بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> قۇتادغۇبلىك جەۋھەرلىرى ھوزۇرلىنىڭ

قۇتادغۇبلىك جەۋھەرلىرى ھوزۇرلىنىڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-19 09:59:28    كۆرۈلۈش سانى : 74  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئەقىل - پاراسەتسىزلەر ئۆكۈنۈپ دەيدۇكى، ئەي ئەقىل، سەن بولمىساڭ ھەسرەت چېكىمەن، ئۆكۈنىمەن. سەندىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگمىدى، سېنىڭسىز كىشىنىڭ كۆڭلى (گويا) ئۆلۈكتۇر.   ئەقىل - ئىدراك بىر مەشئەل، قارىۇغا كۆز. ئۇ، ئۆلۈك تەنگە جان، كېكەچ تىلا سۆزدۇر.   ئەقىل (دائىم) ئوڭ ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ سولى يوق، ئۇ چىن ۋە ئىشەنچلىك، ھېچبىر ھىيلىسى يوق.   ھەممىدىن ئاۋۋال ئىدراكنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولىدۇ، ئايلار، يىللار ئۆتسىمۇ توغرا يولىن تايمايدۇ.   ئىدراكلىق توغرا، سۆزدە مۇلايىم بولىدۇ، (ئۇنىڭ) ئىش - ھەرىكەتلىرى ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ تەمكىن، مۇلايىم (ۋە) ناھايىتى سەۋرچاندۇر، ئىشنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىپ، ئالدىرىماي ئىشلەيدۇ. قىلغان ئىشىغا قارىساڭ قېرى، يېشىغا قارىساڭ يىگىت، دانىشمەنمۇ، بەگزادىمۇ ئارزۇ بىلەن ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.   ئەقىلنىڭ ھەرىكىتى قېرىدەك، ئۆزى ياش ئوغلاندەك. ئەقىل - ئىدراك قەيەردە بولسا، بېرىپ ئۇنىڭغا يېپىشقىن. ئۇنىڭ كىچىكلىكى ئوماق، قېرىلىقى تەمكىن، ئۆزى كەمتەر - سالماق، (بېرىدىغان) پايدىسى كۆپ.   سورىغۇچى ھاجەتمەندۇر. ئۆرى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇنى باشقىدىن سورايدۇ.   بىلىملىك كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ.   ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسى ئېسىل (ۋە) بۈيۈكتۇر. قارا، پەقەت بىلىم بىلەنلا خىللىرى تاللىنىدۇ.   بىلىملىك، ئەقىل - پاراسەتلىك، كىشىلەرنىڭ سەرخىلى، سېخىي ھەم كۆزى توق، ئالىيجاناب بولۇشى لازىم.   كىمدە ئەقىل ۋە ئىدراك بولسا، ئۇنى ئەر دەپ ھېسابلا، قانچە ماختىساڭ ماختا. كىمدە ئەقىل - ئىدراك، بىلىم جەم بولىدىكەن، ئۇنى يامان بولسا ياخشى، كىچىك بولسا ئۇلۇغ دەپ بىل. كىشى ئۈچۈن ئەقىل - ئىدراك نېمىدېگەن ياخشى، ئەقىل - پاراسىتى بولغاندىلا ئاندىن دانا دەپ ئاتاش كېرەك.   ئەقىل - ئىدراكىق كىشىنىڭ سۆزى تامامەن ئۈنچىگە (ئوخشىشىدۇ). بىلىملىك زېرەكنىڭ بىلىمى ئەل ئۈچۈن زىننەتتۇر.   ئەقىل - ئىدراكلىق كشىنىڭ ئۇرۇقى ياخشى بولىدۇ.   بىلىملىك (كىشى) ئۆز نېسىۋىسىگە تولۇق ئىگە بولالايدۇ.   كىمگە بىلىمدىن ئۈلۈش تەگمىگەن بولسا، ئۇنى تىرىك دېمەي، ئۆلۈك ھېسابلا.   ئىنسان بىلىم بىلەن يۈكسىلىپ، شۆھرەت تاپىدۇ، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەر قانداق ئىشنى ئورۇندىيالايدۇ.   بىلىمسىز كىشى قۇرۇق سۆلەت — رەسىمدۇر.   بىلىملىك كىشىنىڭ ئورنى كۆكتىنمۇ ئېگىزدۇر.   ئەقىلسىز كىشى مېۋىسىز دەرەختۇر.   ئەقىللىق كىشى ئېرىشىمەن دېسە، ئىككىلا دۇنياغا ئېرىشەلەيدۇ، ئېسىل ئاتالسا، ئەقىللىق ئادەم ئاتىلىدۇ.   ئەقلى بولمىسا، كىشى ئىشنى روناق تاپتۇرالمايدۇ.   ئىدراك ئىشقا سېلىنسا، بىلىم باشچىلىق قىلسا، كىشى قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.   كىشىنىڭ بىلىم بىلىشى بەك ياخشى پەزىلەتتۇر، ئۇ قىلىچ ئۇرالىسا، بۇ تېخىمۇ ئارتۇق خىسلەتتۇر.   ئىدراك بولمىسا ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، بىلىم بولمىسا ئادەم ئىشنى يۈرگۈزەلمەيدۇ.   ئىدراكلىق كىشىلەردىن كىشىلىك كېلىدۇ، بىلىملىك كىشىلەر ئادەمنىڭ ئادىمىدۇر.   ئەقىل ـ ئىدراكلىق، ۋاپادار كىشى ئادەملەرنىڭ ئېسىلىدۇر. ئۇ باشقىلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ.   ئىدراكلىق ئادەم يامانلارغا ئارىلاشمايدۇ. بىلىملىكنىڭ قىلغان ئىشى توغرا ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.   ئىنسان بىلىمى بىلەن (ھەممىگە) قول ئۇزىتالايدۇ.   بىلىم - پەزىلەت ئۆگەن، ئۇنى قەدىرلە، ئۇ پەزىلەت ئاخىرى سېنىمۇ قەدىرلىك قىلىدۇ.   بىلىملىك، ئىدراكلىق كىشى (ھەقىقىي) كىشىدۇر.   ئىش بىلسە بىلىملىك، ئىدراكلىق بىلىدۇ، ئىش قىلسىمۇ بىلىملىك، ئىدراكلىق قىلالايدۇ.   بارلىق چىگىش تۈگۈنلەر بىلىم بىلەن يېشىلىدۇ. بىلىم ئىگىلە، ئىدراكلىق بول، ئەقىل بىلەن ياشا.   بىلىمسىز (تۇرۇپ) قىلغان ئىبادەتتىن پايدا بولمايدۇ.   ئىككى تۈرلۈك كىشى كىشى ئاتىلىدۇ، بىرى ئۆگەتكۈچى، بىرى ئۆگەنگۈچى.   بىلىم بىلەن قىلغان ئىبادەتنىڭ ساۋابى كۆپ بولىدۇ، بىلىمسىز ئىبادەت قىلسا، ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ.   بىلىمسىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىگە قارىغاندا، بىلىملىكنىڭ ئۇخلىغىنىنىڭ ساۋابى يۇقىرىدۇر.   كىشى تۇغۇلۇشىدىنلا دانا تۇغۇلمايدۇ ئۆگىنىدۇ. تىلىمۇ تۇغۇلۇپلا سۆزلىمەيدۇ، كېيىن سۆزلەيدۇ. كىشى ئۆگىنىپ، ئاندىن دانا بولىدۇ. بىلىمنى بىلسە، ئاندىن ھەممە ئىش ئۈنۈملۈك بولىدۇ.   ئەقىلسىز - ئىدراكسىز كىشىلەر بىلىمنى بۇزىدۇ، بىلىمسىز كىشىلەر خەلقنى قاقشىتىدۇ.   ئەقىلسىز، ئىدراكسىز كىشى ئۇلۇغ (مەرتىۋىگە) يەتسە، خوجىسىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.   ئادەم ئىشنى بىلىم بىلەن باشلىسا، ھەممە ئىشىدا تىلىكىگە يېتىدۇ.   ھەممە ئىشتا ئالدى بىلەن بىلىم پايدا كەلتۈرىدۇ، بىلىمدە كەينىدە قالسا، ئىشقا قول قىسقىلىق قىلىدۇ.   بىلىمسىزنى ئارتۇق يېقىن تۇتماسلىق كېرەك. يېقىن تۇتساڭ، شۈبھىسىزكى قىلمايدىغان (ئىشنى) قىلىدۇ.   ھەر قانداق ئىشقا بىلىم بىلەن قول سېلىش كېرەك.   بىلىمسىزگە يېقىنلاشما، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، ئۆزىنى تۇتالىغان كىشى بەختلىك ياشايدۇ.   بىلىمسىزنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى تامامەن قوپالدۇر.   كۈنلەرنىڭ بىرىدە (يۈكسىلىپ) بېشىم كۆككە يەتسۇن دېسەڭ، ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ، بىلىم بىلەن ئىشلە.   مەسلىھەتلەشسە كىشىنىڭ بىلىمى كېڭىيىدۇ، مەسلىھەتكە بىلىم قوشۇلسا، قول ئۇزۇن بولىدۇ.   بىلىم كۆڭۈلنىڭ چاڭ - توزىنىنى تازىلىغۇچىدۇر.   ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ سۆزى ماختاشقا لايىقتۇر. ئۇلار توغرا، تۈز بلۇپ ئۆزىنى ئاشكارا تۇتىدۇ. يارىماس ئىشلارغا يېقىنلاشمايدۇ، ئۆزىنى يىراق تۇتىدۇ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى كۆرمەيدۇ، كۆزىنى يۇمىدۇ.   بىلىم ئۆگەن، ئۆزۈڭگە تۆردىن جاي ھازىرلا، بىلىم بىلىش ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت قورغاندۇر.   بىلىملىك سورا - سورا تىلىكىگە يېتىدۇ.   بىلىم تۈۋى ۋە چېكى يوق بىر دېڭىزدۇر.   بىلىملىك (نىڭ كۆڭلى) ئېچىلمايدۇ، خىيالچان يۈرىدۇ، بىلىمسىز خۇشال يۈرۈپ، قاقاقلاپ كۈلىدۇ.   بىلىملىك كىشەنلەنگەندۇر، خالىغىنىچە يۈگۈرەلمەيدۇ. قارا، بىلىمسىز ئارزۇ قوغلىشىپ توختىماي يۈگۈرەيدۇ.   بىرقانچە نەرسە كىشى ئۈچۈن ياۋۇزدۇر. ئىنسان ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالسا، ۋۇجۇدى بۇلغىنىدۇ. بۇلاردىن بىرى يالغان سۆزلەش. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى سۆزىدە تۇرماسلىق. ئۈچىنچى بىرى ئىچىملىككە بېرىلىش. بۇنداق ئادەم شۈبھىسىزكى، تامامەن بىھۇدە ياشايدۇ. ئادەم ئۈچۈن يەنە بىرى جاھىل قىلىقتۇر، جاھىل مىجەزلىك (ئادەمگە) خۇشاللىق بولمايدۇ. يارىماس (ئادەتنىڭ) يەنە بىرى پەسكەش قىلىقتۇر، بۇنداق ئادەم كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە سورۇقچىلىق سالىدۇ. يەنە بىرى تىلى يامان، قەھر - غەزەپلىك بولۇش، (بۇنداقلار) ئېغىز ئېچىپ سۆكسە كىشىنى ئازابلايدۇ. بۇ بىرقانچە نەرسە بىر (ئادەمدە) يىغىلسا، ئۇنداقلاردىن مۇقەددەس بەخت تېزىپ يىراقلىشىدۇ. پەلەك ئاڭا ياقمايدۇ، بېشى گاڭگىراپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇي - پەيلىمۇ ئاينىيدۇ.   يات يەردىن كەلگەنلەرگە يار - يۆلەك بول، يېمەك - ئىچمەك بەر، مۇساپىرلارنى قەدىرلە.   ياتلارنى قەدىرلىسە، ئەر يۈزى يورۇق بولىدۇ. مۇساپىرلارغا ياخشى قارىسا، شۆھرىتى تارقىلىدۇ.   كىشى باشقا بىرسىنىڭ سۆزىنى سۆزلەپلا قويىدۇ (خالاس)، ئۆز ئىشىڭغا باشقىلاردىن كۆرە ئۆزۈڭ جان كۆيدۈرىسەن.   ئۆزۈڭگە سادىق (كىشى) ئىزدىسەڭ، ئۆزۈڭدىن سادىقراق كىشى يوق.   پەزىلەت ئىگىسى ھەممىگە پايدا يەتكۈزىدۇ.   كىشى پەزىلىتى بىلەن ئارزۇ - تىلىكىگە يېتىدۇ.   تەقۋادار كىشى — كىشىلەرنىڭ سەرخىلىدۇر.   ئەزىزلەرگە ئىززەت كۆرسەتكۈچىلەر ھەقىقىي ئەزىز بولىدۇ، (شۇڭا) ئىززەت ۋە ئەزىزلىك قەدىرلىكتۇر.   كىم ئاقىلنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا ئىشى يۈرۈشىدۇ.   زىنادىن بەخت قاچىدۇ، يۈزۈڭنى چۈشۈرىدۇ.   غاپىل ئىنسان كۆپ نەرسە توپلايدۇ. يېيىش نېسىپ بولامدۇ - يوق، (بۇنى) ھېچ ئويلىمايدۇ.   كىشىگە ئىسىت دېمەيمەن، كىشىلىككە ئىسىت دەيمەن؛ مەردكە ئىسىت دېمەيمەن، توغرىلىققا ئىسىت دەيمەن.   كىشىلىكنى تاشلىما، ئەي ئېسىل كىشى، كىشىگە دائىم كىشىلىك قىلىپ تۇر. ئادەمگە كىشىلىك قىلىش بىلەن ئادەم بولغىن.   كىشىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن (ئادەمگە) كىشى دېگەن نام بېرىلگەن. كىشىلەر كىشىلىك بىلەن نامىنى يۈكسەلدۈرگەن.   ئېھتىياتچانلىق كىشىلەر — (كىشىلەرنىڭ) ياراملىق، (ئىشقا) ياراپ، پايدا يەتكۈزۈپ يۈرگۈچىلەردۇر.   ھايا - ئۇيات بارلىق يارىماسلىقلارنى تىيگۈچىدۇر، ئۇياتسىزلىق كىشى ئۈچۈن تەڭداشسىز بىر كېسەل.   مۇلايىم، توغرا مىجەزلىك (كىشىنىڭ) ھەر ئىككى دۇنيادا كۈنى سائادەتلىك بولىدۇ.   كىمنىڭ مىجەزى ئەسكى، جاھىل بولسا، ھەرقاچان ئۇنىڭ ئىشى تەتۈر بولىدۇ.   پەزىلەتنىڭ نامى — بىلىم ۋە پاراسەتتۇر.   كىشىلىك قىلغانغا كىشىلىك بىلەن جاۋاب بەر، كىشىلىكىگە لايىق ئادىل جاۋاب ياندۇر. ۋاپاغا ۋاپا قىلىش كىشىلىكنىڭ بۇرچى، ۋاپا قىلىپ ئادەم بول، نامىڭنى ئۇلغايت.   دۆلەت كېلىپ كىم بىلەن ياراشسا، كىچىك پېئىللىق بىلەن كۆڭلىنى كەمتەر تۇتسۇن، دۆلەت كېلىپ كىشىگە كۈلۈپ باقسا، (ئۇنى) كىچىك پېئىللىق بىلەن مۇستەھكەملەش لازىم.   بەخت ئەسلىي تېگى - تەكتىدىن كۆچمەننىڭ ئېتىدەك نەرسە، ئۇنى (تۇتۇپ تۇرغۇچى) يىلتىز كەمتەرلىكتۇر.   تەكەببۇر، مەغرۇرلىنىدىغان، ماختانچاق كىشى تېتىقسىز بولىدۇ. تەكەببۇر كىشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەيدۇ.   كىشىلەر ئۈچۈن ئالتۇن - كۈمۈش قەدىرلىك نەرسە. ئۆزىنى تۇتالىغان ئادەم كۈمۈشتىن ئەزىز. كۈمۈشكە بېرىلمىگەن توغرا ئىنسان بەختلىك ھالدا چىن، ھەقىقىي دۇنياغا ئېرىشىدۇ.   ئادەم بالىسىنى بىچارە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ، كۈن بويى دۇنيا يىغىدۇ، يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ. بەزىسى تىنماي يۈگۈرەپ دۇنيا كېزىدۇ، بەزىسى جېنىنى تىكىپ دېڭىزغا كىرىدۇ. بەزىسى تاغ قېزىپ، قىيالار تۈۋىگە بارىدۇ، بەزىلىرى يەر غۇلاچلاپ يالاڭئاياغ يۈگۈرەيدۇ. بەزىسى داۋان ئېشىپ، دەريالار كېچىدۇ. يەنە بەزىلىرى يەر قېزىپ، قۇدۇقتىن سۇ ئىچىدۇ. بەزىسى جەڭلەردە قىلىچ، پالتا يەپ (ھالاك بولىدۇ)، بەزىسى قەلئە - تۇرا (لار) دا ئىشلەپ قېرىيدۇ. بەزىسى ئوغرى، ئالدامچى ، قاراقچى، ھىيلىگەر؛ بەزىسى باسمىچى، قاتىل، قىرغىنچى بولىدۇ. بۇ مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسى نەپسى، كىيىم - كېچىكى ئۈچۈندۇر، مال - دۇنيا توپلايدۇ يۇ، يېمەيدۇ، ئۆلگەندە پۇشايمان قىلىدۇ. بۇلار ھەممىسى بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر.   كىشى ۋۇجۇدىنىڭ يەتتە ئەزاسىغا قارىسا، ھەرقايسىسى تېگىشلىك ئىشىنى بېجىرگەنلىكىدىن لەززەتلىنىدۇ.   قۇتلۇق كىشى مال - دۇنيادىن بەھرىمەن بولسا، (باشقىلارغا) بەرسە، بەختىيار ياشىسا، يەنە بىر دۇنيادا ئۇ تۆرگە ئېرىشىدۇ.   قاپىقى يامان، سۆزى قوپال، تەكەببۇر مىجەزلىك ئادەم كىشىنى تەزدۈرىدۇ، يۈرۈش - تۇرۇشىنى تۈزىتەلمەيدۇ.   تەكەببۇرلۇق بىلەن كۆككە ئۆرلىگىلى بولمايدۇ، ئەگەر كەمتەر بولسا، ئىش بۇزۇلمايدۇ.   تەكەببۇرلۇق پايدىسىز، كۆڭۈلنى سوۋۇتىدۇ،  كەمتەرلىك كىشىنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ.   بەگ كەمتەر (ۋە) قورسىقى كەڭ بولۇپ، خاتا قىلغانلارنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرسە، ئەسكەر - خىزمەتچىلەر ئۇنىڭدىن تېزلا مەمنۇن بولۇپ  ساداقەت كۆرسىتىدۇ.   پەزىلەت، قائىدە - يوسۇن قانداق كىشىدە بولسا، ئۇنى بەگ دەپ ئاتاپ، ئەلدە يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بۇنداقلار مۇكەممەل بەگ بولۇپ خەلقنى باشلايدۇ. كىشى ئۇنىڭدىن ھەممە ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ.   كەمتەر كىشى ئۇزاق مۇددەت ئېتىبارلىق بولىدۇ. تەكەببۇر كىشى بۈيۈكلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ.   كەمتەر كىشى خەلق ئىچىدە سۆيۈملۈك بولىدۇ، كۆڭلى قاتتىق كىشى سۆيگۈگە سازاۋەر بولالمايدۇ.   ئۆزىنى چوڭ تۇتقان كىشى بىخۇدلۇق قىلىدۇ، بىخۇد كىشى نابۇت بولىدۇ ياكى ۋاقىتسىز ئۆلىدۇ.   كۆڭۈلنى كەمتەر تۇتسا، كىشى بەختكە ئېرىشىدۇ. كۈلگەن چىراي، شېرىن سۆز ھەممە كىشىنى (ئەتراپىغا) توپلايدۇ.   ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى بېشىنى يەيدۇ.   كىشى پەزىىتى بىلەن قولىنى ئۇزارتسا، ئېگىز تاغنىڭ بېشىنى ئېگىپ، يەرگە ئېڭىشتۈرىدۇ.   ئۆزىنى تۇتالىغان كىشى بەختنىڭ ئىگىسى بولالايدۇ.   نېمىنى ئۆتسە ئالسا، (ئۇنى) ۋاقتىدا قايتۇرسا، ئۇنىڭمۇ سورىغان نەرسىسىنى دەرھال بېرىشىدۇ.   كىم ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرنى ئۆزىگە ئۆچ قىلىمەن دېسە، ۋەدە قىلغان نەرسىسىنى بەرمىسىلا كۇپايە. ۋەدە قىلىپ بەرمەيدىغان نەرسىگە ۋەدە قىلمىغۇلۇق، ۋەدە قىلغان بولساڭ، ئۇنى تۇتۇپ قالمىغۇلۇق.   قانچىلىك ئىشەنچلىك، چىن ۋە توغرا ئادەم بولمىسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ چىن، ئىشەنچلىكى ئۆزۈڭ.   ھەممە ئەزىزلەردىن ئەزىزراقى سېنىڭ جېنىڭدۇر.   كىشى بىرەر كىشى ئۈچۈن ئەمگەك قىلسا، ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلىك بىلەن جاۋاب ياندۇر.   كىشىنىڭ ئەمگىكىنى بىلمەيدىغان كىشىنى كىشى دەپ ھېسابلىما، (ئۇ) ھايۋانغا باراۋەردۇر.   كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۆز پايدىسىدىن كېچىپ، مۇشەققەت چېكىپ، باشقىلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدۇ.   كىشىنىڭ ياخشىسى كىشىگە پايدا يەتكۈزىدۇ، بۇنداق ياخشى كىشى خەلقنىڭ نېمىتىدۇر.   ئۆز پايدىسىنى تىلىگۈچى بىلەن ئەقىل كېڭەشمەيدۇ.   دىلىڭ ۋە تىلىڭ توغرا، ھەرىكىتىڭ ئىشەنچلىك بولسا، قەيەرنى خالىساڭ، شۇ يەردە بەختلىك ياشايسەن.   ھەسەتخورلۇق بىر كېسەلدۇركى، ئۇنى داۋالاشقا ئۇزاق (ۋاقىت كېتىدۇ)، ئۇ (ئادەمنى) يەيدۇ، ۋۇجۇدۇڭنى قۇرۇتىدۇ.   كىشىنى كۆرەلمىگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىنى كېسەل قىلىشتۇر.   ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش — ئادىمىيلىكنىڭ بەلگىسىدۇر.   كىشىلەرنىڭ ئەسلىنى بىلمەكنى خالىساڭ، (ئۇنىڭ) ھەرىكىتىگە قارىغىن، شۇ ھامان مەلۇم بولىدۇ.   ئۇلۇغلار كىچىككە شەپقەتلىك ۋە خۇش مۇئامىلە  بولۇشى كېرەك.   ئۇلۇغ (مەرتىۋىلىك) بولغاندا، كۆڭلۈڭنى كىچىك تۇت، ئەي ئوغۇل، ئۇلۇغقا كىچىكلىك يارىشىدۇ.   شېرىك (ئىشلار) غا ئارىلاشما، مېلىڭنى قوشما، پۇشايماندىن قىزىل مەڭزىڭ سارغىيىدۇ.   ئۆي ئالماقچى بولساڭ قوشنىسىنى سورا، يەر ئالماقچى بولساڭ سۈيىنى سورا.   سالام قىلىشنىڭ پەزىلىتى ناھايىتى ئۇلۇغ، كىم ئالدى بىلەن سالام بەرسە، (پەزىلەت) يولىنى شۇ ئاچقان بولىدۇ.   سالام كىشى ئۈچۈن سالامەتلىك يولىدۇر. سالام قىلسا، سالامەتلىكنىڭ ئۇلى قۇرۇلغان بولىدۇ.   سالام كىشى ئۈچۈن تىنچلىق ۋە ئەمىنلىكتۇر. سالام قىلسا، كېيىن جان ئەمىن تاپىدۇ.   سالام قىلغۇچى كىشىگە ئامانلىق تىلەيدۇ، سالامنى ئېلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ.   سالام كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن سالامەت ساقلايدۇ، سالامغا جاۋاب بەرگۈچى سالامەتلىك كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ.   ئۇلۇغلار كىچىكلەرگە سالام قىلىشى كېرەككى، ئاندىن بارچە ئىشلار (ئۆز) يولىدا بولىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلسا، سالامەت ياشايدۇ ۋە (بالادىن) قۇتۇلىدۇ. كىچىكلەر ئۇلۇغلارنىڭ يامانلىق قىلىشىدىن ئەمىن تاپسا، ئۇلاردىن ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلىپ سالامەت ياشايدۇ.   سەن كىشىنىڭ سىرتىنىلا كۆرمە، كىشىنىڭ ئىچىگە — ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرىغا قارا. قوغۇننىڭ سىرتقى پوستى قانچىلىك كۆركەم بولسىمۇ، پۇرىقى، شەكلى، رەڭگى (چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ)، ئىچىنىڭ تەمى بولمىسا، ئۇ قوغۇن (بولمايدۇ). ئىچىڭنى بېزە، سىرتىڭنى بوياپ پارقىراتما. ھەممە نەرسىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ئىچىدىن بولىدۇ. ئىچى (ياخشى) بولمىسا، سىرتى ھېچنېمىگە يارىمايدۇ.   خۇشاللىق بىلەن ئەيش - ئىشرەت ھەممىسى غەپلەتتۇر، ئەپسۇسكى، بۇ غەپلەت بىلەن كىشى ئۆزىنى يوقىتىدۇ.   پايدىلىق كىشى كىشىلەرنىڭ بېشىدۇر. قارا، كىشىلەر ئارىسىدا (ھەقىقىي) كىشى شۇكى، ئۇنىڭدىن خەلق پايدا كۆرىدۇ، پايدىسىز كىشىلەردىن كىشىلەر بىزار بولىدۇ. پايدىلىق كىشىلەرنىڭ پايدىسى ئەلنى تولدۇرىدۇ.   كىشى كۆڭلىگە ياخشى نىيەت پۈكسە، دۇنيادا (ھەممە) ئىش تىلىگىنىدەك بولىدۇ. ياخشى نىيەت قىلغان (كىشىگە) ياخشىلىق كېلىدۇ، (ئىشنى ئەمەلگە) ئاشۇرالمىسىمۇ ساۋابقا ئېرىشىدۇ.   دۇنيانىڭ قانۇن - قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك (قىلىش) ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.   چىن كىشىنىڭ بەلگىسى ئادەمگەرچىلىك قىلىشتۇر.   ياخشىلىققا جاۋاب بېرەلەيدىغان كىشى ياخشى كىشىدۇر، خەلق ئىچىدە سەرخىل، ئادەملەر ئىچىدە تونۇلغىنىدۇر.   كىشىنىڭ ئەسلىگە ئۇنىڭ ھەرىكىتى گۇۋاھ. ھەرىكىتى قانداق بولسا، ئەسلىمۇ شۇنداق بولىدۇ. كىمنىڭ ئەسلى ياخشى بولسا، ھەرىكىتى يېقىملىق بولىدۇ، ياماننىڭ ئەسلىگە ئۇنىڭ ئۆزى — ھەرىكىتى گۇۋاھدۇر.   كىشىلەرنىڭ سەرخىلى كىشىلەر ئۈچۈن پىدائىي بولىدۇ. سۆيۈملۈك جېنىنى قۇربان قىلىش (بەدىلىگە) كىشىلەرگە شادلىق تىلەيدۇ.   ئۇلۇغلۇق، دۆلەت، بەخت - سائادەت كىشىنى تەكەببۇرلۇققا تارتىدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدۇرمايدۇ.   ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى بېقىپ، ئۆزىنى سەمرىتىدۇ، ئاندىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپ، ئۆزىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.   تىل بىلىم، ئەقىل - پاراسەتكە تىلماچتۇر، بۇ راۋان تىلنى كىشىنى يورۇتقۇچى (دەپ) بىل.   تىل كىشىنىڭ قەدرىنى ئاشۇرىدۇ، (ئۇنىڭ بىلەن) كىشى بەختكە ئېرىشىدۇ.   تىل كىشىنىڭ خورلاپ قويىدۇ، (ئۇنىڭ بىلەن)  ئەرنىڭ بېشى كېتىدۇ.   تىل (گويا) ئىشىكتە ياتقان ئارسلاندۇر. ئەي ئۆي ئىگىسى ئېھتىيات قىل، بېشىڭنى يەيدۇ.   تىل (ئازابى) دىن قىينالغان كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا، بۇ سۆزگە ئەمەل قىلىپ، (ئۇنى) ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل: رەببى، تىل ماڭا قانچىلىك كۆپ جاپا چەكتۈردى، بېشىمنى كەسمىسۇن ئۈچۈن، تىلىمنى كېسەي.   سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل، بېشىڭ كەتمىسۇن؛ تىلىڭنى كۆزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.   سەن ئۆزۈڭگە ئېسەنلىك تىلىسەڭ، تىلىڭدىن يارامسىز سۆزلەرنى چىقارما.   سۆزنى بىلىپ سۆزلىسەڭ بىلىمگە ياتىدۇ، بىلىمسىزنىڭ سۆزى ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.   كۆپ سۆزلىمە، زۆرۈر بولغاندا ئاز سۆزلە، تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىرلا سۆز بىلەن يەش.   كۆپ سۆزلىسە، قۇرۇق گەپ ساتتى دېيىشىدۇ. ئەگەر سۆزلىمىسە، كېكەچ ئىكەن دەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇستىلىق بىلەن ئىش قىل، ئۇستىلىق بىلەن قىلىنغان ئىش كىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.   تىلىڭنى قاتتىق ساقلا، بېشىڭ ساقلىنىدۇ؛ سۆزۈڭنى قىسقارتقىن، يېشىڭ ئۇزىرايدۇ.   تىلنىڭ كۆپ پايدىسى بار، زىيىنىمۇ نۇرغۇن. تىل بەزىدە ماختىلىدۇ، بەزىدە مىڭ تۈرلۈك سۆكۈش (ئالىدۇ).   سۆزنى بىلىپ سۆزلە، سۆزۈڭ كۆزسىز قارىغۇغا كۆز بولسۇن.   تۇغۇلغان (ئادەم) ئۆلىدۇ، سۆزى بەلگە بولۇپ قالىدۇ. سۆزۈڭنى ياخشى سۆزلە، ئۆزۈڭ ئۆلمەيسەن.   ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ: بىرى ياخشى ھەرىكەت، بىرى ياخشى سۆز.   ئادەم تۇغۇلىدۇ، ئۆلىدۇ، باققىنكى ئۇنىڭ سۆزى قالىدۇ، ئىنسان ئۆزى كەتسىمۇ، نامى قالىدۇ.   سەن ئۆلمەيدىغان بىر ھايات تىلىسەڭ، خۇلق - مىجەزىڭ بىلەن سۆزۈڭنى ياخشى قىل.   ھەممىلا سۆزنى يىغسا ئەقىل ماقۇل كۆرمەيدۇ، كىشى ھاجەتلىك سۆزنى سۆزلەيدۇ، يوشۇرمايدۇ.   كىشىدىن كىشىگە (قالىدىغان) مىراس سۆزدۇر، ۋەسىيەت قىلىنغان سۆزنى ئېسىڭدە تۇتساڭ پايدىسى كۆپتۇر.   دىققەت قىل، سۆزۈڭ خاتا بولسا، ساڭازىيان - زەخمەت يېتىدۇ. خەقنىڭ تىلى يامان، ئۇ گېپىڭنى قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ قىلىقى ھەسەتخور، گۆشۈڭنى يەيدۇ.   سۆز — تۆگە بۇرنىدەك چۈلۈكلۈك (نەرسىكى)، تۆگىنى قاياققا يېتىلىسە، (شۇ ياققا) كېتىدۇ.   سۆزنى بىلىپ سۆزلىگۈچىلەر كۆپ، بۇنى چۈشەنگۈچىلەر مەن ئۈچۈن بەك ئەزىزدۇر.   ھەممە سۆزۈڭنى بىلىم بىلەن سۆزلە، ھەممە كىشى بىلىم بىلەن بۈيۈك بولىدۇ.   بىلىملىك (كىشى) بىلىمنى تىل بىلەن بايان قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى يىللاپ ياتسىمۇ (ئەتراپنى) يورۇتالمايدۇ.   ئۆلۈكتىن تىرىككە مىراس قالىدىغان نەرسە سۆزدۇر. مىراس قالغان سۆزنى ئاڭلىسا، (ئۇنىڭ) كۆپ پايدىسى بار.   كىشى كۆركى سۆزدۇر.   ئەقىل كۆركى تىلدۇر، تىلنىڭ كۆركى سۆز،   كىشىنىڭ كۆركى يۈزدۇر، يۈزنىڭ كۆركى كۆز.   ئىنسان سۆزىنى تىلى بىلەن سۆزلەيدۇ، سۆزى ياخشى بولسا، يۈزى يورۇق بولىدۇ.   ئادىل كىشىنىڭ تىلى سۆزلەرگە ئاساس سالىدۇ.   بىلىملىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، بويۇن تولغىما، سورىماستىن بۇرۇن سۆزۈڭنى سۆزلىمە. كىم بىرسىنى لازىم تېپىپ، خالاپ چاقىرسا، ئۇ ئۆزى ئالدى بىلەن سۆز باشلايدۇ.   سورىماستىن ئاۋۋال سۆز سۆزلىگەننى ھايۋان دېسە، توغرا ئېيتقان بولىدۇ.   (بىر نەرسە) سورىمىغان بەگلەرگە سۆز ئاچقانلار تەلۋە، ئەخمەقتۇر.   قىزىل تىل ئۆمرۈڭنى قىسقارتىدۇ، ئېسەنلىك تىلىسەڭ، ئۇنى قاتتىق باغلا.   قارا باشنىڭ يىغىسى قىزىل تىلدۇر، ئۇ نەچچىلىگەن باشلارنى يېگەن، يەنىمۇ يەيدۇ.   بېشىڭنىڭ ئامانلىقىنى تىلىسەڭ، تىلىڭغا ئېھتىيات بول، تىلىڭ ھەر كۈنى بېشىڭغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.   بىلىمسىزلەرنىڭ تىلى سۆزنى ساقلىيالمايدۇ.   بىلىمسىزنىڭ تىلى دائىم باغلاقتا بولۇشى لازىم.   بىلىملىك كىشى تىلغا ھاكىم بولۇشى كېرەك.   بىلىملىكنىڭ سۆزى (گويا) يەرگە سۇدەكتۇر، سۇ ئاققان يەردىن نېمەت ئۈنىدۇ.   بىلىملىك كىشىنىڭ سۆزى تۈگىمەيدۇ، ئېقىپ تۇرغان بۇلاقنىڭ سۈيى ئۆكسۈمەيدۇ.   (ئەگەر) تىلنىڭ زىيىنى تەگسە، تىرىكلىك تۈگەيدۇ.   كىشى كېرەكلىك سۆزنى سۆزلەيدۇ، يوشۇرمايدۇ.   كىشى سۆزلىشى ئۈچۈن (ئاۋۋال) سوراش كېرەك. سورىمىسا، سۆزىنى چىڭ ساقلاش لازىم.   ئەگەر تىلنىڭ زىيىنىدىن قورقساڭ، بارچە پايدىلىق سۆزلىرىڭ ئېيتىلماي قالىدۇ.   بىھۇدە سۆز بىلىمسىزنىڭ تىلىدىن چىقىدۇ، دانالار بىلىمسىز كىشىنى ھايۋان ئاتايدۇ. قارا باشنى يېگەنمۇ بىھۇدە سۆزدۇر.   سۆز ئورۇنسىز سۆزلەنسە، كۆپ زىيان كەلتۈرىدۇ، ئەگەر (سۆزنى جايىدا) سۆزلەشنى بىلسە، پايدىسى بولىدۇ.   ئاۋامنىڭ قارنى تويسا ئۆكۈزدەك ياتىدۇ، بىھۇدە سۆزگە ئاۋۇنۇپ، ئۆزىنى سەمرىتىدۇ.   ۋۇجۇدنىڭ نېسىۋىسى بوغۇزدىن كىرىدۇ، روھنىڭ نېسىۋىسى بولغان چىن سۆز قۇلاقتىن كىرىدۇ.   سۆزنىڭ ئورنى سىردۇر، سۆز سانى ئون بولسا، سۆزلىنىدىغىنى بىر (بولۇشى كېرەك). بىرىنى سۆزلەپ، توققۇزىنى تىيغۇلۇق، (چۈنكى) تىيىلىدىغان سۆز ئەسلىي بەدبۇي بولىدۇ.   (سۆز) جايىدا قوللىنىلسا، قۇلنى يۈكسەلدۈرىدۇ.   سۆزنىڭ پايدىسى تۈپەيلىدىن بوز يەردىكى (كىشى) يېشىل كۆككە ئۆرلەيدۇ، تۆردە بولىدۇ.   ئەگەر تىل جايىدا سۆزلەشنى بىلمىسە، يېشىل كۆكتىكى كىشىنى (يەرگە) چۈشۈرىدۇ.   كۆپ سۆز دېگەن شۇكى، سورىمىغاننى سۆزلەپ كۆڭۈلگە تېگىش.   سۆزنى ئوبدان ئويلىنىپ، ياخشى سۆزلىگىن، سورىغاندىلا سۆزلە ۋە تېزلا تۈگەت.   سۆزنى كۆپ ئاڭلا، (لېكىن) نۇرغۇن سۆزلىمە، بىلىم بىلەن (سۆز) تۈز، پاراسەت بىلەن سۆزلە.   سۆزنى دانادىن ئاڭلاپ، كېيىن بىلىمسىزگە ئېيتىش كېرەك.   كۆپ سۆزلەش بىلەن كىشى ئالىم بولالمايدۇ، ئالىم كۆپ ئاڭلاپ تۆرنىڭ بېشىغا ئېرىشىدۇ.   تىل بىلەن سۆزلەنمىسە، (بىلىم شۇ پېتى) قىلىۋېرىدۇ.   تىلنى سۆكۈشكىلا بولمايدۇ، ماختىلىدىغان يەرلىرىمۇ كۆپ، سۆزنىڭمۇ ماختىلىدىغان ۋە سۆكۈلىدىغان تەرەپلىرى بار.   ۋۇجۇدى بارلىكى كىشى ئۈچۈن كېرەك (نەرسە)، بىرى تىل بىلەن سۆز، (يەنە) بىرى كۆڭۈل.   كۆڭۈل ۋە تىلنى توغرا سۆز ئۈچۈن ياراتقان، سۆزى ئەگرى بولغانلار ئوتتا كۆيۈشكە مەجبۇرلىنىدۇ.   توغرا سۆزنى سۆزلىسە پايدىسى كۆپتۇر. ئەگەر ئەگرى سۆزلىسە، دائىم سۆكۈشكە ئۇچرايدۇ.   توغرا سۆزلىمەكچى بولساڭ، تىلىڭ تەۋرىسۇن، سۆزۈڭ ئەگرى بولسا، (ئۇنداق) سۆزنى يوشۇرغىن.   سۆزلىمىگەن ئادەمنى كىشىلەر كېكەچ دېيىشىدۇ. كۆپ سۆزلىسە، نامى ۋالاقتەگكۈرلەرنىڭ بېشى بولىدۇ.   كىشىلەرنىڭ قەدىرسىزى ۋالاقتەگكۈرلەردۇر.   ئىككى يۈزلۈك كىشىگە گېپىڭنى ئېيتما، سۆزۈڭ يېيىلىپ كېتىدۇ ھەم سىرىڭ ئېچىلىپ قالىدۇ.   ھەممە سۆزنى ئاڭلا، لېكىن تېزلا ئىشىنىپ كەتمە، كۆڭۈلدىكى سىرىڭنى ئاچما، (ئۇنى) چىڭ ساقلا، يوشۇر.   كۆپكە قېتىلساڭ، سۆزۈڭگە مەھكەم بول، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە كۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل.   كىرىمگە قاراپ مېلىڭنى چىقىم قىل، ئۆزۈڭگە لايىق بولمىغان سۆزلەرنى سۆزلىمىگىن.   كىشىگە تىلىڭدىن قوپال سۆزلەرنى چىقارما، قوپال سۆز يېلىنجاپ كۆيگەن ئوتقا ئوخشىشىدۇ.   ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق مىراس — سۆزدۇر. مىراس سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ يۈزلەرچە پايدىسى بولىدۇ.   سۆزىنى سۆزلىگۈچى جېنىنى ئۇپرىتىدۇ، ئاڭلىغۇچى ھۇزۇرلىنىدۇ ۋە ۋۇجۇدىنى سەمرىتىدۇ.   سۆزنى (كۆپ) سۆزلىمەسلىك، ئاڭلاش (ۋە) ئويلاش كېرەك. كىشى ئاڭلاش بىلەن ئالىم بولىدۇ، كۆپ سۆزلەش بىلەن كىشىنىڭ بېشى كېتىدۇ. ئاڭلاش قۇلاق ئۈچۈن بىر لەززەتتۇر. كۆپ سۆزلىگەن سۆزدە مەنپەئەت يوقتۇر.   سۆزلەنمىگەن سۆز ساپ ئالتۇنغا ئوخشىشىدۇ، ئۇنى ئېغىزدىن چىقارساڭ مىسقا ئايلىنىدۇ.   ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلەر شېكەردىنمۇ شېرىن بولسا، بەگ، قۇل، ئۇلۇغ ۋە كىچىكنىڭ ھەممىسى ساڭا بويسۇنىدۇ.   