ئۇيغۇر ئەيدىز قىز-يىگىتكە دوختۇرخانىدا ئوقۇلغان نىكاھ

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بىر-بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشۈپ نەچچە يىل ئارىلاشقان قىز-يىگىت توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ قۇيۇپ، توي خېتى ئالىدىغان چاغدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بىر-بىرسىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ بىز ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇدەك نېمە ئىش قىلغانتۇق دىيىشكەن نەزەردە تىكىلىپ تۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ئالدىشى بىلەن زەھەر چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغان يىگىت ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا، بەرىبىر توي قىلىمىزغۇ دىيىشىپ تويدىن بۇرۇنلا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولۇشۇپ يۈرگەن قىز دوستىغىمۇ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويغان ئىكەن. قىز قاتتىق ۋەھىمە ھېس قىلىپ غال-غال تىترەپ، يامغۇردەك تۆكۈلۈپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كېتىپتۇ. يىغىسىمۇ تۈگەپتۇ، يىغىدىن نېمە چىقىدۇ! چۆرگۈلىتىپ قۇيۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالغان قىز بىر دەمدىن كىيىن ھۇشۇنى تاپقاندەك بولۇپ، دەرھال يىگىتنى باشلاپ دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ جىددىلەشكەن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن قانداق يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. دوختۇر ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، قىزنىڭ جىددى ئەلپازىغا، يىگىتنىڭ غەمكىنلىك يۇشۇرۇنغان چىرايىغا تىكىلگىنىچە يىگىتتىن، زەھەر چېكەمسىز، باشقىلار بىلەن ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتكەنمۇ دەپ سوراپتۇ، يىگىت دىڭڭىدە چۈچۈپ كەتكەندەك بولۇپ، ئەيدىز بىلەن زەھەرنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ھېس قىلغاندەك، ئۆزىگە نېمە دەيدىكىن دېگەندەك ئىشەنچ-ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ تۇرغان قىزنىڭ كۆزىگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ كېتىپ لاسسىدە بولۇپ قالغاندەك روھى ھالەتتە يۇشۇرمىغان ھالدا، ھە شۇنداق، دەپ جاۋاپ بېرىشىگە، چىرايى ئۆزگىرەپ ئايلىنىپ قېلىپ يىقىلىپ قېلىشقا تەمشەلگەن قىزنى كۈزۈتۈپ تۇرغان دوختۇر چاققانلىق بىلەن يۆلىۋاپتۇ.

قىز شۇ يىقىلغانچە دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. قىزنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا مەلۇم بولۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى ھەيران قالغىنىچە كېسەل يۇقۇپ قالامدىكىن دەپ قورقۇپ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىشىپتۇ. بەزىلىرى يىگىتنى زەھەر چېكىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغاچقا، ئەيدىزنى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ دەپ ئاڭلىۋالغىنى بويىچە، توي قىلماي تۇرۇپ نېمە ئىش قىلغانتىڭلار دەپ ئۇلارنى ئەيىپلىشىپتۇ. يىگىت ئۆز قىلمىشىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ دوختۇرخانىدا قىزنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي قاراپتۇ. قىزنىڭ نىرۋىسى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاچقا ئازراق بىنۇرمال بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ بولغان بولۇپ توينىڭ ۋاقتىنىمۇ بىكىتىپ بولۇشقان ئىكەن. شۇڭا قىز يىگىتكە مەن توي قىلىمەن، نىكاھ ئوقۇتايلى دەپ تۇرىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئەمما قىز تېخى دوختۇرخانىدىن چىققىدەك بولماپتۇ. بىكىتكەن توينىڭ ۋاقتىمۇ توشۇپ قاپتۇ. قىزنىڭ روھى جەھەتتىكى سالامەتلىك ئېھتىياجىنى ئويلۇشۇپ دوختۇرنىڭ تەكلىۋى بويىچە، چوڭلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ توي مۇراسىمىنى كىيىنچە ئۆتكۈزىۋېلىشنى، ھازىر دوختۇرخانىدا بولسىمۇ نىكاھ ئوقۇتۇشنى قارار قىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سەۋەپلىك بۇ قىز-يىگىتنىڭ نىكاھى دوختۇرخانىدىكى كېسەل كارۋىتىدا ئوقۇلۇپتۇ. قىز مەن ئەيدىز بولساممۇ توي قىلدىم دەپ خوشاللىققا چۆمۈپتۇ.

