ياش شائىر، يازغۇچى بەگمەت يۈسۈپ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-01 11:25:18 كۆرۈلۈش سانى : 115
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ياش شائىر، يازغۇچى بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىل 12 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ، 1982 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1987 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنىستىتۇتى، قۇمۇل مەمۇرىي مەھكىمە، قۇمۇل ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان، 1995 - يىل 8 - ئايدىن باشلاپ <قۇمۇل ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
بەگمەت يۈسۈپ 1983 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، ھازىرغىچە <ئويغان ئەۋلادمەن>، <مېنىڭ قەلبىم باشقا بىر دۇنيا>، <كېچە لېرىكىلىرى> قاتارلىق 300 پارچىغا يېقىن شېئىرىنى، <ياش تۆككەن يۈرەك>، <سىناق>، <بويتاقلىق ئازابى> قاتارلىق پوۋېست - ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلغان، <قوغۇن يۇرتىدىكى مۇقام ناۋاسى>، <قۇمۇل بوستانلىقىدا بەزمە> قاتارلىق تۆت تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان. ئۇ يەنە مۇقام تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قۇمۇل مۇقاملىرىدىكى تراگېدىيە ئېڭى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقلىلەرنى، <قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.
بەگمەت يۈسۈپنىڭ <يىراقتىكى تەبەسسۇن> (1993- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى <ئويغاق ئەۋلاد>، <ئوتلۇق تىلەكلەر> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزلگەن، ئۇ يەنە <قۇمۇل نەزمىلىرى> ناملىق كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان.
بەگمەت يۈسۈپ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى." |
|