ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جەسۇر جەڭچىلەر توپلانسا، بۇ بەگ دۇنياغا ساھىبقىران بولىدۇ.
قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جەسۇر جەڭچىلەر توپلانسا، بۇ بەگ دۇنياغا ساھىبقىران بولىدۇ.
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-12 11:22:29 كۆرۈلۈش سانى : 30
قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جەسۇر جەڭچىلەر توپلانسا، بۇ بەگ دۇنياغا ساھىبقىران بولىدۇ.
ئەسكەر - خىزمەتچى بولسا، بەگلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كەم بولمايدۇ؛ ئەسكەر - خىزمەتچى بولمىسا، بەگ ئەلگە ئۇزاق ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ.
ئەسكەر - خىزمەتچىلەر بەگدىن مەمنۇن بولغاندىلا، بەگ قايسى ئەلنى خالىسا، ئۇنى قولغا كىرگۈزەلەيدۇ.
بەگ خەسسىلىك بىلەن ئەلگە ھاكىملىق قىلالمايدۇ.
بەگ ئۆزى قانچىلىك غەيرەت قىلمىسۇن، قۇلىنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئىشى ئۇزاققا بارمايدۇ.
بەگ ئىچكىرىنى كۆزىتىدۇ، سىرتتىكى كۆزى سادىق قۇلىدۇر، ئۇ (بەگنىڭ) سۆزى ھەم كۆزىدۇر.
بەگلەر سادىق بىر قۇلنى ئىزدەپ تاپسا، ئۇنى ئالتۇن - كۈمۈشكە ئوراپ تۇتۇش كېرەك.
ئەلدە پايدىلىق، زېرەكلىك كۆپ بولسا، بەگنى راھەتكە يەتكۈزىدۇ، (ئىشىنى) ئۇلار ھەل قىلىدۇ.
بەگنىڭ يارلىقى ئاۋامنىڭ دىلىنى يورۇتىدۇ.
بەگنىڭ سۆزى چىگىش كۆڭۈللەرنى ئاچىدۇ.
بەگلەر قۇللىرىغا ئىللىق سۆزلىسە، قۇللار ئۇنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدۇ.
ئەگەر بەگنىڭ تىلى يۇمشاق، شېرىن بولسا، ئۇنى ئۇلۇغ - كىچىك ھەممە خەلق ياخشى كۆرىدۇ.
بېگى خەلققە ئىشەنچلىك، ياخشى بولسا ئۇنىڭ پايدىسىدىن بارچە خەلق بەخت تاپىدۇ.
ئادالەتلىك، توغرا بەگ — ئېنىق سائادەتتۇر، سائادىتى ئارقىلىق ھەممىگە (ئۆز) ئۈلۈشىنى بېرەلەيدۇ.
ئەلنى راۋاج تاپتۇرۇش بەگلەرنىڭ ئىشىدۇر.
ئەگەر سەن خەلققە ئۇلۇغ (بىر) بەگ بولساڭ، دىلىڭ ۋە تىلىڭنى كىچىك تۇت.
ئەلىگ — ئەل بېگى، خەلقنىڭ ئۇلۇغىدۇر، ئۇنى كۆپ ھۆرمەت قىلىش ۋە قەدىرلەش كېرەك. (ئادىل يول تۇتۇپ، سۆزىنى توغرا قىلسا، ئەلدە يامانلارنىڭ ئىزىنى يوقىتالايدۇ.
ئەگەر (بەگ) سۆزىدىن يېنىۋالىدىغان بولسا، ئۇلۇغلۇققا ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمايدۇ.
ئەي دۇنيا ھۆكۈمرانى، قىلىقلىرىڭنى ياخشى قىل، بەخت كېلىدىغان، يەنە كېتىدىغان (نەرسە). تىرىشىپ ئۆزۈڭگە ياخشى نام قالدۇر، بەخت ساڭا ۋاپا قىلمايدۇ، سېنى تاشلاپ كېتىدۇ.
بەگلىكنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەشنى خالىساڭ، قانۇن چىقار، ئادالەت يولىنى تۇت.
ئەي دۇنيا بېگى، بۇ دۇنيا بىر زىنداندۇر، زىندان ئىچىدە غەم - قايغۇدىن باشقا ھېچنەرسە بولمايدۇ. زىنداندا ئارتۇقچە شادلىق تىلىمە، شادلىق ۋە ئاراملىق جاي پەقەت جەننەتتۇر.
بارلىق بۇلغىنىشلارنى تازىلايمەن دېسەڭ، (ئالدى بىلەن) ئۆزۈڭنى تازىلا، ئاندىن خەلقىڭ تازىلىنىدۇ.
ئەگەر بەگلەر ئىش - ھەرىكىتىنى ياخشى تۇتسا، ھەممە ياخشىلىقلىرى بىلەن ئەلگە مىڭ خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.
ئەگەر بەگلەرنىڭ خۇي - پەيلى يامان بولسا، يامانلار كۈچىيىدۇ، ياخشىلىقنىڭ ئىزىنى يوقىتىدۇ.
بەگلىكنىڭ نېگىزى ئېھتىياتچانلىق - سەگەكلىكتۇر. بىخۇد بولما، بىخۇد بولساڭ بەگلىك كېتىپ (قالىدۇ). بىخۇدلار ھەر ئىككى دۇنيادا نادامەت چېكىدۇ.
ئەلىگ يامان بولسا دۇنيانى بۇزىدۇ، توسۇپ تۇرغۇچىسى بولمىسا يولدىن ئازىدۇ.
ئەي ئەلىگ، ئۈچ خىل كىشىنىڭ ناھايىتى تاللانغىنىنى ئىزدە، ئاندىن كېيىن بۇ ئۈچ (كىشىگە) ئىشىڭنى تاپشۇر: بۇلارنىڭ بىرى قازى، ئۇ زېرەك، پاك، تەقۋادار (بولۇشى)، خەلققە پايدىسى تېگىشى كېرەك. ئىككىنچىسى خەلپەت، ئۇ ئىشەنچلىك، چىن بولۇشى كېرەك، (شۇنداق بولغاندا) خەلق ھالاۋەتكە ئېرىشىدۇ، بەختلىك ياشايدۇ. ئۈچىنچىسى ۋەزىر، ئۇ بەك تاللانغان بولۇشى كېرەك، خەلققە نېمە كەلسە شۇنىڭدىن كېلىدۇ. بۇ ئۈچ ئىشنى (قىلىدىغان) كىشىلەر توغرا، (ئادىل) بولسا، خەلق ھالاۋەتكە يېتىدۇ، كۈنلىرى يورۇق بولىدۇ. ئېلىڭ روناق تاپىدۇ ۋە خەلقىڭ بېيىيدۇ، شۇ چاغدا ساڭا ياخشى دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ ئىشتىكى كىشىلەر يارامسىز بولسا، پۈتۈن ئەلنىڭ ئىشلىرىمۇ يارامسىز بولىدۇ.
بەگنى تۇتۇپ يېتەكلىگۈچى ۋەزىردۇر. (بەگنىڭ) ئېلىنى، ئوردىسىنى، نامىنى (مەشھۇر) قىلغۇچىمۇ (ۋەزىردۇر). ئەگەر ۋەزىر چۇلۋۇرنى تەتۈرىسىگە يېتەكلىسە، ھەممە ئىش تەتۈر ماڭىدۇ.
بەگ سائادەت دېمەكتۇر، خەلققە سائادەت (كەلتۈرۈشى) كېرەك. سائادەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇش كېرەك.
بەگلەر تۈۋى ئۈنچىگە تولغان دېڭىزدۇر، دڭېىزغا يېقىنلاشقانلار بېيىشى كېرەك.
بەگلەر ئالتۇن - كۈمۈش كانى (بولغان) تاغدۇر.
خەزىنە، ئەسكەر - خىزمەتچىلەر بەگلەرنىڭ كۈچىدۇر، بۇ ئىككىسى بىلەن كىشى (دۈشمەندىن) ئۆچىنى ئالالايدۇ. بۇ ئىككىسى بىلەن بەگ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ، بۇ ئىككىسى بىرلەشسە، بەگنىڭ تاج - تەختى ئۇلۇغ بولىدۇ.
ئەگەر سەن دائىم ئۈستۈنلۈك قازانماقچى بولساڭ، ئەسكەر - خىزمەتچىلەرنى خۇشال قىل، باتۇرلارنى ماختا. (ئاندىن) تىلىكىڭنى تىلە، بارچە تىلەكلىرىڭ ئورۇندىلىدۇ، دۈشمەننىڭ بوينى ئېگىلىدۇ.
بەگلەر بۇلغىنىشلارنى ئەسكەر بىلەن تازىلايدۇ.
ئەڭ زەئىپ خەلقمۇ باي بولۇۋالسا، باش ئەگمەيدۇ، يامانلارنى بېيىتما. ئەي قۇدرەتلىك، يامانلار بېيىسا پەيلىنى بۇزىدۇ.
بىر ئىشنى (بىرلا ۋاقىتتا) ئىككى كىشىگە تاپشۇرما، ئىشەنگىنكى (بىر - بىرىگە دۆڭگىشىپ) ئىش قىلىنماي قالىدۇ.
ئىشىڭنى ئىش بىلىدىغان كىشىلەرگە تاپشۇر، ئىش قىلىشنى بىلمىگەن (كىشى) قىينىلىپ قايغۇغا چۈشىدۇ.
قايسى ئەلنىڭ بېگى ياخشى (ۋە) توغرا بولسا، شۇ ئەلنىڭ خەلقى بېيىيدۇ، كۈنى تۇغىدۇ، خەلقنىڭ بايلىق بەگ ئۈچۈنمۇ بايلىقتۇر.
بايلارنىڭ يۈكىنى ئوتتۇرا ھاللارغا يۈكلىمەسلىك كېرەك، (ئۇنداق قىلساڭ) ئوتتۇراھاللار بۇزۇلىدۇ، ھالىدىن كېتىدۇ. كەمبەغەللەرگە ئوتتۇراھاللارنىڭ يۈكىنى ئارتماسلىق كېرەك. (ئۇنداق قىلساڭ) كەمبەغەللەر ئاچتىن ئۆلىدۇ، يىلتىزى ئۈزۈلىدۇ. كەمبەغەللەرنى ئاسرىسا، ئوتتۇراھال بولىدۇ، ئوتتۇراھال ئۆزىنى ئوڭلىۋالسا، بايلىققا ئېرىشىدۇ. كەمبەغەللەر ئوتتۇراھال بولسا، ئوتتۇراھاللا بېيىيدۇ. ئوتتۇرا ھاللار بېيىسا، ئېلىڭ بايلىققا تولىدۇ. ئەل روناق تېپىپ، خەلق راھەتكە ئېرىشىدۇ. شۇ زاماندا سەن دۇئاغا ئىگە بولىسەن. |
|