-
2008-09-15
مۇشۇنداقمۇ جەڭ ئېلان قىلغان بارمۇ؟ - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/28651144.html
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامرىكىلىق 47 ياشلىق دالۇن.تايلور 10.77مېتىر ئېگىزلىكتىكى تار ياغاچ تاختا ئۈستىدىن پەقەت 30 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا سۈيى بار كىچىككىنە كۆلچەككە سەكرەپ ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان " ئېگىزلىكتىن تېيىز سۇغا سەكرەش" دۇنيا جىننىس رىكورتىنى يېڭىلىغان.
بىراق تايلور بۇ نەتىجىسىدىن يەنىلا رازى ئەمەسكەن، ئۇنىڭ پىلانىدا بۇ يىل 12-ئايدا ئۆزىنىڭ بۇ رىكورتىغا يەنە بىر جەڭ ئېلان قىلىپ 12.2 مېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرىگۈدەك. ۋاقتى كەلگەندە ئامرىكا رادىئو شېركىتى تايلورنىڭ ھوللىلىۋودتا ئۆتكۈزىدىغان بۇ ئويۈنىنى نەق مەيداندىن كۆرسەتكۈدەك.خەۋەردە دىيىلىشىچە تايلور بىر خەتەرلىك سۇغا سەكرەش تەنھەركەتچىسى بولۇپ 4 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا سۇغا سەكرەشنى مەشق قىلغان ئىكەن، 10 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ سۇغا سەكرەش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان،22ياش ۋاقتىدىن باشلاپ "ئېگىزلىكتىن تېيىز سۇغا سەكرەش" خەتەرلىك ھەركەتنى سىناشقا باشلىغان، ئۇ سىناش ئېلىپ بارغان بۇ خىل ھەركەتنىڭ خەتەرلىك نىسبىتى ئىنتايىن يوقۇرى بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 3مېتىر كەڭلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان پەقەت 30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۈيى بار كۆلچەككە توغرا مۆلچەرلەپ سەكرىشى كېرەك. سەللا قېيىپ كەتسە ھاياتىدىن ئايرىلىشى تۇرغان گەپ.
ئۇ ئولىمپىك سۇغا سەكرەش ماھىرلىرىدەك سۇغا بېشىچىلەپ سەكرىمەيدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنداق سەكرىسە ئۇ ئىككىنچى ئورنىدىنمۇ تۇرالماي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ. ئەمىسە قانداق سەكرىگەن؟ ئۇ ئىككى غۇلىچىنى كېرىپ ئېڭىكىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ قوساق قىسمى بىلەن بۇ كۆلچەككە سەكرىگەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بەدەن بىلەن سۇ يۈزىنىڭ تېگىشىش مەيدانىنى چوڭلىتىپ زەربىنىڭ كۈچىنى ئازايتقان. مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ يەنىلا ئۇ ھەر قېتىم سەكرىگەندە ئېغىرلىق كۈچىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆلچەككە سوقۇلۇش زەربىسىدىن كۆكرىكى بىلەن ئىككى تىزى كۆكىرىپ ئىشىشىپ كېتىدىكەن، بىر ھەپتە داۋالىنىش ئارقىلىق ئاندىن ئەسلىگە كېلەلەيدىكەن.
قانداقلا بولمىسۇن بۇ خىل "چېكىدىن ئاشقان" ئويۇننى سىناپ باققۇچىلار چىقمىسۇن، سىناپ باقىمەن دىسىمۇ ئالدى بىلەن ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرەپ كۆرسۇن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن