بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەخسلىرىمىز >> مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن تاش

مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن تاش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-18 13:32:02    كۆرۈلۈش سانى : 166  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
1966-يىلى 12-ئاينىڭ 22- كۈنى قەشقەر بۇلاقسۇدا تۇغۇلۇپ، 2009- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى سەھەر سائەت 2 دە ئاشقازان راكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ھۈسەيىن تاش، 1985 – يىلىدىن 1989 – يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات سىنىپىدا ئوقۇغان، 1989 – يىلىدىن 1995-يىلىغىچە پولات ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، 1995-يىلىدىن تاكى  2008- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۆسمە كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا كىرگەنگەنگە قەدەر ‹‹پولات تۆمۈر گېزىتى››دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى.   مەن ھۆسەيىن تاش بىلەن 1996– يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بىركۈنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن. ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ــــ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام شىركەت بىناسىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى، ئىشىك بېشىدا ساڭگىلاپ تۇرغان سېرىق تاختايغا ‹‹ئۇيغۇر تەھرىر ئىشخانىسى›› دېگەن خەت يېزىلغان ئىشخانىنىڭ قىيا ئوچۇق ئىشىگىدىن كىرىپ، بۈدرە چاچلىق، ئۇرۇق يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم. قىسقىغىنە ھال ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ئۇ، ـــ بىزنىڭ ئىشخانىغا قەلەمكەشلەردىن باشقا ئادەم كىرمەيدۇ، قېنى، خىجىل بولماي يانچۇقتىكىنى چىقىرىڭ. ـــ دىۋىدى قەلبىمدىكى ‹‹تەھرىر ئىشخانىسى››نىڭ سۈر-ھەيۋىسىنى بىرخىل يېقىن، دوستانە تۇيغۇ قوغلىۋەتكەندەك بولدى. ــــ ئالدىنقى ھەپتە گېزىتىڭلارنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. ئەدەبىي بېتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، گەرچە مەن ھېلىغىچە ئۆزۈم يېزىپ ئۆزۈم ئوقۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ‹‹قېنى بىر بېرىپ باقاي›› دەپ كېلىشىم. مانا بۇ يازغانلىرىم، يارىغىنىنى تاللىۋېلىڭ، يارىمىغىنى مەندە قالسۇن. ئۇ يانچۇقۇمدىن چىقارغان خاتىرە دەپتەرنى ۋاراقلاۋېتىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى. ئۇ خاتىرىنى ۋاراقلىغاچ توختىماي قولىدىكى تاماكنى شورايتتى. ئارىلىقتا ھۈسەيىن بىلەن بىر ئىشخانىدىكى ئايشەم ھامۇت دەيدىغان ئايال كىرىپ ھۈسەيىننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ھۈسەيىن ئىككىنچى تاماكىنى چېكىپ بولۇپ قولىغا قىزىل رەڭلىك قەلىمىنى ئېلىپ بىرقانچە ۋاراققا بەلگە قويۇپ خاتىرىنى بەرگەچ، ـــ بەلگە قىلغانلىرىنى ئەتە چۈشكىچە كۆچۈرۈپ ئەكەپ بېرىڭلا، تۇنجى قېتىملىقىغا باقماي ئوبدان يېزىپسىلە، خەقنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈپقۇ كەلمىگەنسىلە-ھە؟ ــــ بەزىدە مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالىمەن، كۆچۈردۈممىكىن دىسەم، كۆز ئالدىمدا قولۇمدىكى قەلەم بىلەن مۇنۇۋۇ خاتىرىدىن باشقا بىرنىمە يوق بولمىسا. ــــ دىدىم ئۇنىڭغا تۈزلا. ــــ ھە راست، ئىسمىڭلا نېمە؟ ــــ ئىسمىم ئەخمەتجان، ـــ دەپ ئىتتىك ئۇنىڭغا قارىدىم. ـــ ئەدەبىيات كوچىسىنى ئەخمەتجان ئىسىملىكلەر بېسىۋالامدۇ نىمە؟ فامىلەڭلا ئوسمان ئەمەستۇ؟ ـــ دەل تاپتىڭىز، فامىلەم ئوسمان...    شۇ كۈندىن باشلاپ بىز تۇنۇشۇپ قالغان ئىدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزى ئالقانچىلىك بولغىنىغا قارىماي ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بىردىن بىر ئېغىر سانائەت رايۇندا ئەسەر ۋە جەمئىيەت توغرىسىدا ئازادە پىكىرلىشەلەيدىغان سىرداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ئەركەكلەردە بولۇشقا تېگىشلىك دوستلۇق رىشتىمىز چىگىلگەن ئىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ بىز تەكەللۇپ - تۇزۇتسىز ياشاپ، قولىمىزدىكىنى تەڭ خەجلەپ، كۆڭلىمىزدىكىنى تەڭ تىڭشاپ كەلگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى مۇڭلىرىمنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ‹‹بۇ دەرتلەر ھەممىمىزگە ئورتاق›› دەپ ماڭا تەسەللى بېرىدىغان دوستۇم ھۈسەيىندىن ئايرىلىپ قالدىم. مەنلا ئەمەس مەدىنىيەت قاتلىمى چاك چېكىدىن بۆسۈلۈپ، پارچىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر نۇرانە يۇلتۇزدىن ئايرىلىپ قالدى. نەزىرىمدە ھۈسەيىن تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ئىدى. ئۇ تۇلۇن ئايغا ئوخشاش، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە بىز ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ئەڭ قاباھەتلىك كوچىلىرىنى پاتپاتلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم بىنورمال بولمىغان بولسىلا ئىتتىك يېنىغا قاراشقا، ئەتراپىغا دىققەت قىلىشقا ئالدىرايتتى. قولىدىن كېلىدىغانلىكى ئىشتا ھاجەتمەننى رازى قىلىشنى ئۆزىگە بۇرۇچ قىلغان بۇ دوستىمىز تولىمۇ ئەپۇچان ئىدى. ھېلىلا بىرسىدىن ئازار يىگەن بولسا قولىدىكى تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ قالدۇقىنى تاشلىغان ھامان ئىچىنى ئۆرتەۋاتقان ئاداۋەتنى، ئۆچمەنلىكنى ئۇنتۇيتتى. ئازاپنى، ئاداۋەتنى ئۇنتۇش، شۇ خىل مۇھىتقا ھىچ ئىش بولمىغاندەك مەغرۇر يۈزلىنىش ئاددى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئۇ مەرت ئىدى. ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›› دېگەنلىكى ئادەم ئۈچۈن يېنىدا تاكى ئاپتوبۇس كىراسىغا چۇشلۇق پۇل قالغۇچە خەجلەيتتى. رايۇنىمىزنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭىدىن كەلگەن قەلەمكەش ئۇنىڭ ئىشخانا ياكى ئۆيىنىڭ تېلىفۇنىنى سايرىتىپ، ‹‹ھۈسەيىن مەن كەلدىم›› دەپلا قويسا، يېنىمدىكى پۇل كەملەپ قالمىسۇن دەپ تارتمىسىدىكىنى، تارتمىسى قۇرۇق بولسا خىزمەتداشلىرىنىڭ يېنىدىكىنى ئېلىپ ئېرىنمەي 30-40 كىلومىتىر يولنى بېسىپ شەھەرگە يۈگۈرەيتتى. پولات زاۋۇتىغا چىققانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ داستىرخان سالاتتى. ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ھەرقانداق بىر ئىدارىدە ئۇنىڭ تۇنۇشلىرى بار ئىدى. ئۇ كۆڭۈلچەك بولغاچقا تولاراق ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قوياتتى. ‹‹دوستۇم دەپ بويۇمدا قالدى›› دىگەندەك ئۇ دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ كېچىلەپ قونۇپ قالىدىغان، ئەتىسى ئايالىدىن ئازار يەيدىغان چاغلىرىمۇ بولاتتى.  شەھەر دىگەندە يىيىشتىن تارتىپ ئىچىشكىچە ھەتتا يىگەن ئىچكەننى چىقىرىشقىچە پۇل خەجلەيدىغان گەپ. ئۇ ئايدا بىرلا قېتىم ئالغان مائاشى بىلەن ئائىلىسىنى، ‹‹ئەسسالام، ھۈسەيىن بارمۇ سەن؟›› دەپ كەلگەن دوستلىرىنى قامداپ كەلگەچكىلا يېنىدا ئېشىنچا پۇل يوق ئىدى. مۇئاشىنى ئۇدۇللۇق خەجلەيتتى. 99 قېتىم خەقنىڭكىنى يەپ 100 قېتىمدىمۇ خەقنىڭ يانچۇق كولىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان بىرلىرىگە ئوخشاش پېتىرلىق قىلىپ، تاكى خەق پۇل خەجلىمۈگىچە، تېشىدا ھېيىت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتۇشنى خالىمايتتى. ئۇ تەرەپ غولجىدىن تارتىپ، يىرىقى خوتەنگىچە بولغان كەڭ زىمىندا ئۇ بىلمەيدىغان قەلەمكەش، ئۇچراشمىغان ھەۋەسكار، ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى بولمىسا كېرەك. ھۈسەيىننىڭ ۋاستىسىدە، دەل پولات زاۋۇتى ئىچىدە تۇنۇشقان، بىرگە ئاش-تۇز يىگەن بۇرادەرلەرنى سانىساممۇ نەچچە يۈزى چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنى ئۇ ھەپتە ئون كۈنلەپ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ باققان ئىدى. شە كۆرگىلى كېلىپ قايتىش پۇلى قالمىغانلارغا ئۆيۈڭگە بېرىۋالغۇچە خەجلە دەپ پۇل بەرگىنىنى كۆرگەن، ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ـــ ئەخمەتجان مۇتەللىپ قانداق ئىشلىگەندۇ؟ ـــ دەيتتى ئۇ چاقىرغۇ قايتۇرسام. ـــ ساۋاقدېشىم كەپتىكەن، ساۋۇت كاۋاپچىنىڭ دۇكىنىغا كېلىڭلا... گاھ مۇتەللىپ بىلەن ئىككىمىز، گاھىدا ئۆزۈم يالغۇز دىگۈدەك مېھمانلارنىڭ يېنىغا باراتتىم. بۇنداق سورۇنلاردا يېڭى تۇنۇشلىرىم كۆپىيەتتى. ئىسمىنى ئاڭلىغان قەلەمكەشلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قالاتتىم. ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردىن چىقىدىغان گېزىت، ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەنمۇ ھۈسەيىنىڭ ۋاستىسىدە تۇنۇشقان ھەم ئاغىينىلەردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق.   شۇنداق قىلىپ مەن ھۈسەيىننىڭ ۋاستىسى، ھەم سەمىمى يىتەكلىشىدە ئوقۇرمەن، كىتاپخاندىن ھەۋەسكار، ئازتولا ھوسۇلغا ئېرىشكەن قەلەمكەشكە ئايلاندىم. بۇ جەرياندا ئۇ مېنىڭ تالاي يازمىلىرىمنى ئېرىنمەي كۆردى. ھەتتا ‹‹ يىلدا چوقۇم 20 پارچە ھېكايە يېزىڭلا، شېئىرغا قارىغاندا ھېكايىغا ئېپىڭلا بار ئىكەن ›› دەپ مەسلىھەت بېرەتتى. بەزىدە بېسىممۇ قىلاتتى. يازغانلىرىمغا ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ قويۇپ تۇرۇپ پىكىر بېرەتتى ۋە گېزىتىدە ئېلان قىلىپ ماڭا روھىي مەدەت بېرەتتى. رىغبەتلەندۇرەتتى.    ــــ جاھان دىگەن مۇشۇ دەپ دوپپامچىلىك يەردە قولۇمغا قاراپلا ئولتۇرماي، سىرتقىمۇ چىقىپ قويۇڭلار، ئاۋۇ ھېكايەڭلا گېزىتقا سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ، مەن ‹‹تەڭرىتاغ›› ژورنىلىغا ئەكىرىپ بېرەي... ـــ قانداق بولا؟ خەقنىڭ مەسخىرىسىگە قالارمەنمىكىن... ـــ مۇھەرىرمۇ ئادەم، داڭ قازانغان يازغۇچىمۇ سىلە بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەم. قايسى بىرسى ئانىسىنىڭ قارنىدىن چۈشۈپلا مۇھەررىر، يازغۇچى، شائىر بوپتىكەن؟ ‹‹تەڭرىتاغ››دىكىلەر سىلە ئويلىغاندەك ئادەملەردىن ئەمەس...    ئۇ نەچچە قېتىم شۇنداق دىگەن بولسىمۇ، شۇ يەرگە كىرىش نىسىپ بولماي خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئارىلىقتا ئۆزى ئەكىرىپ بېرىمەن دەپ ئالغان ھېكايىلىرىمنىڭ ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە بىرنىمە دىمىدى. مەنمۇ سورۇمۇدۇم. چۈنكى مەن يازغانلىرىمنى ئېلان قىلىشتىنمۇ بەكرەك پۈتكۈزۈپ بىر ئوقۇۋالسام قالتىس خۇش بولۇپ كېتەتتىم، ۋاقىرىغۇم، زۇۋانىمنى قويۇۋېتىپ كۈلگۈم كېلەتتى.    ـــ ماڭا بەرگەن ئەسەرلىرىڭلارنى كۆچۈرۈپ قويۇڭلا، ئىشخانا دىگەندە ئادەم كۆپ بولىدۇ، يوقاپ كېتىپ قالسا ئون قېتىم يازساڭلىمۇ ئەسلىدىكىدەك چىقىرالمايسىلە... ـــ دىدى ئۇ بىركۈنى كەچلىكى ئىشخانىسىدا پاراڭلىشىۋېتىپ. شۇ چاغدا، ھېلىقى ھېكايىلىرىمنى يوقۇتۇپ قويغان چېغى دەپ ئويلىغان بولساممۇ سورۇمۇدۇم. كېيىن ئىككىيلەن ئاتايىن ‹‹تەرىتاغ›› ژورنىلىغا كىرمەكچى بولدۇق. ‹‹تەڭرىتاغ›› ژورنىلىدا تۇنجى ئېلان قىلىنغان ‹‹قوشنامنىڭ كۈچۈكى›› دىگەن ھېكايەمنى كۆتۈرۈپ ئىككىمىز شەھەرگە قاراپ ماڭغاندا ئەركىن نۇر سەپەر تەييارلىقىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئىكەن. بىز مەلۇم مېھمانخانىغا كىرىپ ئەركىننۇرنىڭ تىجارەتچى دوستىنىڭ ياتىقىدا  ھال-مۇڭ بولۇپ ھېكايەمنى ئەركىننۇرغا بېرىپ قايتتۇق. ھېكايەم ‹‹تەڭرىتاغ›› نىڭ شۇ ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىندى. خۇشال بولدۇم، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ھېكايەمنى كۆتۈرۈپ ‹‹تەڭرىتاغ ژورنىلى›› نەدىسەن دەپ ئۆزۈملا شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتىم.  غەربى دەرۋازىغا كېلىپ ئىشخانىنى تاپالماي تېلىفۇن قىلسام پولات ئالدىمغا چىقىپتۇ. قىزغىن كۆرۈشتۇق. ئاشخانىغا باشلاپ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېھمان قىلىۋىدى گېزىت ژورنالدا ئىشلەيدىغانلار توغرۇلۇق ئاڭلىغان گەپلەرنىڭ يالغانلىقىنى، راست بولسىمۇ ئومۇميۇزلۈك ئەمەسلىكىنى، بىر ئىككى شاخىنىچىنىڭ بۇ يولدىكىلەرنىڭ يۈز ئابرۇيىنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن پولات تۆمۈر گېزىتىدىن تەڭرىتاغ ژورنىلىغا كۆچتۈم. يەنە بىر قېتىملىق كىرىشىمدە ئەركىن نۇر سەپەردىن قايتىپ كەپتىكەن.بىز تېزلا سىرداش ئاغىينىلەردىن بولۇپ قالدۇق. ئۇمۇ ھۈسەيىنگە ئوخشاش ماڭا كۆيۈندى ھەم يىتەرسىزلىكىمنى كۆرسۈتۈپ تۇردى. تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ كەينى كەينىدىن ئەسەر ئېلان قىلىشىم دىيارىمىزدىكى گۇمانخورلۇقتا بوغۇلۇپ ياشاۋاتقان قەلەمكەشلەر ئارىسىدا غۇل-غۇلا قوزغىدى. بىرلىرى ‹‹ ئەسەر يازىدىغان سەنلا بارمۇ؟›› دىسە يەنە بىرلىرى ‹‹ئۇ تەڭرىتاغ ژورنىلىدىكىلەرنى سېتىۋالدى، مېھمان قىلىپ ئەسەر ئېلان قىلدى›› دىيىشىپ يۈرۈشتى. ـــ ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن دىگەندەك سىلىنىڭ ياخشى نامىڭلارغا ئەگىشىپلا يامان گېپىڭلارمۇ بازار تاپقىلى تۇرۇپتۇ. بەزىلەر سىلىنى پۇل خەجلەپ ئەسەر ئېلان قىلىدىكەن دىيىشىپ يۈرگۈدەك. ئەدەبىي ئەسەر ئۈنۋان ماقالىسى ئەمەس، ماۋۇ كۆزى كور دۇنيادا پۇل خەجلەپ ماقالە يازدۇرۇپ، پۇل خەجلەپ ئېلان قىلىپ، پۇل خەجلەپ ئۈنۋان ئېلىپ يۈرگەننى  كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرغاندىكىن ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. نىمىلا بولسۇن بېشىڭلىنى تىقىۋېلىپ يېزىيۋېرىڭلا، تەڭرىتاغدىكىلەر ئۇنداق گەپ سۆزلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ... ـــ دەيتتى ھۆسەيىن مېنىڭ ئۈستۈمدىن بولۇنۇۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلىغان ھامان مېنى يېنىغا چاقىرىپ. ـــ يەنە بىرگەپ، دەرھال بىر تەخەللۇس قوللىنىڭلار بولمىسا ئەسەرنى سىلە يازغان بىلەن خەقنىڭ ھېسابىغا كىرىپ كەتكۈدەك. بەزىلە ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرنى تاشلاپ ھېكايىغا ئۆتۈۋاپتۇ دىيىشكۈدەك، ئۆزۈڭلا پولات تاۋلايمەن دەپ ئىس تۈتەك ئارىسىدا يۈرگەن بىل خەق سىلىنى چەتئەلدىكى داڭلىق شائىر دەپ بىلىدىكەن... ـــ تەڭرىتاغدىكى تۇنجى ھېكايەمنىڭ قەلەم ھەققىممۇ 40 كىلومىتىر يەردىكى مېنى تاپالماي، ئاقسۇدىكى ئەخمەتجانغا كېتىپتۇ. ـــ دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ. ـــ بوپتۇ، قايتۇرۇپ بېرە، خەجلەپ قويسا سىلىمۇ ئاقسۇلۇق بولغاندىكىن بارغاندا ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ قايتۇرۇپ ئالارسىلە، كەلپىن ئاقسۇغا يېقىندۇ؟... ھۆسىيىن بىلەن بىرگە تەڭرىتاغ ژورنىلىغا كۆپ كىرگەچكىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنىڭ ياخشىلىقىدىنمۇ ئېيتاۋۇر تەڭرىتاغقا كىرسەم يىراقتىكى تۇققانلارنىڭ يېنىغا كىرگەندەك قىزغىن قارشى ئېلىناتتىم، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردەك چاقچاقلىشىپ كېتەتتۇق. ‹‹قوشنامنىڭ كۈچۈكى››نى ئىشلىگەن ئېزىزى ‹‹پولاتقا دەپ ساڭا بىر كومپىيۇتىر ئېلىپ بەرسەك، ھېكايىنى كومپىيۇتىردىلا يېزىپ ئەكىرسەڭ بولغۇدەك›› دەپ مېنى تازا كۆتۈرۈپ بولۇپ ‹‹ خېتىڭ نىمانداق سەت، سەتلىكىگە باقماي خەرىتىدەك تۇتاشتۇرۋېتىشلىرىڭچۇ ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ ›› دەپ چاقچاق قىلىۋالغاندىن كېيىن ماڭا ئىپادىلىمەكچى بولغان تېمىنى يۇرۇتۇش ھەققىدە تەنقىدى پىكىرلەرنى بېرەتتى. ئېزىزى قىزارتىپ تۇرۇپ دىمىگەندىمۇ ئەسەرنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن يېزىۋېتىپ ئۇنى يەنە بىر قېتىم كۆچۈرۈشكە  ھورۇنلۇق قىلاتتىم. يازغىنىمنى يەنە بىر قېتىم كۆچۈرۈشكە ئېرىنەتتىم. يېزىپ بولۇپ ئوقۇۋېتىپ ئازراق قاتقۇدەك يېرى بولسا شۇ ۋاراقنىڭ خەت يازغۇدەكلا يېرى بولسا يېزىپ چەمبەرگە ئېلىپلا تارتىپ ئەكىلىپ كەلگەن يېرىگە ئۇلاپ قويسام، چىقىرۋەتكۈدەك يېرىنى جىجاپ بىر تەرەپ قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ دىگىنى ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن، ئەسەرنى يېزىش ئەمەس ئۇنىڭغا قايتا قايتا ئىشلەش كېرەككەن. بىر قېتىم بولسىمۇ كۆچۈرۈپ قويمىغاچقا نۇرغۇن يازمىلىرىم يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ھۈسەيىن،ئەركىن نۇر ۋە ئەزىزىنىڭ پىكرىگە ئېرەنسىزلىك قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم...   شۇنداق قىلىپ كېيىنكى كۈنلەردە ھۈسەيىن بىلەن ھەم دوست ھەم رىقابەتچىلەردىن بولۇپ قالدۇق. يازغانلىرىمىزغا، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمىزگە پىكىر بېرىشەتتۇق، ئارۇقچىلىقلىرى بىلەن كەمچىلىكىنى سۆزلەشكەچ بىر ئىككى قۇتا ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچىۋېتىپ ئىشخانىسىدىن چىققاندا ئىككىلىمىزلا يەڭگىللەپ قالاتتۇق. ئىشلىمىگەن كۈنلىرىمدە ئىشخانىسىغا باراتتىم، باشقىلار ئىشتىن چۈشۈپ قايتقاندىن كېيىن يېنىمىزدىكىنى چىقىرىپ بىر ئىككى قۇتا ئۈزۈم ھارىقى ئېلىپ كىرىپ ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشەتتۇق، بەزىدە سىلە تېلىفۇن ئويناڭلا مەن بىرنىمە يېزىۋالاي دەيتتى. خوتەن، قەشقەر، كورلا، تۇرپان، غۇلجىدىن تېلىفۇن كېلەتتى. ياكى بىز ئۇراتتۇق. سۆزلىشىپ بولۇپ قانداق تۇنۇشقىنىمىزنى، قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ۋە ھىسياتىمىزنى دىيىشەتتۇق. مەن جەنۇپقا كېتىۋېتىپ بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئاپتوبۇس ئاقسۇ تەۋەسىگە كىرىپ توختىغاندا چىققان بۇ قىز قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى، ياندىشىپ ئولتۇرۇپ 6 سائەتلىك سەپەرداش بولۇش بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرسەم ئۇمۇ بىرلىرى بىلەن تۇنۇشقان ئىشلىرىنى، مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنى سۆزلەيتتى. بەزىدە ئۇ مېنىڭ بىرلىرىگە بەكلا قىزىپ قالغانلىقىمنى ئاڭلاپ ‹‹ئۇنى بۇنى دەيدىكەنمىز، يەنىلا ئۆيدىكى ئايالىمىز ياخشىكەن ئەخمەتجان›› دىيىش ئارقىلىق تۇيۇق يولدىن  چېكىنىش ھەققىدە بىشارەت بېرەتتى. ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا سىيىت نوچىدەك مەرتلەرمۇ، ... غا ئوخشاش ھېيلىگەرلەر، مۇناپىقلارمۇ؟ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا قاتراپ ئوت پۇركەپ ھەسەت، زىددىيەت تېرىيدىغان پىتنىخورلارمۇ بولىدىكەن. بەزىلىرى سەن بىلەن شۇنداق يېقىن بولغان بولسا بىرەر ئۇتۇقۇڭنى كۆرگەن ھامان رەشىكتىن رەقىپكە ئايلىنالايدىكەن. ھەتتا ساڭا بوھتان چاپلاپ تۆھمەت قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. ـــ مەمتىمىن ھۇشۇرغا بەك ياراپتۇ ھېكايەڭلا، بىزنىڭ باگاڭدىكى بالا دىسەم خېلى ئۇزۇنغىچە گېپىڭلانى قىلدى. ياقۇپ جىڭلىغۇ تولا گېپىڭلارنى قىلىدۇ، ‹‹ يازسۇن، باشلىقلارنىڭ قىلمىشىنى سۆككەن ھېكايىسىدە ئىسمىمنى ئەينەن ئاتىمىسىلا مەن خاپا بولمايمەن ›› دەيدۇ. ياقۇپكامنىڭ سىلىنى بىر كۆرگۈسى بار... ‹‹ئىلى دەرياسى››، ‹‹تۇرپان››، ‹‹قەشقەر ئەدەبىيات›› ‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى›› قاتارلىق ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەن ھۈسەيىن ۋە تەڭرىتاغدىكىلەرنىڭ ۋاستىسىدە تونۇشتۇم، نەچچە ئون قېتىملاپ بىرگە ئولتۇرۇپ مۇڭداشتۇق، پىكىرلەشتۇق. ھەتتا بەزىلىرىگە ھۈسەيىن بىلەن ئەركىننۇر مەجبۇرى ئەسەر ئىبەرتكۈزگەنمۇ بولدى.... بايا دېگەندەك ھۈسەيىن دوستلۇق، ۋە ئەدەبىيات كوچىسىدىكى بۇرادەرلىرى بىلەن بولىدىغان سۆھبەتلەر بەدىلىگە ئىقتىساددا مىڭ سوم ئېشىنچى پۇل يىغالمىغان بولسىمۇ نەچچە ئون تۇمەنگە بەرگۈسىز ئاغىينىلىرى بار بولغاچقا كۆڭلى توق ئىدى. جەننەتكە مىسال قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىللىق ئائىلە تولاراق ئىقتىساد ۋە پىكىر ئىختىلابى سەۋەب زىددىيەت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. ئەلۋەتتە ھۈسەيىنمۇ بۇخىل كۆڭۈلسىزلىكتىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. ئادەمنىڭ ھەرقانچە كۆپ دوستى بولغىنى بىلەن كۆڭۈل پىنھانلىرىدىكى سىرلىرىنى، دەردۇ-ئاھلىرىنى تۆكەلەيدىغان ساناقلىقلا ئادىمى بولسا كېرەك. مەن ھۈسەيىن بىلەن ئەنە شۇنداق كىشى بىلسە بولمايدىغان سىرلارنى دىيىشەتتىم. ئاياللار ئاچچىقىم كەلدى دەپ، بىردەمدىن كېيىن مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويىمەنغۇ دىگەننى ئۇنتۇپ ئۇچرىغانلا كىشىگە ئېرىنىڭ ‹‹ئەيىپ››لىرىنى دىيەلىگىنى بىلەن ئەرلەر ئۇنداق قىلالمايدىكەن. ئايالىنىڭ خېلى چوڭ سەۋەنلىكلىرىنىمۇ ئىچىگە يۇتۇشقا، كىشگە بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىدىكەن.   ـــ سەل بۇزۇىلۋالدىڭلىمۇ نىمە؟ ـــ قانداق دەيسىلە؟ ـــ ئايالىم ئەخمەتجانغا تەربىيە قىلىپ قويۇڭ، خوتۇنىنى ئۇرۇۋاپتۇ دەيدۇ. بىرەر قىز بىلەن تېپىشىپ قالمىغانسىلە؟ ـــ توۋا دەڭلا، ئايال خەق دىگەننىڭ نېمە ئويلايدىغىنىنى بىلىپ بولمايدىكەن. ـــ زىددىيەت، غەلۋە-غۇدۇر بولمايدىغانغۇ ئۆي يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئۇۋال قىلساق بولمايدۇ. پاراڭ ئائىلە تېمىساغا يۆتكەلگەندە ئۇ، ـــ بەزىدە پاتىگۈلمۇ كۆزۈمگە كىرۋالىدۇ. سىلە بىلەن ئولتۇرساممۇ، بازارغا كىرىپ ساۋاقداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ قالساممۇ بىرەر قىزنى قوشۇپ تەنە قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتىدۇ. ئۆزۈمنى ئاقلاپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي نېمە دىسە ‹‹ھە، شۇنداق بولدى›› دەيدىغان بولدۇم. بازادا خوتۇنۇڭ بار دەيدۇ، ‹‹ھە›› دەيمەن، مۇھەببىتىڭ بار دەيدۇ ‹‹ھە›› دەيمەن. بىزگە خوتۇن، ئاشنا بولىدىغان خەقنىڭ قىزىنىڭ بېشى ئىشىپ قالمىغاندۇ؟ خەجلەپ بەرگۈدەك ئېشىپ تېشىپ تۇرغان پۇلىمىز، ئوينىتىپ كەلگۈدەك ماشىنىمىز بولمىسا.... ئۇ ‹‹ئاجرىشىش خىتاپنامىسى››نى يازغۇچە نۇرغۇن ئاجراشقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا دىققەت قىلغاندىن سىرت ھەتتا ئۆزىمۇ تاسلا قالغانتتى ئاجرىشىپ كەتكىلى. گەرچە بىز بىر بىرسىمىزگە تەربىيە قىلغان، توغرا يولنى ئىزدەپ خاتا يوللاردىن ئىمكانىمىز يەتكۈچە قېچىۋاتقان بولساقمۇ ئارىلىقتا مەن ئاجرىشىپ كەتتىم. ‹‹قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ›› دەپ مەن قورقىدىغان، قەتئى قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان ‹‹ئاجرىشىش›› دىن ئىبارەت بۇ مەرەزنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقىمدىن ئازاپلاندىم. بىراق بۇ يولدا ماڭمىسام روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتىم. تۇنجى قېتىم ئاجراشقاندا ئىنسى جىنغا تۇيدۇرماي بىر ئۆيدە ياشىغان، ئاتام ۋە ئاكامنىڭ قىستاشلىرى، زورلاشلىرى ئارقىسىدا يېنىشىپ، يىتىم قىلىشنى خالىمىغان بىر بالا، ئىككى بولغاندا يەنە ئاجرشىپ كەتكەن ئىدىم... گەرچە ھۈسەيىننى توسۇغان، ئاجراشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن، مەن بىلەن سالام سائىتى بارلارغا ئاجراشماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلغىنىم بىلەن ئۆزۈمگە كۈچۈم يەتمىگەن ئىدى. پاتىشاھىنى مىڭ يىللاپ ياشاڭ دەپ توۋلاۋاتقان خەلىق ئازاپ ئوقۇبەتنىڭ دەستىدىن، بىر چاغلاردا ئۇلۇغلىغان، ئىتائەت قىلغان، بارلىقىنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرغان شاھىنى تۆردىن پەگاھقا تاشلىۋەتكىنىدەك مەنمۇ ئۆزۈم قۇرۇپ چىققان جەننەتنى ئۆز قولۇم بىلەن ۋەيران قىلىۋېتىشتىن