بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەخسلىرىمىز >> ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى

يوللانغان ۋاقتى : 2010-02-12 02:04:10    كۆرۈلۈش سانى : 1050  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

 

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى

 

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، تىل تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى كېسەل بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2010 – يىلى 13 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:30 ئۆتكەندە بەختكە قارشى 90 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۇيغۇر، 1920 – يىلى 5 – ئايدا، شىنجاڭ تۇرپاندا تۇغۇلغان، 1939 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە مۇئەللىم، «ئالتاي نەشرىياتى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە شىنجاڭ تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1949 – يىلى شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەقىقەتكە ئۆتۈش قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.

ئازادلىقتىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 1950 – يىلى مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئىشخانا مۇئاۋىن مۇدىرى، 1953 – يىلىدىن 1978 – يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1978- يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 – يىلىدىن 1984 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل – تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەم ئالىي تەتقىقاتچىسى بولغان. 1998 – يىلى 5 – ئايدا شەرەپلىك ھالدا پېنسىيىگە چىققان.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، خاتا ھالدا ئوڭچى قىلىپ قويۇلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۈزۈل - كېسىل ئاقلىنىپ نام – شەرىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 4 -، 5 – قارارلىق ھەيئىتى، 6 – ۋە 7 – قارارلىق دائىمىي ھەيئىتى بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر فولېكلور تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ تىل ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەردە بولغان. 1990 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ قارار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۆمۈر بويى مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مائارىپىنىڭ ئاساسىنى تىكلەش ۋە ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشقان. ئەينى يىللاردا «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» دىن ئىبارەت تۆت پارچە كىتاب ۋە بىر قانچە پارچە ماقالىلەرنى نەشىر قىلدۇرغان. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 1950 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىنى رەتلەپ نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان. «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ 1 -، 2 – ۋە 3 – توملىرى، «يېڭى دېموكراتىيە ھەققىدە»، «جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى»، «يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، ليۇ شاۋچىنىڭ «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى»، جۇ ئىنلەينىڭ «زىيالىيلار خىزمىتى ھەققىدىكى دوكىلات» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق مەركەزنىڭ سىياسىتى ۋە ئاۋازىنىڭ شىنجاڭغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلىشىگە تۆھپە قوشقان. يەنە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، لۇشۈن، گو مورو، دىڭ لىڭ ۋە جۇلىبو قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 1980 – يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تىل تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، 1983 – يىلى تەتقىقاتچىلىق ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشىپ، ئاساسلىقى قەدىمكىي تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئۆگىنىشتە تىرىشچان، خىزمەتتە ئەستايىدىل، توختىماي ئىلگىرىلەش روھىدا چىڭ تۇرۇپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۈچ تومىنى تەرجىمە ۋە نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. « <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭ ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرىگە ئائىت پرىنسىپلار»، «شىنجاڭدىكى قەدىمىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. 2007 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى» ناملىق توپلامنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ لۇشەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى باشتىن – ئاخىر ھىمايە قىلاتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايتتى. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ئىدى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايتتى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى خىزمەتتە ئاكتىپ، ئەستايىدىل بولۇپ، كۆپ ھاللاردا كېسەل ئازابىغا پسەنت قىلماي، خىزمەتنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇزۇن مەزگىللىك قەدىمقىي ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى داۋامىدا، گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ پۇختا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن بىر تۈركۈم ياش تەتقىقات خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئاكادېمىيىمىزنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، سىياسىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتناشتى، ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئابرۇيلۇق، قابىل ئالىم ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى قەدىمقىي ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ۋە بىر تۈركۈم ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلىدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئە...
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسە...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخ...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
●  پېشقەدەم شائىر تاج...
●  پولات ھېيۋۇزۇللا
●  مۇھەممەت پولات
●  تۇردى سامساق
●  تۇرسۇن لېتىپ
●  شائىر ۋە مۇھەررىر پ...
●  ئۇيغۇر يازغۇچىسى پ...
●  ياش شائىر، يازغۇچى ...
●  جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇ...
●  ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن ت...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدى...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى