مۇبادا سىز ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىڭىز، شۇ سەۋەبلىك خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەمسىز؟
ئەنسىرىمەڭ، يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن ئۆلكىسى يولغا قويغان < ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامنامىسى > چارىسى» گە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىز بىھاجەت. يېڭى بەلگىلىمىدىن ئېگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 1- ماي بۇ چارە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن ئېتىبارەن، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن جىنسىي ئالاقىسى بولغانلارغا ياكى باشقا ئۆزىدىن ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى بارلارغا ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. «چارە» دە ئەيدىزنى تەكشۈرۈشتە ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىش ھەققىدە ھېچقانداق بىر ماددا يوق.
ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىغىچە خۇنەن ئۆلكىسىدە مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار ۋە بىمارلارنىڭ سانى 14 مىڭغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار 60% نى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 200 دىن ئارتۇق ئورگان ئەيدىزنى ھەقسىز تەكشۈرىدۇ.
يېڭى يولغا قويۇلىدىغان «چارە» دىكى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
يۇيۇنۇش ئورۇنلىرى (洗浴桑拿) دىكى مۇلازىمەتچىلەر قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك
«چارە» دە، مېھمانخانا، ياتاق، ساتىراشخانا، يۇيۇنۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىكى خېرىدارلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان خىزمەتچى خادىملار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار چوقۇم خادىملىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىسپاتى بولمىغان خادىملارنى بىۋاسىتە خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتكە سالماسلىقى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە مەسئۇل داۋالاش سەھىيە تارماقلىرى ئەيدىز تەكشۈرۈشىنى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئورۇنلار خىزمەتچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ساقال قىرغۇچ، ھۆسن تۈزەش، پۇت ئۇۋىلاش، يىڭنە سانجىش، سىيرىپ داۋالاش، قۇلاق تېشىش، بەدەنگە خەت چېكىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنى ۋە ئىشخانا بويۇملىرىنى چوقۇم قاتتىق مىكروبسىزلاندۇرۇشى، ئەيدىزنىڭ ھەر قانداق يول ئارقىلىق تارقىلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم.
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالسا ئۆزى بىلەن جىنسىي ئالاقىسى بارلارنى چوقۇم خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك
نۆۋەتتە، بەزى جايلاردا ئەيدىز تەكشۈرۈشىدە ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىش توغرىسىدىكى تۈزۈم قىزغىن مۇنازىرىلەرنى قوزغاۋاتىدۇ. بىراق بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان بۇ «چارە» دە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش ھەققىدە بەلگىلىمە يوق. «چارە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى. «ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس يۇقۇملۇق كېسەللىك بىمارلىرى ياكى شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەرنى بايقىغاندا، چوقۇم ۋاقتىدا ئۆز رايونىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش تارماقلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كېرەك»، «كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش تارماقلىرى مەخسۇس بۆلۈم تەسىس قىلىپ مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋال ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى، خەۋەر كەلگەندە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.»
«چارە» دە مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋىتى بولغان جۆرىلىرىگە ۋە باشقا يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرگە ئېيتىشى، ھەم جىددىي تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىق ئەھۋالىنى دوختۇرغا ئېنىق دېيىشى كېرەك. ئەيدىزنى قەستەن تارقاتقۇچىلار ياكى ئەيدىز تارقىتىشنى باھانە قىلىپ تەھدىت سالغانلار، قاقتى-سوقتى قىلغانلار، ئومۇمنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلغانلار، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەرگە قارىتا جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگۈچىلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماقلىرىدىكى خادىملار كېسەللىك ئەھۋالىنى باشقۇرغۇچى خادىملارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك
«چارە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەيدىز بىمارلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى لازىم. ئەمگەك ئىقتىدارى بار خىزمەت تېپىش ئارزۇسى بار ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان ھەر قانداق بىر خىزمەتچىنى ئەيدىز سەۋەبلىك خىزمىتىدىن بوشىتىشقا بولمايدۇ، ھەم شۇ سەۋەبتىن خىزمەت ئورنىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي كېسەللىك ئەھۋالىنى باشقىلاردىن پىنھان تۇتۇشى كېرەك. بەلگىلىمىدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تارماقلىرى، يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش (收容教育所)، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، زەھەر تاشلىتىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار يېڭىدىن كىرگەن تۇتۇپ تۇرۇلغۇچى، تەربىيەلەنگۈچى ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگۈچى، زەھەر تاشلىغۇچى كىشىلەرنى ۋاقتىدا شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇپ ئەيدىز تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولغانلار ۋە بىمارلارنى مەركەزلىك يىغىپ داۋالىتىشى، تۈرمىلەرمۇ يېڭىدىن كىرگەن جىنايى جازا ئۆتەيدىغانلارغا ئەيدىزدىن تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مۇبادا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەقىقەتەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولسا، دەرھال شۇ كىشىگە ۋە بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان باشقۇرغۇچى خادىم، داۋالاش خادىملىرىغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز، كېيىنكى بەتكە قاراڭ!
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
«مىكرو دورا قۇتىسى»-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دورا ئىچىشتىكى نىجاتكارى
نۇر تورى تەرجىمىسى. يۇتقىلى بولىدىغان، ئاشقازاندا تۇرۇپ ئۇدا نەچچە كۈن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى بىرىكمە دورا قويۇپ بېرەلەيدىغان بىر خىل مىكرو دورا قۇتىسى كەشىپ قىلىند
ئەيدىز كېسىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى باشلاندى
(红丝带网) قىزىل لېنتا ئۈندىدار سالونى خەۋىرى: نۇر تورى تەرجىمىسى: نېمە ئۈچۈن مەن ئىشلەتكەن HIV ۋىرۇسىنى تېز تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق؟ تۆت يىل بۇرۇ
ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز
تەييارلىغۇچى: مەقسەت ئەيدىز قانداق قىلمىشلار ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىۋاتىدۇ دېگەننى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە ئەيدىزدىن يۇق
زەھەر ياشلىق ئەيدىز
سۇلتان مەقسەت ئېغىزى خۇددى چۆللۈكتە ئۇسسۇز قالغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى تۇيۇقسىز سۇغا ئېرىشىپ يايراپ كەتكەندەك ئاجايىپ شىرنىلىك سېزىمغا ئىگە بولۇپ، قەلبى مەست بولۇپ كەت
يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2017-يىللىق قىزىل لېنتا ياشلىق باھارى مەكتەپ پائ
تېڭشۈن تورى 4-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 6:25دە گۈزەل ياشلىق باھارىغا ئۆزۈم ئىگىدارچ