دېسە كىم ئۆيلىنەي, ئەي ئەرلەر بېشى,
ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى,
بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر ,
ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر,
يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر,
ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۇرەر.
بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى،
ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى,
بۇلارنىڭ ئۇبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا,
ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا,
ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۇچى جان,
ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان,
گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى,
ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۇلكىسى.
ئەي ئەسلى بۇيۇككە ئىنتىلگۇچى سەن,
ئۆمرۇڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.
ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ, ئېسىل بولۇر,
قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر.
ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل,
ئۇ بولسا, بولۇر بۇ تۆت شەرتمۇ بىل
يۇسۇپ خاس ھاجىپ ”قۇتادغۇ بىلىك“
|