• 2008-09-16

    چىڭگىزخان راستىنلا بىر سائەت ئىچىدە مۇشۇنچىلىك ئادەم ئۆلتۈرگەنمۇ؟ - [تەرمىلەر]

    Tag:图片 战争

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28680266.html

    چىڭگىزخاننىڭ رەسىمى

    چىڭگىزخان دۇنيا تارىخ سەھنىسىدىكى داڭلىق شەخس، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئۇ بولسىمۇ: ئۇ بۇرۇن بىر سائەت ئىچىدە 17مىليون4780مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ،دەيدىغان رىۋايەت.بۇ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋەقەلىك راستمۇ؟ ھەقىقەتەن بولغان ۋەقەمۇ؟ بىز تارىخقا نەزەر تاشلاپ باقايلىئالدى بىلەن چىڭگىزخان ئۆز قولى بىلەن بىر سائەت ئىچىدە بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بۇ دىگەنلىك ھەر مىنۇتىغا 29133ئادەمدىن ئۆلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ، بىراق بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟بىر ئېىگىلىسچە تور بەتتە josh clarkنىڭ مۇشۇنداق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.بۇ رىۋايەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۈرۈشتۈرسەك تارىخ بېتىدىن 1221-يىلى 4-ئايدىكى ۋەقەلىكنى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.1221-يىلى4-ئايدا موڭغۇل قوشۇنلىرى نىشاپور Nishapurدىگەن شەھەرگە ھۇجۇم قوزغاپ كىرىدۇ نىشاپور دىگەن بۇ شەھەر ھازىرقى ئىراننىڭ چېگرىسى ئىچىدە ئىدى.موڭغۇل قوشۇنلىرى بۇ شەھەرگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ ئامراق كۈيئوغلى توچۇخار Toqucharبۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، چىڭگىزخاننىڭ قىزى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ئازاپلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئۈمىدىنى ئۈزمەكچىمۇ بولىدۇ ھەم دادىسىدىن بۇ شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ بېرىشنى ئۆتىنىدۇ.

    چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ئوغلى تولۇي Tolui بۇ ئېچىنىشلىق بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ھەم بۇ شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ھەممىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ھەتتا بىرەر ئىت بىلەن مۈشۈكنىمۇ تىرىك قويمايدۇ. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ بېشىنى دۆۋىلەپ ئادەم بېشىدىن بىر غايەت زور ئەلئېھرام ياسايدۇ. شۇنداق قىلىپ گەرچە چىڭگىزخان بۇ ئۇرۇشتا نەق مەيداندا بولمىسىمۇ بىراق مۇشۇنداق رەھىمسىز بۇيرۇقنى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن تەبىئى ھالدا بارلىق ئۆلتۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتىلى –چىڭگىزخان دەپ قارايدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئېلانلارنى چىكىپ قويقۇم ،ئۆز ئارا چىكىشەيلى
    dunyakara回复مەن تۈرك说:
    مەنمۇ ئېلانلىرىڭىزنى بىرىنى قويماي يوقلاپ كەلدىم، ھەمكارلىقىمىز مەڭگگۈ داۋاملاشقاي، مۇمكىن بولسا ھەر كۈنى مۇشۇنداق يوقلىشىپ تۇرايلى.
    2008-09-21 01:34:06