1.يېشىل كۆكتات. يېشىل كۆكتاتنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسانلا ئادەمدە تويۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ.
2.تاتلىقياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ھەزىم قىلىشقا قارشى كراخمال بار. ئەنگلىيە «ئوزۇقلۇق ژۇرنېلى» نىڭ بىر يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەزىم قىلىشقا قارشى كىراخمالنىڭ تۇيۇش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار ئىكەن.
3.بېلىق. بېلىقنىڭ تەركىبىدە تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغاچقا، ماي كىسلاتاسى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قورساق ئاچمايدۇ. «ياۋروپا كىلىنكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى ژۇرنېلى» نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېلىقنى كۆپ يەيدىغانلارنىڭ كالا گۆشىنى كۆپ يەيدىغانلارغا قارىغاندا قورسىقى ئاسان تويۇپ قالىدىكەن.
4.نېلۇپەر ئۇرۇقى مېغىزى. نېلۇپەر ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى يەنە كېلىپ تەركىبىدە كراخمال، ئاقسىل، ۋىتامىن B1، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار مول. يەنە كېلىپ نېلۇپەر مېغىزىدە سۇدا ئېرىشچان تالا مول بولۇپ، ئۈچەينىڭ ماينى سۈمۈرۈش مىقدارىنى ئازايتىپ بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ.
5.دۇفۇ. دۇفۇ تۆۋەن مايلىق، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدىكى مول ئاقسىل بەدەننىڭ ماددا ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە تويۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما دۇفۇنى بەك كۆپ يېگەندە تۆمۈرنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. (ئايزۆھرە ئەنۋەر تەرجىمىسى)
6. تۇخۇم. تۇخۇمنىڭ يۈرەككە زىيىنى يوق بولۇپلا قالماي ئورۇقلاشقا ياردىمى بار. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ھەر كۈنى تۇخۇم مىۋىدە ناشلىق قىلغان قىزلارنىڭ ئورۇقلىشى، تۆۋەن كالورىيەلىك بولكا ئىستېمال قىلغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولغان. تۇخۇم ئادەمدە تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تۇخۇمنى يېگەندىن كېيىن قورساق ئاسان ئاچمايدۇ، قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىكمۇ ئازراق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قورۇلغان تۇخۇم ۋە تۇخۇم تۈرمىلىمۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
7. ئالقات. ئالقات تەركىبىدە 18 خىل ئاقسىل بار بولۇپ ئىنتايىن مول ئاقسىل تەمىنلەش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركبىدە β-كاروتىن مول، بىر قوشۇق ئالقاتتا پەقەت 35 كالورىيە بار.
8. قېتىق. ئەسلى تەملىك قېتىقتا تافيە شىكىرى، ئاقسىل ماي بار. قان شىكىرىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.شۇڭا قورساقنى بەك ئاچۇرمايدۇ. تەتقىقاتلاردا ئايان بولۇشىچە، تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاماق تىزىملىكىدە قېتىق بولغان كىشىلەر بىلەن تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان، تاماق تىزىملىكىدە قېتىق يوق كىشىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، بەدىنىدىكى خوراتقان ماي %61 يۇقىرى، قورسىقىدىكى ماينىڭ خوراتقان مىقدارى %81 يۇقىرى بولغان.
9. ئالما. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ھەر كۈنى بىر تال ئالما يەپ بەرگەندە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىغىلى بولىدۇ. ئىتالىيە چۆپى يېيىشتىن بۇرۇن بىر تال ئالما يىگەنلەر باشقا يېمەكلىك يىگەنلەرگە قارىغاندا قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىقى تۆۋەن بولىدۇ. ئالمىنىڭ يېمەكلىك تالاسى يۇقىرى ھەر بىرىدە 4~5 گرامىغىچە يېمەكلىك تالاسى بار. يېمەكلىك تالاسى ئادەمدە ئاسانلا تويۇش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئالمىنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچ بولغاچقا، مىتابولىزىم كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
10. سۇلۇ.سۇلۇ ئادەمدە ئەڭ تويۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىك. باشقا كاربون سۇ بېرىكمىسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، گەرچە سۇلۇ بەك تېز پىشسىمۇ ئەمما سۈمۈرۈلىشى ئىنتاين ئاستا ، قانغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ھەر بىر تال سۇلۇ دانچىسىدا بەش گرام ئەتراپىدا سېللۇلوزا بار. قورساقنى ئىنتايىن تېز تويغۇزىدۇ. تېز پىشىدىغان سۇلۇنىڭ تەركىبىدىكى سېللۇلوزا 3~4 گرامغا يېتىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى
- كېيىنكىسى : ئاشتۇزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك زەھەر قايتۇرۇش رولى بار
ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئەلداۋا خانىم-قىزلار ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋپى تۆۋەن بولامدۇ؟ ئامېرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىن
سۇ ۋە سالامەتلىك ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى : ئادەم بەدىنىدە سۇنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، چوڭلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ياخشى قانچە كىچىك بولغانسېرى سۇنىڭ نىسبىتى شۇن
بۇ ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ چاينى ئاز ئىچكىنى ياخشى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئاممىۋى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لى شياۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاي جۇڭگون
ئاشتۇزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك زەھەر قايتۇرۇش رولى بار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئاشتۇزىنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەپ، ئىشتىھانى ياخشىلىغاندىن سىرت، يەنە زەھەر قايتۇرۇش رولىمۇ ئادەتتىكى دورىلاردىن قې
بەدەننى ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە 10 خىل يېمەكلىك 1.يېشىل كۆكتات. يېشىل كۆكتاتنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسانلا ئادەمدە تويۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. 2.تاتلىقيا
