قۇتادغۇبلىك جەۋھەرلىرىدىن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-17 10:37:27 كۆرۈلۈش سانى : 50
دۆلەت بىلىمسىزگە كېلىپ ياراشقان ئىكەن، بىلىملىكنى تېخىمۇ ئوبدان كۆرۈپ بەكمۇ يارىشىدۇ.
دۆلەت بىلىمسىز بىلەن بىللە تۇرغان ئىكەن، بىلىملىككە تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلىنىپ تۇرىدۇ.
بىلىمسىز دۆلەت بىلەن يۈكسەلگەن يەردە، بىلىملىك نام - شۆھرىتى بىلەن تېخىمۇ يۈكسەكرەك بولىدۇ.
بىلىمسىزگە دۆلەت، بەخت كېلىدىغان بولسىمۇ، ئىشەنكى بۇ دۆلەت ئۇنىڭ بىلەن تۇرالمايدۇ.
بىلىمسىز كىشىلەر تامامەن ھايۋانغا ئوخشىشىدۇ.
بىلىمسىز (ئىش) يۈرگۈزسە، قوپاللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ، ھەممە ئىشلار بۇزۇلۇپ، ئاسماننى تۈتۈن قاپلايدۇ.
پايدىلىق (ئىشلار) بىلىمدىن كېلىدۇ، پاراسەت ۋە بىلىم ياخشى خۇلقلاردىن كېلىدۇ.
بىلىمسىزلەر ھەممە ئىشنى كەلسە - كەلمەس قىلىدۇ.
بىلىمسىزگە دۆلەت، بەخت كېلىدىغان بولسا، بارچە خەلق بۇزۇلىدۇ، ئەلگە جۇت - ئاپەت كېلىدۇ.
بىلىم ياكى ھۈنەر - پەزىلەتنى كىشى ئۆگىنىدۇ، ئىدراك بولسا، ئەسلى تەبىئىتىدىن بولىدۇ.
ئىدراكلىق كىشى ھەممە كىشىدىن ئۇلۇغدۇر.
ئىدراك كىشى ئۈچۈن مىڭ خىل پەزىلەتنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ئىدراكسىز كىشىنى ئادەم دېمەسلىك كېرەك، (ئۇ) قانچىلىك سۆزلىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك كېرەك.
ئىدراك كىشى ئۈچۈن ئەزىز (ۋە) قىممەتلىك نەرسىدۇر.
ئىدراكنىڭ ئورنى ئۈستۈنكى مېڭىدە بولىدۇ، (ئۇ) قەدىرلىك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن ئورنى باشتا بولىدۇ.
ئىدراك كىشى ئۈچۈن بىر كىشەندۇركى، ئادالەت ۋە توغرا ئىشتىن نېرى كەتكۈزمەيدۇ.
ئىدراكسىز ئۆلۈكتۇر، ئىدراكلىق تىرىك، ئىدراك ئەرنى ئەنە شۇنداق مۇۋاپىق ئايرىيدۇ.
ئادەم گويا تۈندەك قاراڭغۇ ئۆي بولسا، ئىدراك ئۇنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر.
بارلىق ياخشىلىقلار ئىدراكتىن كېلىدۇ، بىلىم بىلەن ئەر يۈكسىلىپ مەشھۇر بولىدۇ. بۇ ئىككىسى بىلەن ئىنسان ئۇلۇغ بولىدۇ، بۇ ئىككىسى ئادالەت يولىنى ئاچىدۇ.
كىشى بىلىمى بىلەنلا ھايۋاندىن پەرقلىنىدۇ.
ئىدراكنىڭ قىلمىشى توغرا، شادلىقى كۆپتۇر. ھۆسن - چىرايى كۆركەم ۋە يېشى كىچىك، ئۇ بارلىق ياخشىلىققا ئۆتكەلدۇر. ئۇ تەمكىن، خۇشپېئىل ۋە مۇلايىم، جىمى جانلىقلارغا رەھىمدىلدۇر. (ئۇ) قاياققا قول ئۇزارتسا (ئىش) راۋاج تاپىدۇ، سۆزى قەيەرگە يەتسە ئېتىبارلىق بولىدۇ. قارا، ئۇنىڭ چىرايى ئىللىق، ھەممىگە يېقىملىق، كىشىلەرگە ئۇنىڭدىن پايدا تېگىدۇ. كۆزى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ھەرقانداق ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن قىلىدۇ. ھەرقانداق بۇزۇلغان ئىشنى ئوڭلايدۇ، ھەرقانداق چىگىش تۈگۈننىمۇ يېشىدۇ. قاچقانغا يېتىشىدۇ، ئۇچقاننى تۇتىدۇ، سۇنغاننى ئۇلايدۇ، بۇزۇلغاننى تۈزەيدۇ. |
|