دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئىچىدە سىنا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:46:02 كۆرۈلۈش سانى : 237
سېنىڭ ئايدەك ئوغۇل - قىزىڭ تۇغۇلسا، ئۆيۈڭدە تەربىيىلىگىن، باشقىلارغا تاشلاپ قويما. ئىنىكئانىغا ياخشى ۋە پاك ئايالنى تاپ، ئوغۇل - قىزىڭ پاك ئۆسىدۇ.
ئوغۇل - قىزىڭغا بىلىم ئەدەپ ئۆگەتكىن، ھەر ئىككى دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ.
ئوغۇلغا ھەرخىل ھۈنەر - پەزىلەتلەرنى ئۆگەت، بۇ ھۈنەر - سەنئەت بىلەن ئۇ مال - دۇنيا يىغلايدۇ.
ئوغلۇڭنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىپ تۇر، بىكار يۈرۈشكە، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمە، بىكار يۈرگەن بالا ئۆز بېشىمچى، ئالدىراڭغۇ بولىدۇ.
ئاتىنىڭ، ئانىنىڭ ئۆلۈمى تامامەن ئوغۇل - قىز ئۈچۈن پەند - نەسىھەتتۇر، چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈر.
تونۇش - بىلىشى بولمىغان كىشى يات كىشىلەر ئىچىگە يالغۇز كىرىپ قالسا، ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ.
يېڭى كەلگەن كىشىنىڭ تونۇشى بولمىسا، داۋاملىق موھتاجلىق ئىچىدە تۇرسا، بەك ئېغىر بولىدۇ.
تونۇش - بىلىشى يوق كىشىلەر قارىغۇغا ئوخشىشىدۇ، قارىغۇ يولدىن ئاداشسا، ئۇنى سۆكمەسلىك كېرەك.
كىشىنىڭ دوست - يولداشلىرى كۆپ بولسا، نامى ئەلگە يېيىلىدۇ، ئىشى يۈرۈشىدۇ. بۇ دۇنيادا ئۇ تىلىكىگە ئېرىشىدۇ، ئەگەر ئاخىرەتلىكنى ئىزدىسىمۇ، ئاشۇ مەدەت بولىدۇ. قايغۇ - ئەلەمگە (يولۇققاندا) ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ، شادلىققا شادلىنىپ كۆزىنى ئاچىدۇ. پەزىلەتلىرىنى يېيىپ، بارچە خەلققە سۆزلەيدۇ، نۇقسانلىرىنى كۆرسە يوشۇرىدۇ، ھەرگىز ئېغىز ئاچمايدۇ.
دۈشمەن (ئۇخلاپ ياتقان) باتۇرنى ئويغاتقۇچىدۇر، نۇقسان ۋە پەزىلەتلىرىنى ئەلگە مەلۇم قىلغۇچىدۇر.
ياخشى كىشىنىڭ دۈشمەنلىك بولۇشى ئېنىق، يامانغا دۈشمەن يوق، (چۈنكى) ياۋۇز كىشى ئۆلۈكتۇر.
دۈشمەن بىلەن ئېلىشقان ئەرنىڭ نامى بۈيۈك بولىدۇ.
قېرىنداشلىق بىلەن دوستلۇق ئىككىسى ئوخشاشتۇر.
كىشىنى چۈشەنمەي، ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلما، دۈشمىنى بولغان كىشىلەر شادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
دۈشمەن ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ، زىيىنى كۆپ، دۈشمەندىن پايدا كېلىدۇ دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ.
دۈشمەن بىر بولسىمۇ زىيىنى مىڭدۇر، مىڭ دوستۇڭ بولسىمۇ، يەنە بىرى كەمدۇر.
ئۆزۈڭگە تەڭتۇشلەرنى ئاداش تۇت، (كىشى) ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەنلا ھەمنەپەس بولالايدۇ.
ئۇچار قۇشلارمۇ ئۆز ھەمراھىنى بىلىدۇ، توپىنى تاپىدۇ، سەن ئادەم، ئارىلىشىدىغان كىشىڭنى تاللا.
يېقىنلىق ئىشلىرى ئىككى خىل بولىدۇ، كىشى ئاشۇ ئىككى (ئىش) ئۈچۈن دوست تۇتىدۇ. بىرى خۇدا يولىدا كىشىنى دوست تۇتۇش، بۇنداق دوستلۇق ئارىسىدا ئەگرىلىك بولمايدۇ. يەنە بىرى (بەزىلەر) ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دوست تۇتىدۇ، بۇنداق دوستلۇق پۇختا بولمايدۇ، غەرەزلىك بولىدۇ.
دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئىچىدە سىنا، مۇشۇ ساھەدە چىڭ تۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېپىش.
دوستنىڭ كۆڭلىنى بىلىشنى خالىساڭ، سۆز بىلەن غەزىپىنى كەلتۈرگىن، قاپىقىڭنى تۈرۈپ باق. ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەي دېسەڭ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى سوراپ باق. ئاندىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ ئىككى يىرىكلىكىڭگە قاپىقىنى تۈرمىسە، بۇ ئادەمنى جېنىڭغا ئوخشاش (دوست) تۇت.
دوست، يار - بۇرادەر خۇشاللىق ۋە قايغۇدا، ياخشىلىق - يامانلىقتا كىشىگە ھەمدەم بولىدۇ.
دۈشمەن پايدا - زىيان ئۈچۈنلا بولغان بولسا، پايداڭنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياراشقىن.
دۈشمەنگە پايدا يەتكۈزسەڭ، ئۇ يېقىنلىشىدۇ، دۈشمەننىڭ زىيىنى ئورنىغا پايدىسى تېگىدۇ.
دۈشمەنلىك كىشىنى مىڭ خىل دەردكە مۇپتىلا قىلىدۇ.
يامانلىق بىلەن داڭق چىقارغان كىشىدىن يىراق تۇر، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خۇي - پەيلى نادان كېلىدۇ.
دوستۇڭ دۈشمەن بولۇپ قالسا، جېنىڭغا قەست قىلىدۇ.
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قانچىلىك قوغدىساڭ، دوستۇڭ (نىمۇ) شۇنداق قوغدا.
مەيخورنى دوست تۇتما، ئۇ ۋاپا قىلمايدۇ، كۆڭلۈڭنى زېدە قىلىدۇ.
ئۆز پايدىسىنىلا تىلەيدىغان دوستقا كۆڭۈل بەرمە، پايداڭ تەگمىسە ئۇ ساڭا دۈشمەن بولىدۇ.
|
|