
ئېرى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ئايال يامغۇردەك تۆكۈلۈپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بوقۇلداپ يىغلىماقتا، ئەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك بىچارە ھالدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرماقتا، شۇنداقلا ئايالى ئالدىدا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماقچى بولۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما ئايالى ئائىلىسىگە چىدىمىغان ھالدا ھېقىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇھەببەت ھەم ئازاپ بىلەن سۆزلىمەكتە. ئەر ئۆز قىلمىشىدىن يۇققان كېسەل بولغاچقا تىلى قىسقىلىق بىلەن ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ئايالى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن نومۇس قىلىپ، قىزغىنلىقىنى يوقۇتۇپ مۇڭ ھەم غەمگە پاتقان ئادەمگە ئايلانغان ھالدا روھى چىقىپ كەتكەندەك ئولتۇرماقتا.
-بىزنىڭ يىگىرمە يىللىق ئائىلىمىز، تۆت بالىمىز ئەيدىزدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ يۈزىگە سالمىسام، تاپا-تەنە قىلمىسام يەنە بالىلىرىمىزنى بىللە باقساق نېمىشقا بولمايدىكەن، ۋىرۇسقا قارشى دورا يىسە، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا ھېچنېمە بولمايدىغان بىر ئەيدىزنى دەپ ئائىلىمىزنى توزىتىۋېتەمدۇق، بالىلىرىمىزنى يىتىم قىلامدۇق، بىر كېسەلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تاشلىۋەتەن ئەر-بىر دادا بالىلىرىم قانداق چوڭ بولار دېگەننىمۇ ئويلىمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالسا قانداق بولىدۇ! دادىسى ئەيدىز دەپ ئاجرىشىپ كەتسەم تۆت بالىنى قانداق چوڭ قىلىمەن. قانداق يۇقۇملانغانلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ، ئەمما مەن ئاجراشمايمەن، ئەيدىزدىن ئىبارەت بىر كېسەلنىڭ ئائىلەمنى ۋەيران قىلىۋېتىشىگە يول قويمايمەن! ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسىمۇ مېنىڭ ئېرىم، بالىلىرىمنىڭ دادىسى، ئائىلەمنىڭ تۈۋرۈكى. بىر قىسىم ئاياللارنىڭ مېيىپ، قارىغۇ، گاچا ئەرلىرىگە قارىغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى مەندىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان ھەم دۆلەت ھەقسىز دورا تەمىنلەپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاپ بىرىۋاتقان ئېرىم تېخى بەختلىكتۇر. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن ھۇشۇنى تاپقان ئېرىم مېھىرلىكتۇر، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچاندۇر. ئەيدىز سەۋەپلىك ئېرىمنىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى، تۇرمۇشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشىنى، ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايمەن. ساق چاغدا ئەر قىلغان ئىكەنمەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىنمۇ ۋاز كەچمەيمەن. ئېرىمنىڭ ئەيدىزنى ئەمەس ئايالىنى، بالىلىرىنى، ئائىلىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشىنى، بولۇپمۇ ئەيدىز كېسىلىنى ئەمەس بەلكى ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
ئايال يۈرۈكى چىدىمايۋاتقاندەك، ۋۇجۇدى سىلكىنىۋاتقاندەك، قەلبى ئۆرتىنىۋاتقاندەك، ئەيدىزگە پىسەنت قىلماي ئائىلىسىنى باغرىغا بېسىپ تۇرغاندەك، ئەيدىزدىن قورقماي ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىۋاتقاندەك ھاياجاندا سۆزلەپ ئېرىگە ئىچ-باغرىنى كۆرسەتمەكتە. ئەر تەسىرلىنىشتىن قورقىدىغاندەك، ھاياجاننى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك، مۇڭغا پاتقان سۈكۈتتىن باشقىسىغا ماغدۇرى يوقتەك، ئايالىنىڭ ھاياجانلىنىشى ئەيدىز ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەستەك، خۇددى ئەيدىز يۇقۇمى سەۋەپلىك گاچىغا ئايلىنىپ قالغاندەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن تىرىك تۇرۇپ روھى قالمىغاندەك، ئەيدىز كېسىلى ھاياتتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىغاندەك ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەنچە تەسىرسىز ھالدا ئورۇندۇققا چۆككىنىچە پېتىپ كېتىشنى تىلەۋاتقاندەك ئۈن-تىنسىزلىك بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرماقتا.
توغرا، ئەيدىزدىنمۇ خوتۇن-بالا مۇھىم، ئائىلە مۇھىم. ئەيدىز كېسىلى ئالدىدا داۋاملىق ياشاش ھەممىدىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەلدىن قورقماي باغرىنى كەڭرى ئاچقان ھالدا بەخت ئاتا قىلالايدىغان ئۆمۈرلۈك ھەمرا ئەڭ مۇھىم. ئەمما، بۇنى ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ئايال بىلگەندەك قىلغان بىلەن، لېكىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەر بىلمىگەندەك تۇراتتى. بەلكىم ئەر ئائىلىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇشۇ بىلمەسلىكى بىلەنمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئۇيغۇر ئەيدىز قىز-يىگىتكە دوختۇرخانىدا ئوقۇلغان نىكاھ بىر-بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشۈپ نەچچە يىل ئارىلاشقان قىز-يىگىت توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ قۇيۇپ، توي خېتى ئالىدىغان چ
دۇنيادىكى داۋالىنىپ ئەيدىزدىن تەلتۆكۈس ساقايغان تۇنجى بىمار ئەيدىز كېسىلى بولسا بىرخىل ئىنسانلارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى(HIVۋىرۇسى)يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمنى
خۇاڭ شياۋمىڭ ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولدى سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ماي ب د ت ئەيدىز كېسلىنى پىلانلاش مەھكىمىسى دوستلۇق ئەلچىسى خۇاڭ شياۋم
ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ دەردى ۋە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم مەنمۇ بىر يۇقۇملانغۇچى، يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلگەندىن باشلاپ كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىسىز، قايغۇرۇش، ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. تېخى دورا يىيىشنى باشلىمىدىم، كۆڭلۈم جا
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا تەدبىرلەر قايسىلار؟ گەرچە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار خېلىلا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەردە نۇرغۇن خاتا قاراش مەۋجۇت. بۇ خاتا قاراشلار قايسىلار؟ 1. سۆيۈشۈشتى
