بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەخسلىرىمىز >> مەمتىمىن ھوشۇر

مەمتىمىن ھوشۇر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:12:27    كۆرۈلۈش سانى : 263  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مەمتىمىن ھوشۇر 1944 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى <مۇراد>مەكتەپتە، 1956 - يىلدىن 1962 - يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1962 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1967 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر مەزگىل مەمۇرىي ئورگانلاردا كادىر، 1979 - يىلدىن تارتىپ <ئىلى دەرياسى> ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.  مەتىمىن ھوشۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1965 - يىلى ئېلان قىلىنغان <ئالما> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ پروزا ساھەسىگە يېڭىچە بىر خىل ھاياتىي كۈچ بىلەن كىرىپ، ھازىرغىچە <ناخشا>، <بۇ، چۈش ئەمەس>، <مۇساپىرلار قاۋىقىدا>، <ئايخان>، <ساراڭ>، <بۇرۇت ماجراسى>، <قىرلىق ئىستاكان>، <ئالتۇن چىشلىق ئىت> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى؛ <نۇزۇگۇم>، <ساۋاقداشلار>، <سالام، ھېسام ئاكا>، <خاسىيەتلىك قار> قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سيۇژىتى قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى تەبىئىي ھەم يېڭىچە، تىلى راۋان. كۈلكە - ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەبىئىي ھەمراھى، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.  مەمتىمىن ھوشۇر پروزا ئىجادىيىتى باشقا، ئەدەبىي ئوبزور، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى>، <ئاجايىپ تۇرمۇش، غەلىتە مەنتىقە>، <01 يىللىق ھېكايە ئىجادىيىتىمىز> قاتارلىق ماقلىلەرنى، <ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس> قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، <يىللار شۇنداق ئۆتكەن> ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسىنى يازغان، <ئىھ، 15 ياشلىق خالىدەم> قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.  مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھاىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <نەي ئاۋازى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <كونا - يېڭى ئىشلار> (ئېزىز ساۋۇت بىلەن بىللە، 1986 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <سالام، ھېسام ئاكا> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <بۇ، چۈش ئەمەس> (1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <يىللار شۇنداق ئۆتكەن> (1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسى، <ئۆلۈككە يېزىلغان خەت> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قۇم باسقان شەھەر> (1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. مەمتىمىن ھوشۇر ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئە...
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسە...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخ...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
●  پېشقەدەم شائىر تاج...
●  پولات ھېيۋۇزۇللا
●  مۇھەممەت پولات
●  تۇردى سامساق
●  تۇرسۇن لېتىپ
●  شائىر ۋە مۇھەررىر پ...
●  ئۇيغۇر يازغۇچىسى پ...
●  ياش شائىر، يازغۇچى ...
●  جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇ...
●  ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن ت...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدى...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى