قۇتادغۇبلىك جەۋھەرلىرىدىن
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 12:50:49 كۆرۈلۈش سانى : 73
دوستنىڭ كۆڭلى سۇنسا، )ئۇ( ئەشەددىي دۈشمەن بولىدۇ، دۈشمەن بار يەردە مىڭ )خىل( ئاداۋەت ساقلىنىدۇ.
دۈشمەندىن ھاياتقا كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلىدۇ، دۈشمەن قەيەردە بولسا، يارىماس ئىشلار بولىدۇ.
سېنىڭ دۈشمىنىڭ قانچىلىك كىچىك بولسىمۇ، ئۇنى سەن چوڭ دەپ بىل.
ياخشى دوست تۇتۇپ، ئارىلىشىپ، قېتىلىپ يۈرۈش كېرەك، دوستلىرى ياخشى بولسا، ياخشى ئىش قىلغىلى بولىدۇ.
كىشىنىڭ دوست - يولداشلىرى كۆپ بولسا، نامى ئەلگە يېيىلىدۇ، ئىشى يۈرۈشىدۇ. بۇ دۇنيادا ئۇ تىلىكىگە ئېرىشىدۇ، ئەگەر ئاخىرەتلىكنى ئىزدىسىمۇ، ئاشۇ مەدەت بولىدۇ. قايغۇ - ئەلەمگە )يولۇققاندا( ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ، شادلىققا شادلىنىپ كۆزىنى ئاچىدۇ. پەزىلەتلىرىنى يېيىپ، بارچە خەلققە سۆزلەيدۇ، نۇقسانلىرىنى كۆرسە يوشۇرىدۇ، ھەرگىز ئېغىز ئاچمايدۇ.
دۈشمەن )ئۇخلاپ ياتقان( باتۇرنى ئويغاتقۇچىدۇر، نۇقسان ۋە پەزىلەتلىرىنى ئەلگە مەلۇم قىلغۇچىدۇر.
ياخشى كىشىنىڭ دۈشمەنلىك بولۇشى ئېنىق، يامانغا دۈشمەن يوق، )چۈنكى( ياۋۇز كىشى ئۆلۈكتۇر.
دۈشمەن بىلەن ئېلىشقان ئەرنىڭ نامى بۈيۈك بولىدۇ.
قېرىنداشلىق بىلەن دوستلۇق ئىككىسى ئوخشاشتۇر.
كىشىنى چۈشەنمەي، ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلما، دۈشمىنى بولغان كىشىلەر شادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
دۈشمەن ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ، زىيىنى كۆپ، دۈشمەندىن پايدا كېلىدۇ دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ.
دۈشمەن بىر بولسىمۇ زىيىنى مىڭدۇر، مىڭ دوستۇڭ بولسىمۇ، يەنە بىرى كەمدۇر.
ئۆزۈڭگە تەڭتۇشلەرنى ئاداش تۇت، )كىشى( ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەنلا ھەمنەپەس بولالايدۇ.
ئۇچار قۇشلارمۇ ئۆز ھەمراھىنى بىلىدۇ، توپىنى تاپىدۇ، سەن ئادەم، ئارىلىشىدىغان كىشىڭنى تاللا.
يېقىنلىق ئىشلىرى ئىككى خىل بولىدۇ، كىشى ئاشۇ ئىككى )ئىش( ئۈچۈن دوست تۇتىدۇ. بىرى خۇدا يولىدا كىشىنى دوست تۇتۇش، بۇنداق دوستلۇق ئارىسىدا ئەگرىلىك بولمايدۇ. يەنە بىرى )بەزىلەر( ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دوست تۇتىدۇ، بۇنداق دوستلۇق پۇختا بولمايدۇ، غەرەزلىك بولىدۇ.
دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئىچىدە سىنا، مۇشۇ ساھەدە چىڭ تۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېپىش.
دوستنىڭ كۆڭلىنى بىلىشنى خالىساڭ، سۆز بىلەن غەزىپىنى كەلتۈرگىن، قاپىقىڭنى تۈرۈپ باق. ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەي دېسەڭ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى سوراپ باق. ئاندىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ ئىككى يىرىكلىكىڭگە قاپىقىنى تۈرمىسە، بۇ ئادەمنى جېنىڭغا ئوخشاش )دوست( تۇت. |
|