ئەيدىز ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان توي ئالدىدىكى قىزنى روھى كېسەلگە دۇچار قىلىپ قۇيىدىغان مانا مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق كېسەلمۇ-ھە! ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىشىلەرگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان تەرىپى ئۇنىڭ توغرا بولمىغان قىلمىشلاردىن يۇقۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدۇر. شۇڭا، يىگىتنىڭ زەھەر چېكىپ قىزغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇشى قىزنىڭ قۇبۇل قىلالمايدىغان ئازاپ-ئەلىمىگە ئايلىنىپ كېتىپ، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىغان ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان ئۇۋالچىلىق بىلەن قىز قاتتىق روھى زەربىگە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويغۇچىغا ئايلىنىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغان.

ئۆزىنىڭ سۆيگەن قىز دوستىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى ھەرگىز  خالىمايدىغان يىگىت، كۈتمىگەن يەردىن ئويلاپمۇ باقمىغان ھالدا قىز دوستىغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسى ئىچىدە قاتتىق ئازاپقا ھەم پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان تىل قىسىلچىلىقىغا دۇچار بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى يىگىت ئىككى ئىشنى خاتا قىلغان بولۇپ، بىرسى  يىگىت نادانلىق بىلەن زەھەر چېكىشنى داۋاملاشتۇرغان، يەنە بىرسى توي قىلماي تۇرۇپ ئۆزى ئالىدىغان قىزنى قائىدىنى بۇزۇپ تويدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىكارلىق خوتۇنىغا ئايلاندۇرىۋالغان. توي قىلماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتىدە يىگىت قىز خالىمىسىمۇ زورلۇق قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما قىز يىگىت خالىمىسا زورلۇق قىلالمايدۇ. دېمەك، قىز-يىگىتلەرنىڭ بۇنداق مۇناسىۋىتىدە يىگىت ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇڭا، مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئوقۇلغان نىكاھ مۇراسىمىنىڭ كېلىپ چېقىشىنىڭ سەۋەبىمۇ يىگىتنىڭ ئۆزىنى بىلمىگەنلىكىدىن زەھەر چېكىشى ھەم شۇ جەرياندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى پەيدا قىلغان ئاچچىق ئاقىۋەتتۇر.

ئەسلىدە، قىزنى ياخشى كۆرگەن يىگىت زەھەر چېكىشنى ياخشى كۆرمەسلىكى كېرەكتى. بۇ خۇددى ئىككى كېمىگە تەڭ دەسسەپ، ئاخىرى ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق بولۇپ دېڭىزغا غەرىق بولغان ئاقىۋەتكە ئوخشايدۇ.

كىشىلەر ئادەتتە بىرسى كىيگەن  كىيىمنى يەنە بىرسى كىيىپ كەتمەيدۇ، بىرسىدىن ئاشقان تاماقنى يەنە بىرسى يىيىشنى خالىمايدۇ، بىرسى قۇيۇۋەتكەن ئايالنى يەنە بىر ئەرنىڭمۇ ئالدىراپ ئالغۇسى كەلمەيدۇ. ئەمما، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ بىرسى ئىشلەتكەن ئۇكۇل يىڭنىسى بىلەن يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىگە ئۇكۇل ئۇرۇشى  ئاشقان-تاشقانغا دۈم چۈشىدىغان قەدىرسىزلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسىدىن ئىبارەتتۇر.

جۈملىدىن، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتىپ كېلىۋالغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئىشەنچنى يەردە قويغان مۇھەببەت چېقىلىپ كەتكەن چىنىدەك ئەسلىگە كەلمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ ئەھۋال نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ. دېمىسىمۇ، تويدىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرشنىڭ سەۋەبىمۇ تويدىن كىيىن بىرسىدىن بىرسىگە يۇقۇپ قالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاشتۇر. ئەمما، نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىدا سالامەتلىك تەكشۈرىدىغان ھەم تەكشۈرتىدىغان ئىش بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق بوشلۇق ھەم يۇچۇق ئەيدىزنىڭ نىكاھ سىرتىدا كۆپلەپ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.  

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر