مۇشۇ يىلى 4-ئايدا The Lancet ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسى «The Lancet: <مۇۋاپىق> ھاراق ئىچىشنىڭ ئېلىپ كەلگەن خەۋپى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئېشىپ كەتتى»دا مۇۋاپىق ھاراق ئىچىشمۇ بىر تۈركۈم يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ھازىر، بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خاتالىق كېلىپ چىققان تىتىن گېنى (titin) ئىسپىرت بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ، بۇ خىل گېننى ئېلىپ يۈرگۈچى ئادەمنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن، پەقەت ئاز مىقداردا ئىسپىرت بولغان تەقدىردىمۇ، نەتىجىسى ئوخشاش بولىدىكەن.
تەتقىقات ماقالىسىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى دوكتۇر جامېس (James Ware) مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز كۆرۈنەرلىك ھالدا شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىسپىرت ۋە گېن ئۆزئارا تەسىرى قىلىشىدۇ، ئېرسىيەت ئامىلى ۋە ئىسپىرىتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئورتاق رول ئويناپ، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە، كىشىلەر بۇ كېسەللىكنى كۆپ مىقداردا ئىسپىرت كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، بۇ بىمارلارمۇ گېن تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، مەسىلەن ئائىلە كېسەللىك تارىخى، گېن كەمتۈكلۈكى، شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى قاتارلىقلار.»
ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى دۆلەتلىك يۈرەك-ئۆپكە تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتۇر پائۇل (Paul Barton) تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپىرتنىڭ قانداق قىلىپ كەمتۈك گېن تىتىن بولغان، لېكىن يۈرىكىدە مەسىلە يوق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە موھتاجمىز. ئىسپىرت بىلەن يۈرەك ئارىسىدا مۇرەككەپ مۇناسىۋەت مەۋجۇت. بۇ تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، گېن خاتالىقى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسپرىت كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تەتقىقاتتا يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: يۈرەككە بېسىم ئىشلەتكەن ئەھۋالغا يۈزلەنگەندە، تىتىن گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئاسان يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلامدۇ؟ مەسىلەن راك كېسىلى دورىسى ياكى بىر قىسىم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار. بۇ دەل بىزنىڭ ھازىر پائال ئىزدىنىپ ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىمىز.»
مەنبە : نۇر تورى تەرجىمىسى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بېسىمنى يەڭگىلىتىش
- كېيىنكىسى : تۆۋەن ناترىيلىق تۇز راستتىنلا «جان ئالغۇچى تۇز» مۇ؟
تۆۋەن ناترىيلىق تۇز راستتىنلا «جان ئالغۇچى تۇز» مۇ؟ دېڭىز تۇزى، قۇدۇق تۇزى، سىنىك قوشۇلغان تۇز قاتارلىق ھەرخىل-ھەرياڭزا يېمەكلىك تۇزىدىن كېيىن،يەنەتۆۋەن ناترىيلىق تۇز دۇنياغا كەلدى. تۆۋەن ناترىيلىق تۇز زادى قانداق ت
گېنى كەمتۈك كىشىلەر ھاراق ئىچسە يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ مۇشۇ يىلى 4-ئايدا The Lancet ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسى The Lancet: مۇۋاپىق ھاراق ئىچىشنىڭ ئېلىپ كەلگەن خەۋپى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئېشىپ كەتتىدا م
بېسىمنى يەڭگىلىتىش بېسىم 21-ئەسىردىكى ئورتاق كېسەللىك، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، بېلىشىمىزچە %80 كېسەللىكنى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاد
تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلەمدۇ؟ تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: بەدەندە نىكوتىن ئازىيىدۇ، بەدەندىكى بارلىق ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇتتا ياخشىلىنىش گەۋدىلىك بولىدۇ. تاماكا
ئۇخلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى: ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتۇر ھاياتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ. لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇ كەمچىللىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى، ئۇخلاشنى چوڭقۇر چۈ
