تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-26 16:43:31 كۆرۈلۈش سانى : 109
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
شائىرە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن 1944 - يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1958 - يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1962 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، قەشقەر كونىشەھەر ۋە خوتەندە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1976 - يىلى شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، <تارىم> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <سۈزۈك ئېقىن>، <جىرىڭ - جىرىڭ قۇڭغۇراق> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىر، داستان - باللادىلارنى ئېلان قىلىپ، شېئىرىيەت ساھەسىدە مەلۇم تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ، كېيىنكى يىللاردا بالىلار ئەدەبىياتىغا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر قىسىم بالىلار ھېكايىلىرىنى يېزىپ، ئېلان قىلدۇرغان.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <جىنەستە> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <بۇلبۇل ناۋاسى> (زەينۇرە ئېيسا بىلەن بىللە، 1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <گۈلنىھال> (1984 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <چىغىر يول> (1989 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <بالىلىقىم>(1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىر ۋە ھېكايىلار توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچىسى. |
|