بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نىمە؟

ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نىمە؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-18 21:38:18    كۆرۈلۈش سانى : 568  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
                           ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نىمە؟ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ! ئاللا ھەممىڭلارنىڭ قەلبىڭلارنى سەگەك ، ئەقىل كۈزۈڭلارنى روشەن قىلسۇن !!! مەن ئانا تىل ۋە ئانا تىلغا ئوخشاش مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا تور بەتلەرنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدىن << ئىپپەت >> دېگەن ئاتالغۇنى ۋە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدىكى كەسكىن بەس - مۇنازىرىنى كۆردۈم . مەن بۇ مۇنازىرىلەرگە بەزىدە ئاكتىپ قاتناشتىم . بەزىدە ، كۆرۈپ قويۇپلا بولدى قىلدىم . " ئىپپەت " دېگەن بۇ ئاتالغۇ قارىماققا تىلىمىزدىن ناھايىتى ئوڭايلا چىققان بىلەن ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ۋەزنىگە ، ئۇنىڭ تېرەن مەنىسىگە يىتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس . ئۇنداقتا " ئىپپەت " دىگەن زادى نىمە ؟! ... ئۇ نىمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ؟! ... بۇ توغرىلىق ئۈزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دىگەن ئۈمىدتە بۇ ئەرزىمەس ماقالىنى يازدىم . ئەلۋەتتە , ياراتقۇچى بۈيۈك زات ئاللاھلا نۇقسانسىزدۇر . بەندىلەرنىڭ مۇكەممەل بولمىقى مۈشكۈلدۇر . شۇ سەۋەبلىك يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن . تورداشلارنىڭ تەنقىدى نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن . ئىپپەت دىگەن نىمە ؟! ... مېنىڭ قارىشىمچە ئىپپەت -- پاكلىق ، گۈزەللىك ، غۇرۇر ۋە بىر پۈتۈنلۈكنىڭ يىغىنچاقلاشقان ئاتالغۇسى . دىمەك ، ئىپپەت ئاتالغۇسى بارچە شەيئىلەرگە ماس كىلىدۇ . مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم ئىنسان ئىپپىتى بولغاچقا ، قۇرۇق سۆزۈمنى قۇيۇپ مۇشۇ ھەقتىلا سۆزلەي . ئاياللىق ئىپپەت -- مەزكۇر ئايالنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئېرىگە ساقلايدىغان ئىپپىتى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ! (1) جەمئىيەتكە نىسبەتەن ; ياتلىق بولغانغا قەدەر ئۆزىنى نامەھرەمدىن ۋە ناشايان قىلمىشلاردىن پاك تۇتۇش . ئەخلاقلىق ، ( ئەلۋەتتە ، ئسلامى ئەخلاق كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) غايىلىك ، بىلىملىك ، مۇلايىم بۇلۇش ئاياللىق ئىپپەتنىڭ دەسلەپكى نىسبەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر . (2) تىلىنى غەيۋەتتىن ، تەنە - خۇسۇمەتتىن ساقلاش . كىشىلەرنى ئۆچەكەشتۈرۈش مەقسىتىدە سۆز - چۆچەك قىلماسلىق . (3) ئەرگە نىسبەتەن ; ياتلىق بولغاندىن كىيىن ، ئەرنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىنى ( يەنى ، ئامانەتنى ) مۇكەممەل ساقلاش ۋە تاپشۇرۇش . ئاياللىق بۇرچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئادا قىلىش . پەرزەنتلەرنى بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ، دۇرۇس ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش . مانا بۇلار ئاياللارنىڭ ئۈستىدىكى -- ئىپپەت -- مەجبۇرىيەتلىرىدۇر . ئەرلەرنىڭ ئىپپەت مەجبۇرىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ، كۆپ قاتلاملىققا ئىگە بۇلۇپ ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن . ئاتا - ئانىنىڭ ۋە ئەھلى ئايال - پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدىكى بالىلىق ، ئەرلىك ھەم ئاتىلىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلغاندىن سىرت ، ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى قوغداش، دىنىنىڭ بۈيۈكلىكى ۋە پۈتۈنلىكىنى جېنىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ قوغداش . مانا بۇلار ئەر كىشىنىڭ ئىپپىتىدۇر . == ھېكايەت == ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيادا موسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۇيغۇر ئالىمى ياشىغان بۇلۇپ ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ . بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ، قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم - دەرەم بىلەن بۇ كىشىنى كۈتۈۋاپتۇ . بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي - ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كېتىپتۇ . بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ ... بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ << ئۇھ ... !!! >> دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ . شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى - سۆھبەتلەردە بولارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىقى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلارغا : -- كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بىرى ھەر قايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار ... بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ تار نەزەرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم . كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى ، سانى بۇخارا ئاتالغان ( يەنى ، ئىككىنچى بۇخارا ) ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى . بىلمىدىم ، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بىرىشەرلىمىكىن ؟! ... -- دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ كاتتىلاردىن . كاتتىلار بولسا : -- ۋاي ، بولىدۇ ... قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن !!! ... -- دېيىشىپ ، موسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ . موسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا ، قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل ، ئاجىز ... نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز ، رۇس ، شىۋىت ... يەنە ئامبال ، لويى ، دوتەي ، تەيتەي ... دىگەن نىمىلەر ناھايىتى كۆرەڭ ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك . ھەتتا , بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نىمىلەرمۇ مۈشۈكنى ئالدىدىكى ساچقاندەك لاغ - لاغ تىترەپ تۇرغىدەك . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .ئۇلار ئايلىنا - ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ . بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن ، ھېلىقى << كاتتىلار >> : -- يا تەقسىر ، بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا ! -- دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ . ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشنى توسىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ : -- نىمە سەۋەبتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ؟! ... -- دەپ سوراپتۇ . << كاتتىلار >> : -- بۇ كوچىغا پاھىشەخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار ، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان . بۇ يەر سىلى - بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس . شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىكلىرى تۈزۈك دەپ توسۇپتۇ . ئالىم بولسا گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن << كاتتىلار>> مۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ . ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشىخانا ، ئەپيۇنخانا ، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەنىكەن . ( ئەلۋەتتە ، بۇ يەردىكى پاھىشىخانا ، ئەپيۇنخانا ۋە قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار ئىكەن . )بىچارە ئۇيغۇر قىز - جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ ، كۆزلىرىگە يىغا ئولىشىپ كېتىپتۇ . ئۇ بىر چەتتە ، چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ . << كاتتىلار >> نىمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا ، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ : -- ئى بىچارە قىزىم . نىمە سەۋەبتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز ؟! ... -- دەپ سوراپتۇ . مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ . -- مەن *** يېزىسىدىكى *** دىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى قىزى *** بولىمەن . مەن 14 ياشقا كىرگەن كۈنى ئانام سىل كېسىلى بىلەن قازا قىلدى . بىز چۈإچۈرىدەك تۆت بالا قاراپ تۇرۇپ يېتىم قالدۇق . دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا ، ھەم ئانا بۇلۇپ ، ھەم ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى . ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلىپ ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ . بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى . دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا ، يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك ھېسابىدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى . بىز دادىمىزنى مىڭبىر - مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق . ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تېۋىپقا كۆرسەتتۇق . داداممۇ ئاخىرى نىمجان بۇلۇپ ساقايدى . ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دىدىلىما ؟! ... ئۇرۇق - تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيدىلا ؟! ... يۇرت كاتتىلىرى ؟!!! ھىھ ! ... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇلۇۋاتمامدۇ ؟! ... دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى . ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولدى . ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بىر بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ يۈرۈپ جاڭگالدا ئىز - تىزى يوق يوقاپ كەتتى . ئون - يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۆلۈكىنى بىر توختام سۇنىڭ بۇيىدىن تېپىپ ئەپكېلىپ بەردى . يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇنى ئۇقمايمەن . جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام مەھەللىدىكىلەر مېنى تىللاپ پاتقۇزمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن . -- دەپتۇ ئېسەدەپ يىغلىغانچە . ئالىم بولسا كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سوراپتۇ : -- ئى ناتىۋان قىزىم ، سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز ؟! -- دەپ سوراپتۇ . جۇۋان : -- بەزىدە سالالايمەن . بەزىدە سالالمايمەن . -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئالىم : -- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ . -- دەپتۇ . ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان << كاتتىلار >> غۇلغۇلا قىلىشىپ : -- يا تەقسىر ! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ , ئارقىدىن غۇسلى - تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يىزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتابتا بار ؟! ... ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ ؟!!! -- دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا . -- ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ، ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇلبالا ئەركەك ھېسابلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ . -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم بۇلارنىڭ شۇنچىۋالا غەرەز ئۇقمايدىغان ھاماقەتلىكىگە ئېچىنىپ . -- نىمە سەۋەبتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇنىڭ گۇناھى ؟! ... -- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئاللا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت << ئاتا >> لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى . سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىقى قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىن ئەلۋەتتە سىلىگە يۈكلىنىدۇ . ... سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەريۇ ، ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى جالاپ خوتۇن دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر ؟! ... شۇنى بىلشىڭلار كېرەككى ، ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلار مەجبۇرىيىتى ئەمەس ، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى ... بەلكىم ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر . ناھايىتى ئەپسۇس ،  سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن . مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياغى بەزمە - زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار . زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر - بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار ... تەييارلانغان نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى . دەسلەپتە ئەل - يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن . خەلق نامرات ، ئاچ - يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ . ئىلاجسىز ئۈلۈۋېلىشقا ، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ . سىلەر بولسا سېسىق كېكىرىپ يۈرۇيسىلەر . ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ . بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ . تائىپىلەر بولسا خۇددى تۇغما مۇشۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرىدەك خەلقنىڭ شىللىسىگە دەسسەپ يۈرۈپتۇ . مانا بۇ خورلۇق ئەمەسما ؟!!! ... خىيال قىلىپ بېقىڭلار ... سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن ؟! ... سىلەر مۇشۇنداق غۇرۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا ، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان . شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە . كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ !!! ... قەدىرلىك تورداشلار ... ھېكايەت مۇشۇ يەردە تۈگىدى . سوغۇققانلىق بىلەن راۋۇرۇس ئويلاپ باقايلى . << ئىپپەت >> دىگەن زادى نىمە ؟! ... ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم ؟! ... بۇنىڭ جاۋابى ھەركىمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئايدىڭ .   


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئ...
●  تىلسىزلار دىئالۇگل...
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگ...
●  دوستۇڭنى پايدا - زى...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن ...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە ...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەي...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغ...
●  ناپاك كىشى ۋەزىرلى...
●  قۇتادغۇبلىك تىن جە...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  تۇردى سامساقنىڭ <ئا...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئارسدا...
●  تىلسىزلار دىئالۇگلىرى
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نى...
●  دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئ...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتس...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە مۇنب...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەيۋەتتى...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جە...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى