تاھىرتالىپ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-04 13:04:12 كۆرۈلۈش سانى : 252
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
شائىر تاھىر تالىپ 1945 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان، 1963 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمتتە ۋە ناھىيلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1978 - يىلدىن تارتىپ <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <يېزىغا چۈشكەن كادىرغا> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <چۈنكى، مەن ئادەم>، <ئادەمنىڭ <سۈنئىي ھەمراھى> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان.
تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە <لارسىننىڭ ئۆلۈمى> قاتارلىق ھېكايىلارنى، <پەرھاد - شېرىن> قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، <دىيانەت>، <دەھشەتلىك تېھران> قاتارلىق رومانلارنى، <قاچقۇن ماجۇڭيىڭ> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.
تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <خەير، ياشلىقىم> (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
تاھىر تالىپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى." |
|