بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> قۇتادغۇبلىك جەۋھەرلىرىدىن پارچە

قۇتادغۇبلىك جەۋھەرلىرىدىن پارچە

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-26 16:40:25    كۆرۈلۈش سانى : 65  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
مەڭگۈلۈك راھەت مۇشەققەت بىلەن كېلىدۇ.   بۈگۈن ھەممە (نەرسە) ياخشى بولسۇن دېسەڭ، ئۆزۈڭ ياخشى بول.   بۇ ئالدامچى دۇنيانىڭ قىلىقلىرى ۋاپاسىز، جاپالىق، بىخۇد بولما، ھوشيار بول، (ئۇنىڭ) يولى بەك تايغاقتۇر. قارا، ئۇ بىزىنىپ، جىلۋە قىلىپ كۆڭلۈڭنى ئالىدۇ، كۆڭلۈڭنى بەرگەندىن كېيىن، يۈز ئۆرۈپ (تاشلاپ) كېتىدۇ.   دۇنيا قالىدۇ، تۇغۇلغانلار ئاخىرى ئۆلىدۇ، يامان بولسىمۇ، ياخشى بولسىمۇ نامى قالىدۇ.   قانچىلىك كەمبەغەل بولسىمۇ (كىشى) ئاچ قالمايدۇ، بۇ ئۆلۈم ھايات (كىشىدىن) ئۆچىنى ئالىدۇ.   ۋۇجۇد سەمرىسە، قۇرت - يىلانغا يەم بولۇشى ئېنىق ئۆز شادلىقىڭنى دېسەڭ، ئۆتكۈنچى مېھمانسەن. بۇ ھايات چۈشتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، يوقىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر گۇۋاھدۇر.   ئىنسان تۇغۇلىدۇ، ئۆلىدۇ، بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، ھەممە نەپەس ئالغۇچىلار ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.   ئۆلۈم ھەقتۇر، ئۇنىڭدىن كەچكىلى بولمايدۇ.   دۇنيانىڭ شان - شۆھرىتى ئىككى نەرسىدىن ئىبارەت: بىرى مال - دۇنيا، (يەنە) بىرى بولسا يۈز - ئابرۇيدۇر. بۇ ئىككىسىگە ئىگە بولۇپ، مىڭ يىل ياشىسىمۇ، ئاخىرى ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ.   بۇ دۇنيا تامامەن قىزنىڭ خۇلقىغا ئوخشىشىدۇ، قانچىلىك كۈلدۈرسىمۇ، بىر كۈنى يەنە يىغلىتىدۇ؛ قانچىلىك روناق تاپتۇرسىمۇ، يەنە بۇزىدۇ، ۋەيران قىلىدۇ.   دۇنيا، دۆلەت كۈنلىرى بىر كۆلەڭگىدۇر، كۆلەڭگە بىرلا يەردە راۋۇرۇس تۇرمايدۇ.   ئۇلۇغلۇققا مەست بولۇپ، كىم نالايىق ئىش قىلسا، كېيىن قارا يەر قېتىدا ئازابىنى تارتىدۇ.   ئەگەر مەيخور مەي ئىچىپ مەست بولسا، ئۇخلاپ قوپسا، (مەستلىكى) ئۇيقۇسىدا يېشىلىپ كېتىدۇ. بۇ دۆلەت مەست قىلسا، (كىشى) ئۇزاققىچە ھوشىغا كەلمەيدۇ، ئۆلۈم تۇتمىغۇچە ئۇخلايدۇ، ئويغانمايدۇ.   ھەممىدىن قاتتىقراق جۇدالىق — ئۆلۈمدۇر. ئۆلۈمگە ئامال يوق، ئۇنى قورال بىلەنمۇ توسۇپ بولمايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ يىراقى يېقىن ياكى يىراق بولىدۇ. ئۆلۈمنىڭ پىراقى (بولسا) ئۇزاق پىراقتۇر.   بۇ دۇنيانىڭ نەرسىلىرى كۆپ بولسا، ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ، قانچىلىك ئاز بولسىمۇ، ئۆز لايىقىدا يېتىدۇ.   بۇ دۇنيانىڭ نۇقسانلىرى مىڭ، پەزىلىتى بىر، ئادەم ئۇنى قانداق ئۆتكۈزسە، شۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ.   قايغۇ - ھەسرەت سېنى قانچىلىك ئەسىر قىلسىمۇ، كۆز قانچىلىك يىغلىسىمۇ، يەنە بەرىبىر كۈلىدۇ. دۇنيانىڭ قائىدە - قانۇنى ئەزەلدىن شۇنداق، ياخشى - يامان (ئىشلار) نەچچە يىل داۋام قىلسىمۇ، بىر كۈنى تۈگەيدۇ.   بۇ دۇنيا بىلىمسىزگە جەننەتتۇركى، راھەت ئىچىدە شاد يۈرىدۇ. موھتاج بولمايدۇ. ئەقىللىق ئۈچۈن بۇ دۇنيا تىكەنگە تولغان، ئاياغ باسقانلا يېرىدە تىكەن سانجىيدۇ، ساقلىنىش كېرەك. بىلىملىك ئۈچۈن دۇنيا ئىچى بىر زەھەردۇركى، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئالالمايدۇ، كۈچ  - قۇۋۋىتىدىن كېتىدۇ.   نەزەر سالساڭ، دۇنيانىڭ خۇي - پەيلى گويا تويغىنىنى بىلمەيدىغان ئەجدىھاغا ئوخشىشىدۇ.   دۇنيا ئەھۋالىغا يېتەرلىك دىققەت قىلساڭ، ئۇنى چۈشەنسەڭ، كىشى ئۆز - ئۆزىگە ھەيران بولىدۇ.   ئىشەنچسىز دۇنيانىڭ پەيلى جاپا ۋە ۋاپاسزلىقتۇر، ئەقىللىقلا ئۇنى ئۆزىدىن چەتلەشتۈرىدۇ، يىراق تۇرىدۇ.   بۇ ھايات پۇشايمان، قايغۇ بىلەن تۈگەيدۇ.      كۆڭۈل ئېلىش ئۈچۈن پاراسەت ئىشلىتىش كېرەك.   پۇقرالارغا (نىسبەتەن) ناھايىتى سەۋرچان بولسا، ھەممە ئىشتا راھەت تاپىدۇ.   كىمكى سېخىينىڭ سۈرىتىنى كۆرەي دېسە، تەشنالىق بىلەن خاقاننىڭ يۈزىگە باقسۇن.   خەلقنى باشقۇرۇشقا ئەقىل ھەم جاسارەت كېرەك.   جاھاننى (قولدا) تۇتماق ئۈچۈن كىشى ناھايىتى ئىدراكلىق بولۇش كېرەك. خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن كىشى بىلىم بىلىشى كېرەك. بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەن كىشى كامالەتكە يېتىدۇ، كامىل ئەر دۇنيا (نېئمەتلىرىنىڭ) ھەممىسىگە ئىگە بولىدۇ.   ئەگەر خەلققە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىكەنسەن، بارلىق سۆز - ھەرىكىتىڭ بىلەن ياخشىلىق قىل.   دۇنيا بەگلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ بىلىمى بولسا، ياخشى قانۇن تۇرغۇزدى، ئوبدان كىشىلەردىن (بولدى).   ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (بۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر.   ناھايىتى كۆپ پەزىلەت، ئەقىل، بىلىم كېرەككى، جاھان سورىغۇچى ئاندىن (جاھانغا) قول سۇنسۇن.   جەسۇر كىشى چىگىش تۈگۈنلەرنى يېشىدۇ. جاھان سوراش ئۈچۈن مىڭ (تۈرلۈك) پەزىلەت كېرەك. قۇلاننى بېسىش ئۈچۈن ئارسلان كېرەك.   جاھان سورىغۇچىغا مىڭ (تۈمەن) پەزىلەت كېرەككى، ئۇنىڭ بىلەن ئەل - يۇرتنى سورايدۇ ۋە تۇماننى سۈزۈلدۈرىدۇ.   بەگلەر ئەل ئىشىنى بىلىم بىلەن يۈرگۈزىدۇ.   كىشى ئېغىر - بېسىق، سالماق مىجەزلىك بولۇشى كېرەك، بەگ ۋەزمىن بولسا بولسا كۈنلىرى يورۇق بولىدۇ.   كىشىنى ياخشى تاللاش ئۈچۈن ئىدراكلىق بولۇش كېرەك.   >بەگلىك< دېگەن سۆز ۋە (بەگلىك) ئىشى — بۈيۈك ئىش، قارىساڭ باش ئاغرىقى كۆپ، ئىشمۇ نۇرغۇن، كۆپ ئىشلارنى ئوڭلايدىغان ئىدراكلىق ئادەم ئاز تېپىلىدۇ.   ئەر ئۈچۈن ياردەمچى (ۋە) يۆلەنچۈك (بولالىغۇدەك)، ئەقىل - ئىدراكلىق، دانىشمەن ئەل باشقۇرغۇچىلار كېرەك.   ياردەمچىلەر كۆپ بولسا بەگ جاپا چەكمەيدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئوبدان يۈرۈشىدۇ، قانۇن بۇزۇلمايدۇ.   بىلگىنكى، ھەر قانداق ئىشتا ياردەمچى كېرەك، بولۇپمۇ بەگنىڭ ئىشىغا تېخىمۇ كۆپ بولۇشى كېرەك.   بەگلىك ئىشىغا ئېھتىيات زۆرۈر.   ئەي قىزىل يۈزلۈك (ئىنسان)، ئىش - ھەرىكىتى ئادىل بولسا، بەگلىك ئۇلۇغ ھەم ناھايىتى ياخشى نەرسىدۇر.   خەلق ئىشىنى كىشىلىك بىلەن باشقۇرسا، بۇنداق ياخشى كىشى نەقەدەر ياخشى بەگ بولغان بولاتتى!   بەگ ياخشى بولۇپ، ئادالەت بىلەن ئىش كۆرسە، خەلق ئۈچۈن نەقەدەر قۇتلۇق زامان بولىدۇ - ھە!   كىمنىڭ دۆلىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن، (ئۇ) خەلققە ياخشى قانۇنلارنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.   كىمكى خەلققە ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، قىلىقى كۆركەم، مىجەزى تەمكىن بولۇشى لازىم.   ساڭا ئۇلۇغلۇق نېسىپ بولۇپ، بەگلىككە ئېرىشسەڭ، بېشىڭ ئاقارغۇچە ئۆزۈڭنى كىچىك تۇت.   بەگلەر كىشىگە خۇشخۇي چىراي ئاچسا، (ئۇ كىشى) ئېتىبارغا ئىگە بولىدۇ، سۆزى ئۆتىدۇ.   بەگلەر كىمنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، (ئۇنىڭغا) ھەممە نەرسە يېقىنلىق قىلىدۇ.   