دەڭسەپ سۆزلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزى قۇسۇرسىز بولىدۇ.   ئەس - ھوشلۇق كىشى سۆزنى ئۇنتۇمايدۇ. ئەس - ھوشى بولمىسا، سۆزىدە تۇرالمايدۇ.   ئىنسان سۆزى بىلەن سۆكۈپ، تىلى بىلەن ئازار بەرسە، بۇ سۆڭەككە ئاغرىق، كۆڭۈلگە ئوت بولىدۇ.   ئۇرۇلغان قامچىنىڭ يارىسى ساقىيىدۇ، تېزلا پۈتۈپ كېتىدۇ. تىل بىلەن سۆكسە، ئاغرىقى يىللار بويى قالىدۇ.   تىلى ئۇز كىشى سىڭىشلىق بولىدۇ، سۆزى ئۇ كىشىنىڭ ئىشىمۇ ياراملىق بولىدۇ.   سۆزى يۇمشاق شېكەردەك شېرىن بولسا، شېرىن سۆزگە چوڭمۇ - كىچىكمۇ يۇمشايدۇ.   بۇ ئاغزىڭ مىسالى ئۆڭكۈرگە ئوخشاشتۇر. سۆزۈڭ ئۇنىڭدىن چىقسا، سەھەر شامىلىدەك (تېز) تارايدۇ.   (سۆز) دۇنياغا تارالسا، يىغىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنى ھەممە خەلق ئاڭلايدۇ، توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.   ئېغىزدىن بەزىدە ئوت، بەزىدە سۇ چىقىدۇ، (بۇلارنىڭ) بىرى تۈزەيدۇ، بىرى بۇزىدۇ.   كېرەكسىز سۆزۈڭ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشىشىدۇ، ئۇنى ئاغزىڭدىن ھەرگىز چىقارما، ئۆزۈڭ كۆيىسەن.   ئېغىزدىن چىققان ياخشى سۆز ئاقار سۇغا ئوخشىشىدۇ، ئۇ قاياققا ئاقسا، شۇ يەردىن گۈل - چېچەك ئېچىلىدۇ.   كۆڭۈل سىرىڭنى چىڭ تۇت، ئۇنى سۆزلىمە، ئەگەر سۆزلىسەڭ، يىللار بويى پۇشايمان يەيسەن.   قېرىلارنىڭ سۆزى يىگىتلەرگە كۆزدۇر.   كىشىلەرگە (ھەرگىز) قوپاللىق قىلما، قوپال سۆز ئۇزاق يىل دىلنى رەنجىتىدۇ.   ئۇزاق (قىلىنغان) سۆزلەرنىڭ پايدىسى يوق، (سۆز) تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتسە ئۇنىڭ تەمى قالمايدۇ.   تىلەپ ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىنى تىلەش — يامان، ئۆتمەيدىغان سۆزنى قىلىش — قەدىرسىزلىكتۇر.   سۆزنى سۆزلىمىسەڭ، (ئۇ) ساڭا قۇل بولىدۇ. ئەگەر سۆزلەپ قويساڭ، (ئۇ) سېنى قۇل قىلىدۇ.   سۆزنى ھېسابىدا سۆزلە، ئالدىراپ ھودۇقۇپ كەتمە، ئالدىراپ قىلىنغان سۆز كېيىن پۇشايمان بولىدۇ.   سۆزنى يوشۇرۇپ قالسا، ئاخىرى خام بولىدۇ، قايسى نەرسە خام بولسا، تېگى دەرد بولىدۇ. پىششىق بولۇشنى خالىسا، سۆزنى پىشۇرۇش كېرەك. ئىشەنچلىك بولۇشنى خالىسا، ئۆزىنى ئىشەنچلىك (تۇتۇش) كېرەك.   سەندىن چوڭراقلار سۆز قىلسا، سەن ھەممە سۆزۈڭنى قويۇپ، ئۇنى ئاڭلا. سۆزنى توغرا سۆزلىگىن، يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ، ئۆزۈڭگە لايىق بولمىغان سۆزنى سۆزلىمىگىن.   كۆپچىلىككە ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرسىتىشنى خالىساڭ، دەملىك بىلەن تىلىڭنى بىرلەشتۈر.   سۆز (شىددەتلىك) بورانغا ئوخشىشىدۇ، كۆڭۈلنى ئاغرىتىدۇ، كىشىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا، ساڭا دۈشمەنلىك قىلىدۇ.   ئۆزۈڭدىن ئۇلۇغلارنىڭ سۆزىنى رەت قىلما.   كۆپ سۆزلىمە، سەۋرچان بول، تىلىڭنى بايقا، كۆپ سۆزلەنگەن سۆزنىڭ ئىناۋىتى ئاز بولىدۇ.   شائىرلارنىڭ تىلى قېلىچتىنمۇ ئۆتكۈررەك، تەپەككۇر قىلىش يولى قىلدىنمۇ نازۇكراقتۇر.   سۆزنىڭ پايدىسى كۆپ سۆزلەشتە ياكى سۆزنى تېڭىرقاپ، كۆپ ئاڭلاشتا ئەمەس. سۆزنىڭ پايدىسى شۇكى ئاڭلىغان سۆزۈڭنى (كۆڭۈلدە) تۇتۇپ، ئەمەل قىل (ۋە) ئۆزۈڭنى توغرا يولغا سال.   توغرا سۆز قوپال (بولىدۇ)، كۆڭۈلگە ئاچچىق تېگىدۇ. ھەزىم قىلسا، ئۇنىڭ پايدىسى لەززەت بېرىدۇ.   قاتتىق تەگسىمۇ، قوپال سۆزگە غەزەپلەنمە، توغرا سۆز قوپالدۇر.   سۆزنى ئاڭلا، (لېكىن) ھەممىسىنى كۆڭلۈڭدە تۇتما.   سۆزلەرنى ئاڭلىغىن، (لېكىن) راست - يالغىنىنى تەكشۈر، راستىنى ئۆزۈڭدە قالدۇر، يالغىنىنى جازالىغىن.   ئەگەر ھەر ئىككى دۇنيانى تىلىمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ چارىسى قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشتۇر.   ئەگەر ئۆزۈڭ ياخشى بولۇشنى تىلىسەڭ، يۈر، ياخشىلىق قىل، (باشقا) سۆزگە ھاجەت يوق.   كىشى مەڭگۈلۈك ياشىمايدۇ، نامى مەڭگۈ (ياشايدۇ)، ئۇنىڭ ياخشى نامى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.   ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئەمەس، (بەلكى) نامىڭ مەڭگۈدۇر، نامىڭ مەڭگۈ بولسا، ئۆزۈڭمۇ مەڭگۈ بولىسەن.   يىگىتلىك ئۆتۈپ كېتىدۇ، تىرىكلىكمۇ تۈگەيدۇ، سەن بۇ چۈش كەبى دۇنيادىن تېزلا ئۆتۈپ كېتىسەن. ھاياتىڭنى سەرمايە قىلكى (ئۇنىڭ) پايدىسى ياخشىلىقتۇر، بۇ ئەتە - ئاخىرەتتە ياخشى يېگۈلۈك ۋە كىيگۈلۈك بولىدۇ.   ھەممىدىن ئاۋۋال ياخشىلىق قىل، ياخشى بول.   تىرىك ئادەم ئاخىر ئۆلگۈسى (ۋە) يەرنى تۆشەك قىلغۇسىدۇر. قارا، كىشى ياخشىلىق بىلەن ئۆلسە، نامى ھايات قالىدۇ.   ئىككى تۈرلۈك نام تىللاردا ياشايدۇ: بىرى ياخشى (نام)، بىرى يامان (نام) دۇنيادا قالىدۇ، يامان — سۆكۈش (ئالىدۇ)، ياخشى — ماختاشقا ئېرىشىدۇ.   كىشى ياخشى نام بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، يامان نام چىقارغانلار ئۆلگەندە قارغىش تاپىدۇ.   يامانلىق بىر ئوتتۇر، ئوت كۆيدۈرىدۇ، يولىدا ئۆتۈشكە بولىدىغان كېچىك يوقتۇر.   سېخىي دەپ ئاتىلىپ ياخشى نام چىقارغان، سېخىي (ئادەم) ئۆلسە (ئۇنىڭ) نامىنى تىرىك دەپ بىل.   ياخشى (كىشىنىڭ) ئىشى دائىم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.   ياخشىلىق نەچچە يىللار ياشىسىمۇ قېرىمايدۇ، يامانلىقنى قانچە پەرۋىش قىلسىمۇ تۈزەلمەيدۇ.   ياماننىڭ يېشى قىسقا، (ئۇ) پۇشايمان بىلەن قېرىيدۇ، ياخشىلىقنىڭ ئۆمرى ئۇزاق، (ئۇ) پۇشايمانسىز يۈرىدۇ.   ياخشى ھەر كۈنى يېڭى - يېڭى تىلىكىنى تاپىدۇ، ياماننىڭ غېمى كۈندە مىڭلاپ ئاشىدۇ.   ياخشى نام ئەر ئۈچۈن قانچىلىك مۇقەددەس بەخت - ھە، بۇنداق ياخشى نام ۋە بەخت مەڭگۈ قالىدۇ.   ياخشى كىشى خەلقنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىدۇ.   ئەي دۆلەتمەن، (داۋاملىق) مۇشۇ دۆلەتنىڭ بىلەن تۇراي دېسەڭ، ياخشىلىق قىلىپ تۇرغىن.   ياخشىنىڭ مىجەز - قىلىقى پايدىلىق بولىدۇ، خەلققە مەنپەئىتى تېگىدۇ. خەلققە ھەمىشە كۆپ ياخشىلىق قىلىدۇ، كىشىدىن شۆھرەت (تىلىمەيدۇ)، مىننەت قىلمايدۇ. ئۆز پايدىسىنى كۆزلىمەي، كىشىلەرگە پايدا كەلتۈرىدۇ، بۇ پايدىسى ئۈچۈن بەدەل تەلەپ قىلمايدۇ.   ياخشىلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بۇنىڭ بىرى ھەقىقىي ھالدا ياخشىلىق يولىنى تۇتىدۇ. بىرى ئانىدىن تۇغۇلۇپلا ياخشى بولىدۇ، ئۇ توغرا ۋە دۇرۇس ھايات كەچۈرىدۇ. يەنە بىرى تەقلىد يولى بىلەن ياخشى بولغانلار، ئۇلار يامانغا قېتىلسا، يامانلىق قىلىدۇ.   يامانلارمۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى ئوخشاش يامان ھېسابلىما. بۇلاردىن بىرى تۇغما يامانلاردۇر، بۇنداق كىشى ئۆلمىگۈچە كىرى تازىلانمايدۇ. يەنە بىرى تەقلىد يولى بىلەن يامان بولغانلار، (بۇلارنىڭ) دوستلىرى ياخشى بولسا، ئۇمۇ ياخشى يولغا ماڭىدۇ.   تۇغما ياخشىدىن دائىم ياخشىلىق كېلىدۇ. جاھان خەلقى ئۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ. تۇغما يامان بولسا، ئۇنىڭغا داۋا يوق، ئۇ دۇنيا ئۈچۈن بالا ۋە خەلق ئۈچۈن جۇتتۇر.   ياخشى ئادەت ئاق سۈت بىلەن كىرگەن بولسا، (بۇنداق كىشى) ئۆلگەنگە قەدەر ئۆز ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.   ئەگەر ياخشىغا بىر يامان يولداش بولسا، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىمۇ ياماننىڭكىگە ئوخشاش يامان بولىدۇ.   يامان ياخشى بىلەن قېتىلىپ يۈرسە، بارلىق ياخشىلىقلارغا (يەتمەك ئۈچۈن) مەشئەلگە ئېرىشىدۇ.   ياخشى بىلەن يامان يېقىنلىشىش تۈپەيلىدىن يولىنى توغرىلىۋالىدۇ.   يامانلار باش كۆتۈرسە، ياخشىلار يوقىلىدۇ، ياخشىلار ھۆكۈمران بولسا، يامانلار (ئارىدىن) كېتىدۇ.   يامان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە جازا ۋە زىنداندۇر.   ياخشىلىق يۇقىرىغا چىقىشتەك ئىش، ھەممە كىشى چىقالمايدۇ، بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپمۇ ھەممە ئىنسان قىلالمايدۇ.   ياخشىلىق دائىم ماختىلىدۇ، يامانلار (بولسا) ئۇنىڭدىن قۇسۇر تاپماقچى بولىدۇ. كىشىلەرگە دائىم يېقىنلىق قىلغۇچى ئەرمۇ ئەگەر يامانلار بولسا، ياخشى ئىش قىلالمايدۇ.   يامانلار خورلانغانلىقى ۋە كەمسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ياخشىلارغا كۈن بەرمەيدۇ، ياراتماي يۈرىدۇ.   كىم ياخشىلىقنى خالىسا ياخشىلىق قىلىدۇ، خورلاش ۋە كەمسىتىشلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ.   كىمكى بۈگۈنكى شادلىقنىلا تىلىسە، ئۇ يامانلىق قىلىدۇ، كېيىن قايغۇرىدۇ.   ياخشىلىقنىڭ بۈگۈن ساڭا ھېچ زىيىنى يوقتۇر، بۈگۈن ئىشەنگىنكى كېيىن ئۇنىڭ پايدىسى بولىدۇ. يامانلىق بۈگۈن پايدىلىق (تەك) كۆرۈنسىمۇ، ئۇ ئەتە زىيان كەلتۈرىدۇ.   ياخشىلىق ئوڭ بولسا يامانلىق سولدۇر، سولۇڭدا دوزاخ، ئوڭ تەرىپىڭدە جەننەت بار.   يامانلار بۈگۈن قانچىلىك ھۇزۇرلانسىمۇ، ئەتىكى كۈندە ئۆكۈنچ بىلەن ئازاب چېكىدۇ.   ياخشى كىشى قانچىلىك خار بولسىمۇ، ئەتە ئۇ يەردە ئۆكۈنمەيدۇ، ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.   ئاتانغان يامانلار ئاخىرى قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ.   يامانلىق قىلسا، يامانلىقنىڭ جاۋابى ئۆكۈنچ بولىدۇ. قولۇڭدىن كەلسە ياخشىلىق قىل، (ياماندىن) ئۆچ ئال.   ئەسكىلىك، پەسكەشلىك، جاھىللىقنىڭ ھەممىسى يامانلارنىڭ قىلىق - ئادىتىدۇر.   سېخىيلىق، ئادەمگەرچىلىك، مەنپەئەت ۋە ياخشىلىق — ئېنىقكى ياخشى كىشىلەردىن كېلىدۇ.   ياخشى كىشى دوستلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزىلىدۇر، ياخشى ئىش ئىشلارنىڭ ئەۋزىلىدۇر.   ھۇزۇر - ھالاۋەت، ئارزۇ، نېئمەت، غۇرۇر ۋە خۇشال - خۇراملىق ياخشىلىقنىڭ جاۋابى بولىدۇ.   دائىم ياخشىلىق قىل، يامانلىقتىن يىراق بول، (شۇ چاغدا) مەيلى ئولتۇر، مەيلى تۈر، ساڭا ياخشىلىق كېلىدۇ.   يامان يولداشقا يېقىنلاشما، ساڭا زەرەر كەلتۈرىدۇ. يامانلىق يىلاندۇر، دىققەت قىل، سېنى چاقىدۇ.   كىشىنىڭ ئېسىلى ياخشىلىقنى ئۇنتۇمايدۇ، (ياخشى) ئۇرۇقلۇق ئادەم ئالا كۆڭۈل بولمايدۇ.   ئەي ياخشى كىشى، ياخشىلىق قىلىپ تۇر، ياخشىلىق قېرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى مەڭگۈلۈك.   ياخشىلىق قېرىمايدۇ ھەم ئۇپرىمايدۇ،  يېشى بەكمۇ ئۇزاق، نامى بۇزۇلماستۇر.   يامانلارمۇ، ياخشىلارمۇ ئۆلسە تۇپراققا ئايلىنىدۇ، (گەرچە) تۇپراققا ئايلانسىمۇ نامى قالىدۇ.   يامان قەيەردە بولسا، يامانلار بىلەن بىللە (بولىدۇ).   يامان ياخشى بىلەن يارىشالمايدۇ. تۈز (نەرسە) ئەگرى بىلەن ماسلىشالمايدۇ. قارا تۈن يورۇق كۈندۈزگە يېقىن كېلەلمەيدۇ، يېشىل سۇ قىزىل ئوتقا مېھمان بولالمايدۇ.   پۈتۈن ئىنسان ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ، كىشى ياخشىلىقىنى كۆرگەن ئادەمگە قۇل بولىدۇ.   ئەركىن - ئازاد كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقنىڭ قۇلىدۇر.   يامان ماختاشقا ئېرىشسە، بەك ياخشى بولىدۇ.   ياخشى ئادەم خەلققىمۇ ياخشىلىق تىلەيدۇ.   ياخشى كىشىدىن ياخشىلىق، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە ئات - ئۇلاغ كېلىدۇ.   كىشى ياخشىلىق ئۈچۈن سۆيۈملۈك جېنىنى بېرىدۇ، بىر ياخشىلىققا جاۋابەن ئون ياخشىلىق قىلىدۇ.   بارچە ئىنسان ئوغلى ياخشىلىقنى سۆيىدۇ.   ياخشىلىق — خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، بۇ پايدا بىلەن خەلقنى ھالاۋەتلىك قىلىش دېمەكتۇر.   ياخشى كىشى خەلققە مېھرىبان بولىدۇ.   ياخشىلىقنىڭ بەدىلىگە ياخشىلىق يانىدۇ.   ياشاشنىلا ئارزۇ قىلما، ياخشى نام (قالدۇرۇش) نى ئارزۇ قىل.   سەن ئاخىر ئۆلىسەن، نامىڭ قالىدۇ، نامىڭ ياخشى بولسا، ئۆمرۈڭ شېرىن بولىدۇ.   كىمنىڭ نامى يامانلىق بىلەن بۇزۇلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىك تۇرمىغان ياخشىراق.   تىرىكلىك (سەن ئۈچۈن) سەرمايىدۇر، ياخشى نام (چىقىرىشنى) تىلە. نامىڭنى يامان قىلما، مەڭگۈ ياخشى قىل.   يامانلىق زەھەردۇر، بۇ زەھەرنى يېمە، زەھەر يېگۈچىنىڭ ھاياتى خاراب بولىدۇ.   يامانغا قېتىلما، يامان كۆيدۈرىدۇ، نامىڭ ياخشى بولسا ياخشىلىق ئىزى قالىدۇ.   ياخشىلارنىڭمۇ قولى قىسقا بولسا، موھتاجلىققا چۈشۈپ، خۇي - پەيلى بۇزۇلىدۇ.   ياخشى خۇلقلىق كىشى موھتاجلىققا چۈشۈپ قالسا، قىلىقلىرى ۋە ياخشى مىجەز - خۇلقىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.   يامانلارنى خورلىساڭ، يۈرۈش - تۇرۇشنى توغرىلايدۇ. ياخشىلارنى ھۆرمەت قىلساڭ، قىلىقلىرى (تېخىمۇ) ياخشى بولىدۇ.   كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق يادلىنىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ (قايتىدىن) تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ.   مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە ياكى يەرنىڭ ئاستىدا  بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، (شۆھرىتىنى) ئۆزۈڭ كۆرىسەن.   كىشى ئۆلىدۇ، (ياخشى) نامى قالسا مەڭگۈ ياشايدۇ.   بۇ دۇنيانىڭ مال - دۇنياسى ھەممىسى قالىدۇ. ئۆزۈڭ ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ، ياخشى نامىڭ قالسۇن.   كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر (ياخشىلىققا) ئون ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.   كىمنىڭ ئۇرۇقى دادىسىدىن تارتىپ ئېسىل بولسا، ئۇنىڭدىن ياخشىلىق، ئەلگە پايدا كېلىدۇ.   ئادەم ئۆلسىمۇ، نامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆلمەيدۇ.   ياخشى نامغا ئىگە بولغان كىشى (ئۆلۈپ) قارا يەر قېتىدا چىرىپ ياتسىمۇ، ئۇنى تىرىك ھېسابلا.   ھەقىقىي ياخشىلىق چىنلىق ۋە توغرىلىقتۇر، ياخشىلىقنىڭ ئۆزى ھاياتلىقتۇر.   كىمكى ياخشىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلسا، تىرىك ياشىغان بولىدۇ؛ كىمكى يامانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلسا، تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولىدۇ.   بىۋاپا دۇنيا سەندىن يۈز ئۆرىگەندە، ئەسقاتىدىغىنى (قىلغان) ياخشىلىقىڭدۇر.   يامانلار ئىككىلا دۇنيادا ئۆزىگە پالاكەت كەلتۈرىدۇ.   ئەي يامانلىق قىلىشتا بۇغرا (تۆگىدەك) يۈرەكلىك ئىنسان، يامانلىق قىلما، يامانلىقنىڭ نېسىۋىسى ئوغىدۇر.   كىم ياخشىلىق قىلسا ياخشى جاۋاب ئالىدۇ، خۇدا چوقۇم ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ، كىم يامانلىق قىلسا ئۆزىگە يامانلىق قىلىدۇ، ئۇ يامانلىقنىڭ جاۋابىمۇ يامانلىق بولىدۇ.   كىمگە ياخشى مۇئامىلە قىلساڭ، ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىل، ئۇ سېنى يامانلىق بىلەن پەرياد - نادامەت چەكتۈرىدۇ.    بۇ قېرى، تۇراقسىز، بىۋاپا دۇنيانىڭ مىجەزى قىزغا ئوخشىشىدۇ، سەپسالساڭ، يېشى چوڭدۇر. بەزى قىلىقى قىزنىڭكىدەك، خۇلقى چىرايلىق، ئاشىق قىلىدۇيۇ، تۇتاي دېسەك قولىنى بەرمەيدۇ. سۆيگەننى سۆيمەيدۇ، كېيىكتەك قاچىدۇ، قاچقانغا يېپىشىدۇ، ئايىغىنى قۇچاقلايدۇ. بەزىدە قارىساڭ، بىزىرىپ ئىزىڭدىن يۈگۈرەيدۇ، بەزىدە كۆرمىگەندەك بېشىنى يەرگە سالىدۇ. بەزىدە باقساڭ، يەنە تېزلا يۈزىنى ئۆرۈيدۇ. قانچە تۇتاي دېسەڭمۇ نازلىنىپ تۇتۇق بەرمەيدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئ...
●  تىلسىزلار دىئالۇگل...
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگ...
●  دوستۇڭنى پايدا - زى...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن ...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە ...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەي...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغ...
●  ناپاك كىشى ۋەزىرلى...
●  قۇتادغۇبلىك تىن جە...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  تۇردى سامساقنىڭ <ئا...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئارسدا...
●  تىلسىزلار دىئالۇگلىرى
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نى...
●  دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئ...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتس...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە مۇنب...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەيۋەتتى...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جە...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى