ئۇيغۇر يازغۇچىسى پەرھات جىلان
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-02 13:14:53 كۆرۈلۈش سانى : 132
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يازغۇچى پەرھات جىلان 1945 - يىل 8 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، 1954 - يىلدىن 1196 - يىلغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقسىز - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، كېيىنچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. پەرھات جىلان 1979 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
پەرھات جىلان ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1960 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا يازغان <پۇل> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن تارتىپ <ئالتۇن قاندىكى توي> قاتارلىق ھېكايىلارنى، <مەھمۇد قەشقەرى> ناملىق رومانىنى يېزىپ، دىققەت - ئېتىبارغا سازاۋەر بولغان. پەرھات جىلان تىل تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر تىلىغا ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ يەنە باسكاكوۋنىڭ <تۈركىي تىللار>، ئالىكساندىر دىيومنىڭ <گراف مونتې - كرىستو> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
پەرھات جىلاننىڭ <مەھمۇد قەشقەرى> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.
پەرھات جىلان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى." |
|