خالىدە ئىسرائىل
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:20:59 كۆرۈلۈش سانى : 260
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست خالىدە ئىسرائىل 1952 - يىل 10 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1959 - يىلدىن 1969 - يىلغىچە ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، 1971 - يىلدىن 1972 - يىلغىچە <خوتەن گېزىتى> دە ئىشلىگەن، 1972 - يىلدىن 1975 - يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1985 - يىلى باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <ئىھ، ھايات>، <ئانا>، <ئەڭ گۈزەل خاتىرە>، <ھاڭگىرت كۆلى> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، <ئۇ كۆزلەر>، <رەڭدار قۇيۇن>، <باھاردا ياغقان قار>، <ئوربېتا>، <مەختۇمسۇلا> قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پروزىچىلىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۈمىدلىك ئايال يازغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان. خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى، بولۇپمۇ ئاياللار ئوبرازىنى، ئاياللار ئېڭىنى ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
خالىدە ئىسرائىلنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قۇملۇقنىڭ چۈشى> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
خالىدە ئىسرائىل ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. |
|