
جۇڭگو ياشلىرى تورى خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى: يېقىندا، 106 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 21- كۈنىگە قەدەر، چاڭشا شەھىرىنىڭ يۆلۇ رايونىدا 106 نەپەر ياش ئوقۇغۇچىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان، يۆلۇ رايونغا نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر مەركەزلىك جايلاشقان بولۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلاشقان جايى، شۇنداقلا ئالىي مائارىپى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان رايون ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندىن بۇيان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار:
خۇنەن:
2016-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش ئوقۇغۇچى 179 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار 173 نەپەر، قىزلار 6 نەپەر.
بېيجىڭ:
2015-يىلدىن 2017- يىلىغىچە بولغان 2 يىلدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100 نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسەن ھەمجىنىس ئوغۇللار.
شاڭخەي:
2015-يىلى دوكلات قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 92 نەپەر بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشقان.
گۇاڭجۇ:
2002-يىلدىن 2013- يىلنىڭ ئاخىرغىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 117 نەپەر، %90 تىن كۆپرەكىنىڭ يۇقتۇرۇۋېلىش يولى ئوغۇل ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ئالاقە.
جۇڭگو ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2010-يىلىدىكى 794 نەپەردىن 2015-يىلى 3236 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالى بارلىقى دوكلات قىلىنغان.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئېلىمىزدە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلاشماقتا. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدىكى يېشى 24-15 ياشقىچە بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھايات ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9152 نەپەر بولۇپ، 2015-يىلى يېڭى بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %12.3نى، ئوتتۇرا تېخنىكوم-ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %77.5 نى، ماگىستىرلار %10.2 نى ئىگىلىگەن؛ ئوغۇل-قىزلارنىڭ نىسبىتى 46:1 بولغان، ئوغۇللارنىڭ ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى %82.6 نى ئىگىلىگەن.
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %90 ى ئەيدىزگە ئالاقىدار ئاساسىي ساۋات-بىلىملەرنى بىلىدىكەن. ئەمما ئۆزىنى ئەيدىزدىن مۇداپىئە قىلىپ، قانداق توغرا قوغداشنى بىلمەيدىكەن.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئوغۇل ھەمجىنىسلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، ئوقۇغۇچى يۇقۇمدارلار سانىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك.
ئەلداۋا كىچىك تەھرىرىنىڭ چۈشىنىشىچە، كۆپىنچە ئەيدىز يۇقۇمى ئېغىر رايونلار ئاساسلىقى، تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ياكى بولمىسا چېگراغا جايلاشقان چەت - ياقا رايونلار، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۆزىنى ئەيدىز يۇقۇمىدىن قانداق قوغداشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئىدى. ئەمما، يېقىندىن بۇيانقى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ چەت-ياقا رايونلاردىن تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلىشىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە پىسەنت قىلمىغان ھالدا يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر، ھەتتا ئالىي-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا شىددەت بىلەن تارقىلىشى ئادەمنى سوغۇق تەرگە چۆمدۈرىدۇ. نېمىشقا تەرەققىي قىلغان جايلار، مائارىپ ئوچىقى بولغان مەكتەپلەر ئەيدىز يۇقۇمى كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي بولۇپ قالدى؟! بىز ئۆزىمىزنى زادى قانداق قوغدىشىمىز كېرەك؟
ئالىي مەكتەپ توپلاشقان رايوندا نېمىشقا قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇنچە كۆپ ئەيدىز بىمارى چىقىدۇ؟
يۇقۇملانغان بىمارلار ئىچىدە ئاساسىي ئوبيېكتى ئەر ھەمجىنىسلار بولۇپ ،ھازىرقى كىشىلەرگە نېمە بولغاندۇ؟
ئەيدىز كېسىلى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى قورقۇنچلۇق، پەقەت ئادەم بەدىنىگە كىرسىلا ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئاقىۋەتتە ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭمۇ ئاجىزلىق تەرەپلىرى بار. گەرچە ھازىرغىچە ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسى ياكى تۈپ يىلتىزدىن ساقايتىدىغان دورىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن ۋە شۇنچىلىك ئاددىي!
ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش يوللىرى قان ئارقىلىق يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتەك پەقەت 3 خىللا بولۇپ، ھازىر جەمئىيىتىمىزدە جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەيدىز بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە قان ئارقىلىق يۇقۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە قاندىن ئايرىلسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىر مىنۇتمۇ ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پەقەت بىزنىڭ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇشىمىزدا، شۇنداق بولغاندا ئۇ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچىۋالا قورقۇنۇچلۇق بولماي قالىدۇ. بىز پەقەت توغرا بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزىمىزنى پاك تۇتساق ئەيدىز ۋىرۇسى بىزنى ھەرگىز تاپالمايدۇ.
ئەلداۋا تەۋسىيەسى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پسىخىك جەھەتتىكى يېتىلىشىگە سەل قارىماي، بالىلاردىكى بىنورمال پسىىخك ھالەت ياكى قىلمىشلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
بۇ ئۇچۇرنى باشقا ئاتا-ئانىلار، ياشلارنىڭمۇ كۆرۈشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنۇتماڭ، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقانغا پەقەت دەقىقە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتى قوزغىلىپ، ياشلارنىڭ بىھۇدە ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇش مۇمكىن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بەزمىخانىدىكى ھەمجىنىسلىق ۋە ئەيدىز
- كېيىنكىسى : ئېرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈرەك نىداسى
ئۇيغۇر ئەيدىز قىز-يىگىتكە دوختۇرخانىدا ئوقۇلغان نىكاھ بىر-بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشۈپ نەچچە يىل ئارىلاشقان قىز-يىگىت توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ قۇيۇپ، توي خېتى ئالىدىغان چ
دۇنيادىكى داۋالىنىپ ئەيدىزدىن تەلتۆكۈس ساقايغان تۇنجى بىمار ئەيدىز كېسىلى بولسا بىرخىل ئىنسانلارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى(HIVۋىرۇسى)يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمنى
خۇاڭ شياۋمىڭ ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولدى سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ماي ب د ت ئەيدىز كېسلىنى پىلانلاش مەھكىمىسى دوستلۇق ئەلچىسى خۇاڭ شياۋم
ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ دەردى ۋە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم مەنمۇ بىر يۇقۇملانغۇچى، يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلگەندىن باشلاپ كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىسىز، قايغۇرۇش، ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. تېخى دورا يىيىشنى باشلىمىدىم، كۆڭلۈم جا
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا تەدبىرلەر قايسىلار؟ گەرچە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار خېلىلا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەردە نۇرغۇن خاتا قاراش مەۋجۇت. بۇ خاتا قاراشلار قايسىلار؟ 1. سۆيۈشۈشتى
