
ئەيدىز كېسىلى بولسا بىرخىل ئىنسانلارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى(HIVۋىرۇسى)يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Timothy Ray Brownبولسا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. شۇ چاغدا گېرمانىيە بېرلىن شەھىرىدە داۋالىنىۋاتقاندا ئەيدىز كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان.

Timothy Ray Brownئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن كەيپىياتى ناھايىتى ناچار بولۇپ كەتكەن، كېسەل ئەھۋالىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلغان.

لېكىن دوختۇرنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن، يىلىك كۆچۈرۈشنى قارار قىلىپ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان.

يىلىك كۆچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئادەمنى ھەيرانلىق ۋە ھاياجانغا سالىدىغان ئۈنۈم كۆرۈلگەن. يىلىك كۆچۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن سىرت ئەيدىز كېسىلىمۇ داۋالىنىپ ساقايغان.

ئەسلىدە، ئۇ قۇبۇل قىلغان يىلىكنى تەقدىم قىلغۇچىنىڭ بەدىنىدە بىرخىل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئۆزگىرىشچان گېن بار بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىرىشچان گېن پەقەت ئاز بىر قىسىم شىمالىي ياۋروپا ئادەملىرىنىڭ تېنىدە مەۋجۈت ئىكەن.

بۇ قېتىملىق يىلىك يۆتكەش ئوپىراتسىيەسى ئۇنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي يەنە مېدىتسىنا ساھەسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش سەھىپىسنى يېڭىلىدى.

ئۇ ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگۈسى كەلمەي ھاياجانلىق ئىلكىدە توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى.

ئۇ بىر تېببىي ژورنالغا ئۆزىنىڭ ئاق قان كېسىلى ۋە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغاندىكى تەپسىلىي جەرياننى ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى بىردىنلا زىلزىلىگە كەلتۈرۋەتتى.

ئۇ ھازىرقى ساغلام ھالىتى بىلەن تېببىي ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا كۆڭۈل بۆلمەكتە. ۋە Timothy Ray Brownفوندىنى قۇرۇپ، دۇنيا .ئەيدىز كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھەمدە:" بىر كۈنلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەلتۆكۈس مەغلۇب بولۇپ ئادەملەرنى قىينىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئۇيغۇر ئەيدىز قىز-يىگىتكە دوختۇرخانىدا ئوقۇلغان نىكاھ بىر-بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشۈپ نەچچە يىل ئارىلاشقان قىز-يىگىت توينىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ قۇيۇپ، توي خېتى ئالىدىغان چ
دۇنيادىكى داۋالىنىپ ئەيدىزدىن تەلتۆكۈس ساقايغان تۇنجى بىمار ئەيدىز كېسىلى بولسا بىرخىل ئىنسانلارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى(HIVۋىرۇسى)يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمنى
خۇاڭ شياۋمىڭ ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولدى سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ماي ب د ت ئەيدىز كېسلىنى پىلانلاش مەھكىمىسى دوستلۇق ئەلچىسى خۇاڭ شياۋم
ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ دەردى ۋە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم مەنمۇ بىر يۇقۇملانغۇچى، يۇقۇملانغانلىقىمنى بىلگەندىن باشلاپ كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىسىز، قايغۇرۇش، ئازاپ ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. تېخى دورا يىيىشنى باشلىمىدىم، كۆڭلۈم جا
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا تەدبىرلەر قايسىلار؟ گەرچە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار خېلىلا كەڭ قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەردە نۇرغۇن خاتا قاراش مەۋجۇت. بۇ خاتا قاراشلار قايسىلار؟ 1. سۆيۈشۈشتى