بەگ بەخت دېمەكتۇر، بەختكە كىشى يېقىن بولسا، ئارزۇسىغا ئېرىشىدۇ، بارلىق ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.   بەگلەر ھەرقانداق بىر خىزمەتچى — قۇلىنى خىزمەتكە سېلىپ كۆرۈپ، ئاندىن يولىدا غەمخورلۇق قىلسا بولىدۇ. خىزمەتتە پشۇرۇش، سىناش ۋە بايقاش كېرەك، قەدىر - قىممەتنى بىلسە، ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.   بەگكە يېقىن بولسا، ئۆزىنى قاتتىق كۆزەتكۈلۈك.   بەگلەر بىلەن ئوتتۇركى بۇ ئوتقا يېقىن بارما، ئەگەر يېقىن بارساڭ جەزمەن كۆيىسەن. بىخۇد بولما، بەگلەر كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر، كۆيۈۋاتقان ئوتقا يېقىنلاشساڭ، بۇ ساڭا جۇت بولىدۇ. سەپسالساڭ، بەگلەر كۆيەر ئوت ھېسابلىنىدۇ. كەمسىتسەڭ بېشىڭنى ئۈزۈپ، قېنىڭنى شورايدۇ. ساڭا ئارتۇقچە نەزەر ئاغدۇرسا، ئۇنىڭدىن قورققىن، ئەگەر قورقمىساڭ كۈچ بىلەن قورقىتىدۇ.   كىشى ئۈچۈن دۆلەت ئۈركۈگەك كېيىكتەكتۇر. ئەگەر ئۇ كەلسە چىڭ تۇت، چۈشەپ تىزگىنلە، تۇتۇشنى بىلسەڭ دۆلەت تېزىپ كېتەلمەيدۇ، تۇرىدۇ. ئەگەر تېزىپ كەتسە، ساڭا يەنە تېز نۆەت كەلمەيدۇ.   غەزەپلەنگەن چاغدا بەگلەرگە يېقىن بارما. غەزەپلەنگەن چاغدا بەگلەر ئوت ۋە زەھەر بولىدۇ.   بەگلەر غەزىپى كېلىپ قەھرىلەنگەن بولسا، ئۇنىڭدىن يىراق تۇر، زىيىنى تېگىدۇ.   قەھرى كەلگەن چاغدا بەگلەرگە يېقىن بارما، يېقىن بارىدىكەنسەن، قەدىرسىز بولۇشۇڭ ئېنىق.   قارا، بەگلەر (گويا) ئارسلانغا ئوخشىشىدۇ، قەھرى كەلسە باش كېسىدۇ.   ەگ ئەلگە قانۇن يۈرگۈزسە ۋە ئادىل بولسا، ئىستىگەن ئارزۇ - تىلەكلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ.   بېگى ياخشى بولسا، بارچە خەلق تەرتىپلىك، قىلىقلىرى ياخشى، خۇي - پەيلى گۈزەل بولىدۇ.   بەگلەر ياخشى كىشىنى ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، يامانلارمۇ ياخشى ئىش قىلىدىغان بولىدۇ.   يامانلار بەگلەرگە يېقىن بولسا، ئەلدە يامانلارنىڭ قولى ئۇزىراپ كېتىدۇ.   ئەگەر خەلقنىڭ باشچىسى ياخشى بولسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بەگلەرنىڭ ئۆزلىرى ياخشى بولسا، پۈتۈن خەلقى بېيىيدۇ، دۇنيا تۈزۈلىدۇ.   خەلق قويغا ئوخشىشىدۇ، بەگ ئۇنىڭ قويچىسى، قوي باققۇچى قويغا مېھرىبان بولۇشى كېرەك.   بەگلەر غەزەپلەنسە، بەگلىكنى بۇزىدۇ.  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئ...
●  تىلسىزلار دىئالۇگل...
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگ...
●  دوستۇڭنى پايدا - زى...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن ...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە ...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەي...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغ...
●  ناپاك كىشى ۋەزىرلى...
●  قۇتادغۇبلىك تىن جە...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  تۇردى سامساقنىڭ <ئا...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئارسدا...
●  تىلسىزلار دىئالۇگلىرى
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نى...
●  دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئ...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتس...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە مۇنب...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەيۋەتتى...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جە...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى