڭ پوستى ئېتىلىپ چىققان ئاۋازى بولۇپ، بۇچاغدا ئوتنى پەسەيتىپ يەنە بەش مىنۇت قورىيمىز.
3) قورۇپ بولغاندىن كېيىن پۇرچاقنى قاچىغا سېلىپ، ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايغا قويۇپ شامالدىتىمىز. 4) شامالداتقان پۇرچاقنى ئاغزى ھىم ئىتىلىدىغان قاچىغا سېلىپ، ئاچچىقسۇنى قۇيىمىز.
5) پۇرچاق ئاچچىقسۇنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرىۋالغاندىن كېيىن، قاچىغا ئۇسۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: بىرلا قېتىمدا كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، بىر قېتىمدا پەقەت ئىككى - ئۈچ تال ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ.

2. خاسىڭنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستېمال قىلىش. ئاچچىقسۇغا چىلىغان خاسىڭنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، قان تومۇر دىۋارىنى قوغداش، قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرنى يۇمشىتىدۇ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ماتېرىيال: خاسىڭدىن 50 گرام، ئاچچىقسۇدىن يېرىم بوتۇلكا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) خاسىڭدىن 50 گرام تەييارلاپ ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان قۇتىغا سېلىپ، ئاچچىقسۇنى قۇيىمىز.
2) ئاغزىنى ھىم ئېتىپ سالقىن جايغا 10-7 كۈنگىچە ساقلايمىز.
3) بىر ھەپتىدىن كېيىن يىيىشكە بولىدۇ. ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: كۈنىگە 10-5 تالغىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
3. ئاچچىقسۇغا زەنجىۋىلنى چىلاپ ئىستېمال قىلىش. پۈتكۈل بەدىنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا زور پايدىلىق. ماتېرىيال: ياپىلاقلانغان زەنجىۋىلدىن بىر تال، ئاچچىقسۇدىن بىر بوتۇلكا. تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) ياپىلاقلانغان زەنجىۋىلدىن بىرنى قۇتىغا سېلىپ، ئاچچىقسۇنى لىق قىلىپ قۇيىمىز.
2) ئاغزىنى ھىم ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر ھەپتە ساقلىغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ھەركۈنى ئەتىگەندە 4-2 پارچىغىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ناشتا قىلماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ؟
- كېيىنكىسى : زىيادە سېمىزلىك
ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئەلداۋا خانىم-قىزلار ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋپى تۆۋەن بولامدۇ؟ ئامېرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىن
سۇ ۋە سالامەتلىك ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى : ئادەم بەدىنىدە سۇنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، چوڭلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ياخشى قانچە كىچىك بولغانسېرى سۇنىڭ نىسبىتى شۇن
بۇ ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ چاينى ئاز ئىچكىنى ياخشى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئاممىۋى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لى شياۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاي جۇڭگون
ئاشتۇزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك زەھەر قايتۇرۇش رولى بار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئاشتۇزىنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەپ، ئىشتىھانى ياخشىلىغاندىن سىرت، يەنە زەھەر قايتۇرۇش رولىمۇ ئادەتتىكى دورىلاردىن قې
بەدەننى ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە 10 خىل يېمەكلىك 1.يېشىل كۆكتات. يېشىل كۆكتاتنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسانلا ئادەمدە تويۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. 2.تاتلىقيا
