• 2008-09-14

    ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار - [كىشىلىك ھايات]

    Tag:我们 真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28650479.html

    "بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا جوڭگودا نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.1985-يىلى نىكاھتىن ئاجراشقۇچىلار پەقەتلا 458مىڭ جۈپ (ئەر-خوتۇن) ئىدى،1990-يىلىغا كەلگەندا كۆپىيىپ 800مىڭ جۈپكە يەتكەن، 2005-يىلى بولسا 1مىليون 785مىڭ جۈپ ئەر-خوتۇن نىكاھتىن ئاجراشقان، ئوخشاش مەزگىللەرگە سېلىشتۇرغاندا تۇنجى نىكاھقا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى ئەكسىچە ئازىيىپ 3مىليون 500مىڭغا چۈشۈپ قالغان.پۈتۈن مەملىكەتتە نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يوقۇرى 9 ئۆلكە بار بولۇپ ئۇلار: شەرقى شىمالدىكى 3 ئۆلكە، 4 بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدىن ئىبارەت.كىشىلەرنىڭ توي قىلىش يېشى بارغانچە چوڭلاپ كېتىپ بارىدۇ. شەھەرلەردىكى ئوغۇللارنى مىسالغا ئالساق ھازىر نىكاھ يېشىدىكى 20~24 ياشلىقلار ئىچىدە نىكاھلانغانلار پەقەت ئومومى ساننىڭ 10.61پىرسەنتىنىلا ئىگەللىگەن.25~29 ياشلىقلار ئىچىدە بولسا 60.61 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بويتاقلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى يېزىلارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاجرىشىدىغانلار كۆپەيگەن ئىكەن.مېنىڭچە بۇنداق بىر نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ.

    شەخسى تەسىرات: نىكاھ – بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ بىر ئىش.ئائىلە – بولسا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىر تەركىۋى قىسمى.ئاجرىشىش نىسبىتى يوقۇرى بولغان بۇ 9 رايوننىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭمۇ بولىشى مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى.نىمە ئۇچۇن توي قىلىپ بولغان ئەر-خوتۇنلار، ياكى بالىلىرى بار ئاتا-ئانىلار ئاجرىشىدۇ؟ بۇنداق سوئالنى سورىسام بەلكىم ئاشۇ ئاجرىشىپ كەتكەنلەر كېلىپ بېشىمغا كالتەك بىلەن ئۇرغۇسى كېلىدىغاندۇ: " ھەي كالۋا مىجەزىمىز كېلىشمىدى، ھەي كالۋا ئەسلى بىر-بىرىمىزنى چۈشەنمەيدىكەنمىز ئەمەسمۇ، ئەسلى نىكاھ ئاساسىمىز ئاجىزكەن ئەمەسمۇ،ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى، بالىلىق بولۇپ كەتكەن بولساقمۇ ئوتتۇرىمىزدا ئەر-خوتۇنلۇق مېھىر-مۇھەببەت قالمىدى....." دەپ مېنى مۇشۇ  سوئالنى سوراپ قويغىنىم ئۈچۈن ئەيپلىشى تۇرغانلا گەپ.دىمىسىمۇ توغرا كىمنىڭ توي قىلىپ بولۇپ يەنە ئاجراشقۇسى كېلىدۇ؟ كىمنىڭ يەنە بالىلىرىنى تىرىك يېتىم قىلغۇسى كېلىدۇ؟ بۇ ئاجراشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق يولنى تاللىشىدا ئۆزلىرىگە تۇشلۇق ئاساسى بولىدۇ.

    مېنىڭچە بولغاندا بالىلىق بولماستا ئاجرىشىپ كەتسە ھېچگەپ ئەمەس، تۇرمۇشتا بۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، بىراق بالىلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئاشۇ بالىلىرىنى ئورتاق تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت ئاتا-ئانا زىممىسىدىكى مەجبورىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىلا ئويلاش سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكقۇ دەيمەن، ھەرقانداق بالىغا ئۆزىنىڭ دادىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئانىسى ياخشى.شۇڭا دادا بولغۇچى ۋە ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ چوڭ مەجبورىيەت بالا تەربىيىلەش دەپ ئويلايمەن.

    شۇڭا مىرزات ئالىم ئېيتقان ناخشىدىكىدەكلا دىگۈم كېلىدۇ" ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار!"


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن