بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەخسلىرىمىز >> سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىلار ھەققىدە

سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىلار ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 22:42:07    كۆرۈلۈش سانى : 461  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
         تارىخنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلىگى تەكرارلىنىشتۇر. بۇ خىل تەكرارلىق ئۇيغۇر زىمىنىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كەينى-كەينىدىن روياپقا چىقتى. بۇ زاماندا ئۆتكەن، بىر-بىرىنىڭ تىراگىيىلىرىنى تەكرارلىغان تارىخىي شەخسلەردىن سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىملارنى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن. لىكىن مەن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي توختالمايمەن، پەقەت ئۇلار توغرىسىدا ئۆزۈم چىقارغان بەزى خۇلاسىلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى ۋە تۆھپىلىرى ئاز-تولا پەرقلىنىدۇ. مىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغىنىم ئۇلارنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئالاھىدىلىكىرىدىن ئىبارەت. بۇلار بەلكىم 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇشى مومكىن.  ئۇلار ياشىغان دەۋر ئوخشاشلىقىغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى يەنە مۇنداق ئورتاقلىقلارغا ئىگە ئىدى. بىرىنجى. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى: 1. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى خەلقپەرۋەر، ئەلسۆيەر، خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىغا چىدىمايدىغان، مەرتلىكنى جاندىن ئېزىز كۆرىدىغان زاتلار ئىدى. 2. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆز زامانىسىدا خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن  ئەكسىيەتچى، زالىم كۈچلەرگە قارشى مەلۇم ئەمەلىي نوچىلىقلارنى قىلغان، مەلۇم رىئالنى يىغىلىقلارنى، قوزغىلاڭلارنى ئىلىپ بارغانلار ئىدى. 3. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئەلەمدە كامالەتكە يەتكەن،  خەلق تەرىپىدىن بىردەك نوچى، پالۋان، داھى دەپ ئاتىلىپ، خەلق  ئۈمۈت باغلىغان كىشىلەر ئىدى. 4. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى بىلىكى چوڭ بىلىمى يوق، ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغان، ئەمما تاكتىكا، نەيرەڭ بىلمەيدىغان نادان نوچى، پالۋان، داھىلار ئىدى. 5. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئەمەل قۇربانلىرى ئىدى. 6.ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئۆزلىرىنى كۆزدىن يوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان  ماتىتەي، ياڭ زىڭشىڭ ۋە شېڭشىسەيدەك جاللاتلارنىڭ ئالدىغا ئۆز ئايىغى بىلەن بىرىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلەر ئىدى. 7. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆلۈم ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنگەن، ئۆزىنىڭ نادانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغان زاتلار ئىدى. 8. ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسى ئۆلۈم ئالدىدا تىك تۇرۇپ، ئۆز دۈشمىنىنى قەھىرى بىلەن تىللىغان، ئۆز خەلقىگە ئۆزىدىن ساۋاق ئىلىشنى تاپىلىغان زاتلار ئىدى. ئىككىنجى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقان سۆزلىرى 1. سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيىتقان سۆزلىرى: خوش ، ئامان بول قەشقەرلىك ، جانجىگەرلەر __ تۇققانلار . بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال ، سۆز قەدرىنى ئۇققانلار . جامائەت جەم بولۇپسىز ، مېنىڭدىن بولۇڭ رازى . مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز ، بولغىنىدا خۇدا قازى . گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم ، نادانلىق بالاسىدىن . كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان ، زالىمنىڭ جازاسىدىن ! ئەي قەشقەرلىك ، قەشقەرلىك ، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار . مەندەك بولماي دىسەڭلار ، ھەرگىز نادان بولماڭلار . نادانلىق ئېلىپ كەتتى ، يىگىتلىكتە باشىمنى . مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن ، ھاشىمدەك ئاداشىمنى . خەتنى بىلمىگەن ئادەم ، بېشىدا كېزەر ماتەم . خەت بىلمەس نادانلارغا ، قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم . ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ ، تەلىم ئالسۇن ياش باللا . قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن قىساسىڭلار __ ئەنتىڭلار ! 2. تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقانلىرى مەن پەقەت شا مەخسۇت بىلەن ساڭا ئوخشاش (ياڭ زىڭشىڭنى دىمەكچى) بۆرە-تۇلكىلەرنى ئەزىز يۇرتىمىزدىن تازلاپ ، پۇقرالارغا تەڭلىك ، ئەركىنلىك ئىلىشقا ئاتلانغان ئوۋچىمەن . بۆرە-تۈلكىلەرنى ئېتىپ يوقتىش ئوۋچىغا گۇناھ ئەمەس ، ساۋاپ ! ئەمدى قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل ! .. .. .. .. .. .. .. .. .. .. .. سىلەرگە قارشى قانلىق جەڭگە ئاتلانغان خەلىقنىڭ بىشى بولۇپ تۇرۇقلۇق ، قۇرۇق ۋەدە - قەسىمىڭلارغا ئىشىنىپ ، قورالنى سىلەرگە ياندۇرۇپ بەرگەن، ئا لدىڭلارغا ئۆز ئايىغىم بىلەن كەلگەن مەندەك ھاماقەتكە بىر ئەمەس ، مىڭ ئۆلۇممۇ ئازلىق قىلىدۇ . قىنى جا للاتنى چاپسانرا ق قىچقار ، مىنىڭ ئسسىق قىېنىم ھىچ بولمىسا ، كىيىنكىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بولۇپ قالار . ئەمما ، بىر تال تاشنى قۇمۇرۋىتىش بىلەن بۇغدا تىغىنى غۇلىتىۋەتكىلى بولمىغانغا ئوخشاش ، مېنى ئۆلتۇرۋىتىش بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ . پۈتۈن بىر خەلىقنى قىرىپ تاشلاش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ . ........................                      3.  خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىيتقانلىرى: كاتتىۋاش ھۆكۈمەتنامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ، دېگەندە ، قاقاقلاپ كۈلگەن خوجىنىياز ھاجىم : ‹‹ ماڭا كەلگەن بۇ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس . مەن ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنىلا ئۆلۈپ بولغان . ئېيتىپ قوي ! شىڭ دوبەن دېگەن خۇمپەر لومودىغا ! مەن ئۆلگەن بىلەن خەلقىم ئۆلمەيدۇ ! ئىنقىلاب تۈگىمەيدۇ ! ....›› بۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى ئىدى. پايدىلانمىلار: 1.  دىيارىم تورىدا ئايچىچەك يوللىغان «  سېيىت نوچى» داستانى. 2. « ئىز »  رۇمانى. (395-بەت) 3. ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى. «خوجىنىياز ھاجىىمنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى»         مەنبە: سۈبھى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئە...
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسە...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخ...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
●  پېشقەدەم شائىر تاج...
●  پولات ھېيۋۇزۇللا
●  مۇھەممەت پولات
●  تۇردى سامساق
●  تۇرسۇن لېتىپ
●  شائىر ۋە مۇھەررىر پ...
●  ئۇيغۇر يازغۇچىسى پ...
●  ياش شائىر، يازغۇچى ...
●  جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇ...
●  ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن ت...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدى...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى