پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەيدىز كېسىلىگە دائىر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىندى

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەيدىز كېسىلىگە دائىر سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىندى
 ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى كۈندىن كۈنىگە كۆپىيىپ، ياش ئىستۇدېنتلار ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇقتىلىق كىشىلەر بولۇپ قالغان. 2017-يىلى 6-ئاپرېلغىچە، يۆلۇ رايونىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 603 گە يەتكەن، ۋاھالەنكى يۆلۇ رايونى تەۋەلىكىدە ئالىي مەكتەپلەر كۆپ بولغاچقا، ياشلار كۆپ ئىكەن. يۆلۇ رايونى دۆلەتلىك ياش ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، مەكتەپلەردە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلىنى تەشۋىق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، 2017-يىلى 21-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا 106 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
 ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە، تۆۋەندىكى مەزمۇننى چوقۇم كۆرۈڭ!
خۇنەن ئۆلكىسىدە 2014-يىلى 138 ئەيدىز بىمارى بايقالغان، 2015-يىلى 154 نەپەر بايقالغان، سەككىز يىلدا 37 ھەسسە كۆپەيگەن.
جياڭسۇ ئۆلكىسىدە 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جياڭسۇدا 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
شاڭخەيدە 2015-يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2014-يىلىدىكىدىن %31.4 ئاشقان.
خۇبېي ئۆلكىسىدە 2015-يىلى 10-ئايغىچە، 139 مەكتەپنىڭ 537 ئوقۇغۇچىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان.
جياڭشىدا 1994-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغاندىن ھازىرغىچە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئەيدىز بىمارىنىڭ سانى 12 مىڭ 94 كە يەتكەن. 2003-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، 2016-يىلى 31-ئۆكتەبىرگىچە جياڭشىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 320 گە يەتكەن.
 يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى ئېشىپ، ھەتتا بەزى رايونلاردا ئالاھىدە كۆپ بولغان. ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىن قارىغاندا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىز ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ۋە ئاساسلىق چاقىرىق بولۇپ قالغان.
بالىلار ئۈچۈن بۇ بىلىملەرنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك.
ئىستۇدېنتلار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ؟
كەسپىي خادىملارنىڭ تەھلىلىچە، ئىستۇدېنتلارنىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبى تۆۋەندىكىچە بولىدىكەن:
1. ئىستۇدېنتلارنىڭ جىنسىي ئىدىيەسى ئوچۇق.
نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېچىسى قايتمايدىغان، تەتىللەردە سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋاللىرى ئىنتايىن كۆپ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوغۇل ئىستۇدېنتلارنىڭ جىنسىي ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغانلار كۆپ بولۇپ، بەزى ئوغۇل ئىستۇدېنتلار ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمىنى سېتىۋالسىمۇ، بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ياخشى ئىشلىمەيدىكەن.
2. جىنسىي بىخەتەرلىك توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ كەمچىللىكىدىن ئۆزىنى قوغداشنى بىلمەسلىك
گۇاڭجۇ ئىستۇدېنتلىرى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پاراۋانلىق تەشكىلاتى «دوست پاراۋانلىقى» نىڭ ئويۇشتۇرغۇچىسى. خۇانەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن دۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، ئىستۇدېنتلار ئىچىدە بىر جۈپلەرنىڭ جىنسىي ئالاقىدە گاندون ئىشلەتمەسلىك ئەھۋاللىرى ئاز بولسىمۇ، ئوغۇللار بىلەن ئوغۇللار مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللانماي، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان.
3. ئالىي مەكتەپلەردە جىنسىي تەربىيە قالاق
چېن دۇنىڭ بايقىشىچە، بەزى نامرات رايونلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشىنىشى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە جىنسىي تەربىيە قالاق بولغانلىقتىن، ھۆكۈمەت مائارىپ سىستېمىسى ۋە سەھىيە سىستېمىسى ئىستۇدېنتلارغا بېرىلىدىغان ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەرەپتىكى تەربىيەسىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ مەسىلىنى جىددىي مەسىلىگە ئايلاندۇرغان.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىزدىن قانداق مۇداپىئەلىنىدۇ؟
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ئىشلەتمەي، ئورنى يوق قان بېرىشنى ئازايتىپ، ئادەتتىكى تۇرمۇشتا يارىدارلارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشماسلىقنى ئەسكەرتتى.
ئامبولاتورېيەلەرگە قالايمىقان بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، ھۆسىن تۈزەش، چىش تارتقۇزۇش، قۇلاق تىشىش، بەدەنگە گۈل چېكىش قاتارلىقلاردا چوقۇم نوپۇزلۇق ئورۇنلارغا بېرىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، چىش كولىغۇچ، ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، زەھەر چەكمەسلىك، شەھۋانىي سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا توغرا بولغان ئەخلاق قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، باشقىلار بىلەن ئارىلاشقاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنى سۆيۈپ، ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، گاندوننى توغرا ئىشلىتىپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەگەر بىخەتەر بولمىغان ئالاقە بولسا ھەر دەرىجىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ياردەم سوراش كېرەك.
ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئىشلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
ئەلۋەتتە، تۇرمۇشىمىزدا چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدۇ. تۆۋەندىكى مەسىلە سىز چوقۇم چۈشەنمىسىڭىز بولمايدىغان مەسىلىدۇر.
ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى قايسىلار؟
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى گەرچە نورمال ئادەمگە ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قېنى، ئىسپىرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىسى، تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى ياللۇغ يارا تەسىرىدە سىرتقا ئېقىپ قالغان سۇيۇقلۇق تەركىبىدە زور مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولىدۇ، بۇ ئاجرالمىلار ئىنتايىن ئۆتكۈر يۇقۇشچانلىققا ئىگە ئانا سۈتىدىمۇ ۋىرۇس بار بولۇپ، ئانا سۈتىدىنمۇ يۇقۇش خەۋپى بار.
دەلىللەنگەن يۇقۇش يوللىرى ئۈچ خىل بولۇپ، بىرى قان، يەنە بىرى ئىسپىرما، يەنە بىرى ئانا سۈتى.
شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، بىرگە تاماق يىگەندە، بىرگە خىزمەت قىلىپ، تازىلىق ئۆيىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە، سۇ ئۈزگەندە، يۇيۇنغاندا، پاشا چاققانغا يۇقمايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر