مۇھەممەت پولات
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-11 13:12:52 كۆرۈلۈش سانى : 99
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەدەبىي تەنقىدچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان مۇھەممەت پولات 1941 - يىل 9 - ئايدا تۇرپان ناھىيسىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 - يىلدىن 1953 - يىلغىچە تۇرپاندا باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1953 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە ئۈرۈمچى شىنجاڭ 2 - دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇغان، 1964 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ <1 - ئىيۇل> پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا خىزمەت قىلغان. مۇھەممەت پولات 1975 - يىلى شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇھەررىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
مۇھەممەت پولات ئەدەبىيات ساھەسىگە 1959 - يىلى كىرىپ كەلگەن. ئۇ، دەسلەپتە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <چىن دوستلۇق>، <ئالتۇن چىش> قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلارنى يازغان؛ 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ بارلىق زېھنىي كۈچىنى ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئىشلىرىغا قارىتىپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئاجىز ھالقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. ئۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە كىرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە <ياخشىراق يازايلى، قىسقىراق يازايلى>، <شېئىرىيىتىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر>، <زۇردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى>، <ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى> قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم ماقالىلەرنى، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا> ناملىق مەخسۇس ئەسىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە چوڭ تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەت پولات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېتىشكەن ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ، <رومېئو - ژۇلېتتا>، <قىزىل ۋە قارا> (2 - قىسمى)، <10 كۈنلۈك سۆھبەت> (1 - قىسمى)، <ئالتىنچى پالاتا>، <باغچا ساراي فونتانى>، <مېنىڭ قەلبىم تاغلاردا>، <نۇرخان> قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.
مۇھەممەت پولاتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <چىن دوستلۇق> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1980 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ياخشىراق يازايلى، قىسقىراق يازايلى> (1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <كىتابخانلىق تەسىراتلىرى> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق ئوبزورلار - ماقالىلەر توپلاملىرى، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى قاتارلىقلار بار. <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا> ناملىق كىتابى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان. مۇھەممەت پولات يەنە <زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا> قاتارلىق كىتابلارنى نەشر تەييارلىغان.
مۇھەممەت پولات ھازىر كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. |
|