پېشقەدەم شائىر تاجىدىن قادىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-01 16:09:46 كۆرۈلۈش سانى : 79
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
پېشقەدەم شائىر تاجىدىن (تەخەللۇسى - خۇشىتى) 1925 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1933 - يىلدىن 1940 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، داۋاملىق ئوقۇشقا شارائىتى يار بەرمەي، 1940 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە موزدۇزلۇق قىلغان. ئۇ، 1945 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1957 - يىلدىن 1977 - يىلغىچە <ئىلى گېزىتى> دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. شائىر 1977 - يىل 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
تاجىدىن قادىرى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1946 - يىلى ئېلان قىلىنغان <مۇبارەك> ناملىق شېئىر بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاز بولمىغان شېئىرلارنى يېزىپ، ئەينى ۋاقىتتا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھېلھەم خېلى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.
تاجىدىن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <يۈرەك سوۋغىسى> (1977 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم شېئىرلىرى <گۈدۈك>، <سامان يولى> قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن." |
|