ساقلىنالمىغان، ساقلاپ قېلىشقىمۇ قۇربۇم يەتمىگەن ئىدى... مەن ئاجراشقان كۈندىن باشلاپ ھۈسەيىننىڭ ئايالى پاتىگۈل ماڭا باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنى سېزىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سالاتتىم، ئاياللارنىڭ تىلىدا ئەسكى بولۇشمۇ ياخشى بولۇشمۇ بىردەملىك بولسا كېرەك. ئەسكى بولغان بولسام بوپتىمەن. دوستۇم ئەسكى دىمىگەندىكىن دەپ ياشاۋەرگەن بولساممۇ يېقىن ئارىلىقتىكى ھېيىت ئايەمدە ئۆيىمىزگە بېرىشالمىدۇق. ئەمما ھۈسەيىن بىلەن بولىدىغان پىكىرلىرىمىز، كالتە ئولتۇرۇشلىرىمىز، تۆكىشىدىغان مۇڭ-ھەسرەتلىرىمىز ئۈزۈلمەيتتى. قاۋاقنىڭ ئايرىم خانىلىرىدا ياكى ئىشخانىسىغا كىرىۋېلىپ ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ قويۇپ پاراڭلىشاتتۇق. ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەردىكى زىددىيەتلەرنى، زىددىيەتكە سەۋەب بولغان مەنبەنى ئىزدەيتتۇق. ئوي خىياللىرىمىز، پىكىرلىرىمىز ئوخشاش چىقاتتى. ئىجادىيىتىمىز ۋە پىلانىمىز ھەققىدە، ئاز ئەمما نەق گەپلەرنى قىلىشاتتۇق. ـــ بالىنى دىمىسەم ئاللاقاچان ئاجرىشىپ كېتەتتىم. ئائىلە دىگەننى بالا باغلاپ تۇرىدىكەن. بالا ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى، قۇربانلارنى بېرىدىكەنمىز، ئازاپلارغا چىداشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز. ـــ دەپ قوياتتى ئۇ بەزىدە. بۇنداق چاغدا مەن ھەقىقەتەن ئازاپلىناتتىم. ئازاپلىنىۋېتىپ  ئۆتمۈشۈمگە نەزەر سالغىنىمدا يۈرەكنىڭ چوڭقۇرىدىكى غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك، ‹‹ياق، سەن توغرا قىلدىڭ، ئىككى ئەمەس ئون بالا بولسىمۇ ئاجرىشىش كېرەك، بۇنداق خۇتۇن بىلەن ياشاشقا قەتئىي بولمايدۇ›› دەپ نىدا قىلاتتى.    شۇنداق قىلىپ ھۈسەيىننىڭ بىرقانچە قېتىملىق ئاشقازان ئاغرىقىدىن كېيىن راك ئىكەنلىكى تاكى كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندىلا بايقالغان بولدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسدا ئوپىراتسىيىگە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ مۇتەللىپ ئوسمان بىلەن ئىككىمىز بىرقانچە قېتىم يوقلاپ كىردۇق. مۇشۇ كۈنلەردە مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش، ھۈسەيىننىڭ ياتاقتا ئىكەنلىكىنى، كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى مۇتەللىپتىن ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ ياتاقتىن چىقىپ قەشقەر سەپىرىگە ماڭماقچى بولغانلىقىنىمۇ مۇتەللىپتىن ئاڭلىدىم، يۇرتتىن كەلگەنلىكىنى، ئۆزگىرىپ قېلىپ يەنە شۇ ياتاقتا يېتىۋاتقانلىقىنىمۇ مۇتەللىپتىن ئاڭلىدىم، شىركەت دوختۇرخانىسىغا يېنىپ چىققانلىقىنىمۇ، سەكراتقا چۈشكەنلىكىنىمۇ، ھەتتا تۈگەپ كەتكەنلىكىنىمۇ يەنە شۇ مۇتەللىپتىن ئاڭلىدىم. بۇ جەرياندا مەن يېقىن يۇرۇقتىكى ئۇ بىلىدىغان، مەندە تېلىفۇن نۇمۇرى بارلىكى بۇرادەرلەرگە خەۋەر قىلدىم. يوقلىۋالغانلار ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بەرگەن بولسا يوقلىيالمىغانلار ئىبرەت ئالدى. دوستلىرى، تۇنۇش بىلىشلىرى بىلەن پات-پات ئىزدىشىپ تۇرۇشقا، مۇشۇنۇڭدەك يوقۇتۇشلاردا بىرگە تۇرۇشقا گەپ ئېلىشتى. 5-ئاينىڭ 29-كۈنى مەن ئۈرۈمچىدە ئىدىم. مۇتەللىپنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپلا كەينىمگە ياندىم. كەلسەم ئارمانلىرىنىڭ بىرى ئەمەلگە ئاشمىغان بۇ دوستۇم  سەكراتقا چۈشۈپ بولغان ئىكەن. جان تالىشىشنىڭ نېمىلىكىنى تۇنجى قېتىم كۆرەۋاتاتتىم. راك ھۈجەيرىلىرى ئۆپكىسىگىچە ھۇجۇم قىلغانمۇ قانداق مەيدىسى خارتىلدايتتى. ھۈسەيىن ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىۋاتقان، جان تالىشىۋاتقان بولسا، ھۈسەيىننىڭ بۇرنىدىكى ئوكسىگىن نەيچىسىنىڭ كولدۇرلىشى بىلەن ئۆپكىىسىدىن بۆسۈلۈپ بۆسۈلۈپ چىقىۋاتقان خارتىلدىغان ئاۋاز ئېلىشىۋاتقاندەك، بەسلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. دوستۇمنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. ياراتقۇچىنىڭ ئېلىپ كېتىشى مۇتلەق ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ شەرتسىز بوي سۇنغۇچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلسەممۇ، ھۈسەيىننىڭ ساقىيىپ دەست تۇرۇپ كېتىدىغانلىقىدەك  بىرخىل تۇيغۇ  مېنى بەزلەپ تۇراتتى. ئارىلىقتا ئو ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى تۈكۈردى. تۈكۈرۈكتىكى قاننى كۆرۈپ ئاستا سىرتقا چىقىپ كەتتىم. كارىدۇردا لىققىدە ئادەم. ھەممىسى بۇ تەقدىرگە ئىشەنمىگەندەك، ئىشەنمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. بىر چاغدا پاتىگۈل بىزنى سىرتقا چاقىرىپ: ـــ ئىشقا بارىدىغانلار قايتىپ ئىشىڭلارنى ئىشلەڭلا، ئىشقا بارمايدىغانلار تۇراي دىسەڭلا مەيلى، قايتقۇڭلا بارلىرىڭلا بولسا قايتىپ ئارام ئېلىڭلا، ئەمما تېلىفۇنۇڭلار چوقۇم ئوچۇق تۇرسۇن، ئۆزگىرىش بولغان ھامان تېلىفۇن قىلىمەن. ـــ دېدى. مەن ۋە مۇتەللىپ كېچىلىك ئىسمىنا ئىشلەيدىغان بولغاچقا كەچ سائەت 10:30 دا ئىشقا ماڭدۇق. ئەتتىگەن سائەت 8 دە ئىشتىن چۈشۈپ كېلىۋاتسام مۇتەللىپتىن تېلىفۇن كەلدى. ـــ دەرھال مەسچىتكە كېلىڭلا ئاداش... كۆزۈمگە غىللىدە ياش كەلدى. تۇرۇپلا ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم، ياراتقان، بىزگە دوستلۇق رىشتىنى سالغان ئىگىمىز بىزنى ئىلگىر كېيىن بولسىمۇ جەنۇپقا ئاپپىرىپ ساق سالەمەت ئەكىلىپ بۇگۇنكىدەك كۈندە، بۇ، تاش، تۆمۈر، ئىس ۋە سېسىق گاز پۇراپ تۇرىدىغان پولات شەھرىدە ئىسسىق تېنىمىزنى كۆرۈشۈشكە نىسىپ قىپتۇ.  دوستۇمنىڭ جېنىنى ئېلىپ ماڭا ھايات ۋە مامات توغرۇلۇق ئويلۇنۇش پۇرسىتى قالدۇرۇپتۇ. جەنۇپقا بېرىپ 10 كۈن ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ نامىزىغا قاتنىشىپ، نەچچە ئادەمنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلمىش مەنزىلگە نىسپەتەن تەييارلىق قىلىشنى ئويلاپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇسىبەتنىڭ بولۇشى مېنى ئالدىرىتىۋاتاتتى.  ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنياغا مېھمان ئىكەنلىكىمنى، ئەمما، ئۆيۈمگە كەلگەن مېھمانلارغا ئوخشاش ‹‹قايتىمەن›› دەپلا كېتەلمەيدىغانلىقىمنى، بۇ قايتىشنىڭ مېنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قېلىۋاتاتتىم. ھۈسەيىن 40 ياشتىن ئەمدىلا ھالقىپ مەنزىلىنى تېپىۋالدى. ئېھتىمال ئۇ بۇنداق بالدۇر كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغاندۇ؟ بۇ قەدەر بالدۇر كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولغىيتتى. 40 ياشتا ئۆلۈپ كېتىمەن دەيدىغان قاراش ھۈسەيىننىڭلا ئەمەس ئارىمىزدىكى قايسى بىرىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقىدۇ؟ مەسچىتكە كىرىپ بۇ يەرنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇنجى قېتىم چىن مەنىسىدىن بىلدىم. بۇ يەرگە پات پات كېلىپ تۇرۇشنى، كېلەلمىسەممۇ ھەر بىر تىنىقىمدا ياراتقۇچىنى ياد ئېتىشنى، ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ تۇرۇشنى نىيەت قىلدىم. كىچىكلىكىمدە ئوقۇپ يۈرگەن بەش ۋاخ نامازنىڭ ئەقلىمنىڭ تولۇشىغا ئەگىشىپ ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشى مېنى خىجىللىقتا ئۆرتەيتتى. سەۋەبكار كىم؟ ئۆزۈمدىن باشقا يەنە كىمۇ؟ بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەر بىر توقۇنۇش، زىددىيەت، پايدا-زىياننىڭ سەۋەبكارى ئۆزىمىزغۇ ئاخىر! يۇيۇش تاختىسىدا ياتقان مىيىتكە قاراپ ئۇزاق تۇردۇم. بۇ ئادەم بىلەن بىللە ياشىغان ھەر بىر مىنۇت كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتاتتى. ئوپىراتسىيە قىلىدۇ دىگەن كۈنى مۇتەللىپ بىلەن كىرىپ، دوختۇرخانىنىڭ، ئوپىراتسىيىدىن كېيىنكى گۈزىتىش ئۆيىدە ياتقان ھۈسەيىننى كۆرۈپ ئۇنى ئەزرائىلنى يەڭدى، ئەمدى ئۇ دەست تۇرۇپ ئالدىمىزغا كېلىدۇ، يوقاپ كەتتىڭلىغۇ ئەخمەتجان دەپ تېلىفۇن قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ ھەقىقەتەن دەست تۇرغان ئىدى. دەست تۇرۇپ مەن بىلەن كۆرۈشكەن، يەنە تېخى ھېلىقى ئالقان كومپىيۇتىرىنى تورغا ئۇلىيالمىدىم، تورغا ئۇلايدىغان سىمى باركەن، كۆرۈپ بېقىڭلا دىگەن ئىدى. مەن خېلى ئۇزاق ھەپىلىشىپمۇ ئۇلىيالماي ئۆزرە سورىغان ئىدىم. كېيىن ئۇ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۈرتىنى، بىرگە ياشىغان ۋە پىكىرداش بولغان يارۇ بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى. ئەزرائىلنى يەڭدىم دىيىش خاتا ئىكەن. بىز غەپلەتتە قالغاچقىلا ياراتقۇچىنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇپ ئۇنى كۈچ مادارىمىزغا، قىلغان سەۋەپلىرىمىزگە باغلاپ قويىدىكەنمىز. سەۋەبنىڭ ئالىمى دەپ تىركىشىپ باقىدىكەنمىز. ئاخىرىدا، ھەممە نەرسە كار قىلماي جان تەسلىم قىلغاندا بولسا ‹‹ئەسلىدە بۇيرۇق شۇكەندۇق›› دەپ ياراتقۇچىنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى ئېتراپ قىلىدىكەنمىز. تاھارەت ئېلىش جەريانىدا مۇشۇ مەسچىتتە بولۇنغان ئىشلارنى ئويلاپ چىقتىم. ناماز باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىمامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ ھەممىمىزنىڭ ھەقىقەتەن بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىمىزنى، بىر ئەمەس بىرقانچە قېتىم كېلىدىغانلىقىمىزنى ئويلۇدۇم. بىر چاغدا مۇشۇنداق بىر نامازدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بىر رەھبەرنىڭ يېنىدىكىلەرنى دوراپ ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قانداق ئازاپلانغان بولسام بۇگۇنمۇ يەنە شۇنداق ئازاپلاندىم. چۈنكى يېنىمدا مىيىت نامىزىنى قانداق ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلا خېلى كۆپ ئىدى. جىنازىنى كۆتۈرۈپ ماڭدۇق، ماشىنىدا ھۈسەيىننىڭ تاۋۇتىنى تۇتقىنىمچە گۈلساي قەبرىستانلىقىغا كېتىۋېتىپ، ھۈسەيىن بىلەن شەھەرگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەك، شەھەرگە كىرسەكلا ھۈسەيىننىڭ قايسى بىر تۇنۇشى بىلەن كۆرۈشىدىغاندەك، كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى تۆكۈشكەچ دوستلۇق رىشتىمىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلايدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئۆزۈمنىڭ ھۈسىيىننى كۆمۈپ قويغىلى كېتىۋاتقانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتاتتىم. تاۋۇتتىكى ئۇ ئەمەس مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىرسىدەك كۆڭلۈم توق ئىدى. قەبرىستانلىققا كىرىپ تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ يەرلىككە كەلگۈچە نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. قايتقاندا، ھۈسەيىننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، قەشقەر كونا شەھەر بۇلاقسۇدىن كەلگەن،مويدىن رىشىت نەۋرە ئاكىسى، غولامىدىن تاش چوڭ ئاكىسى، خەيرۇللا تاش ئىككىنچى ئاكىسى، ھەسەنجان تاش ئۈچۈنچى ئاكىسى، گۈلئايشەم تاش كىچىك سىڭلىسى، ۋە باغاڭدىكى سىڭلىسى گۈلشەننى، بوينىنى قىسىپ ئولتۇرغان ئوغلىنى، ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتان ئايالى ۋە ئۆيگە كىرىپ چىقىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە، ھەسەنجاننىڭ ‹‹ھۈسەيىن ھەممىنى بىلەتتىكەن، ئۇ بىزنى ئاياپ، بىز ئۇنى ئاياپ ھېچنىمە دىشىيشەلمەي يۈرۈپتۇق..›› دەپ يىغلاۋاتقىنىغا قاراپ بۇرنۇم ئېچىشتى...   ھەقىقەتەن ئۇ بىز بىلەن خوشلاشقان ئىدى. مەن دوختۇرخانىغا يوقلاپ كىرگەن چاغدا نەچچە قېتىم يېزىۋاتقان ۋە پۈتكەن ئەسەرلىرى توغرۇلۇق سورىماقچى، ئويلىغانلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغان بولساممۇ كۆڭلىدىن ‹‹مېنى ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟›› دېگەن خىيال كېچىپ قالمىسۇن دەپلا ئىچىمگە يۇتۇۋەتكەن ئىدىم. كېسىلىم ساقايمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىۋالمىسۇن دەپ پات-پات يوقلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ كەتتى. گەرچە بىز ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۋاتقان، بالدۇر كەتكەنلىكىگە قىيالمايۋاتقان بولساقمۇ ئەمما شۇنداق بىر ھەقىقەت ئېنىقكى ئۇ جايىنى، ئۆزى ئىزدەۋاتقان ئەڭ خالىي، ئەڭ تىنىچ ۋە ئەڭ ئەركىن جايغا كەتتى. ئەمدى ئۇ قان تەرىنى تۆكۈپ، ئايالىنىڭ تاپا تەنىلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇيقۇ ۋە ئىسسىق تامقلىرىنى ھارام قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلارمىكىن دەپ بىرلىرىگە تەلمۈرمەيدۇ. ئەمدى ئۇ ‹‹بۇنداق دوزاختىن قۇتۇلايچۇ›› دەپ خىزمەت ئالمىشىش ئۈچۈن بىرلىرىگە پۇل خەجلەپ يۈرمەيدۇ. ‹‹ يەنە مۇكاپاتىمنى تۇتۇۋالارمۇ؟ سېسىق گەپ قىلىۋالارمۇ؟ ›› دەپ ئالدىراپ ناشتىسىز ئىشقا كەلمەيدۇ. ئۇ قۇتۇلغان ئازاپ، ئۇ قۇتۇلغان دەرت-ھەسرەتنى يۈدۈۋېلىپ بىز يەنە نەچچە يىل ياشارمىز؟ ئەزرائىل بىلەن جان تالىشىپ تەسلىم بولغانغا قەدەر، كىملەرنى قانداق قاخشىتىپ، كىمگە قانچىلىك ياخشىلىق قىلارمىز؟ ئويلىغانلىرىمىزنى، ئىستەكلىرىمىزنى، ئارمان، پىلانلىرىمىزنىڭ قايسى بىرىگە يېتىپ، قايسى ئىستەكلىرىمىز بىز بىلەن بىرگە كېتەر؟


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئە...
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسە...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخ...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
●  پېشقەدەم شائىر تاج...
●  پولات ھېيۋۇزۇللا
●  مۇھەممەت پولات
●  تۇردى سامساق
●  تۇرسۇن لېتىپ
●  شائىر ۋە مۇھەررىر پ...
●  ئۇيغۇر يازغۇچىسى پ...
●  ياش شائىر، يازغۇچى ...
●  جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇ...
●  ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى
●  تاھىرتالىپ
●  گۆھەر سۆزلەر
●  خالىدە ئىسرائىل
●  نۇر روزى
●  مەن بىلىدىغان ھۈسەيىن ت...
●  مەمتىمىن ھوشۇر
●  سىيىت نوچى، تۆمۈر خەلپە ...
●  تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدى...
●  تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى