بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەخسلىرىمىز >> تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن

تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-05 12:51:55    كۆرۈلۈش سانى : 106  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن شائىر ۋە ژۇرنالىست تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن 1934 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1941 - يىلىدىن 1951 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى ئۈمىد مەكتىپىدە، ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان، 1951 - يىل 2 - ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئەمما خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئوقۇشتىن ئايرىلىپ شۇ يىلى 9 - ئايدا يەكەن درىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلەنگەن، 1952 - يىلى شىنجاڭ بيۇرۇ كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن، لېكىن بۇ يەردىمۇ داۋاملىق ئوقۇماي، 1953 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2 - دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ، 1954 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيىدە.  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1951 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <چاۋشيەن ئوغلىغا> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا مەخسۇس بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىننىڭ <مېنىڭ جان دوستۇم>، <تىنىش بەلگىلىرى سۆھبەتتە>، <ئىناق دوستلار> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلىرى، <بوۋامنىڭ ھېكايىسى> قاتارلىق ھېكايىلىرى كەڭ بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان ھەم ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن بارلىق زېھنىي كۈچىنى بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە بېغىشلىغان ئىجادىيەتچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان مۇھەررىر. ئۇ، 50 - يىللاردىن تارتىپلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسلىكى ئىشلەشكە قاتناشقان، 80 - يىللادا، <تارىم غۇنچىلىرى> ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ژۇرنالنى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، شۇ يىللاردا يەنە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قىزىل گالىستۇك> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <بىلىم ئىشقىدا> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئىناق دوستلار> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سالام، بالىلار> (1988 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار> (1993 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئە...
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسە...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخ...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
●  پېشقەدەم شائىر تاج...
●  پولات ھېيۋۇزۇللا
●  مۇھەممەت پولات
●  تۇردى سامساق
●  تۇرسۇن لېتىپ
●  شائىر ۋە مۇھەررىر پ...
●  ئۇيغۇر يازغۇچىسى پ...
●  ياش شائىر، يازغۇچى ...
●  جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇ...
●  ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن ت...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدى...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى