ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى دوست تاللىيالمايدۇ.
ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى دوست تاللىيالمايدۇ.
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:04:55 كۆرۈلۈش سانى : 65
ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى دوست تاللىيالمايدۇ.
ئەگەر كىشى كېلىپ باقمىغان ئەلگە كەلسە، ئەر كىشىمۇ كېلىندەك (تارتىنچاق) بولۇپ تىلى تۇتۇلىدۇ.
كىشىگە ھەرقانداق يەردە تونۇش - بىلىش كېرەك، ھەرقانداق ئىشلار تونۇشلار ئارقىلىق قىلىنىدۇ.
دوستۇڭ ياخشى بولسا، نېمە خالىساڭ قىلالايسەن، (ياخشىسى) يول تېپىش ئۈچۈن ياخشى دوست كېرەك.
سىنىغان، ئىشەنگەن كىشىڭنى مەھكەم تۇت، ئۇنىڭدىن ساڭا تۈمەنمىڭ لەززەت تېگىدۇ.
دوست - بۇرادەر ئادەم ئۈچۈن يۆلەنچۈكتۈر.
كىمنىڭ دوست - بۇرادىرى، قولدىشى كۆپ بولسا، ئۇنىڭ ئارقا تىرىكى مۇستەھكەم، تىك قىيا (دەك) بولىدۇ. كىمنىڭ ئارقا تىرىكى بولسا، ئۇ كۈچلۈك بولىدۇ، كۈچلۈك كىشى بەختكە ئاساس سالالايدۇ.
دۈشمەن قىلغاننى (ئۆزىنىڭ) خۇي - پەيلى قىلىدۇ.
دىلى كەمتەر بولسا، كىشىنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدۇ، سۆيگۈگە سازاۋەر بولغان كىشى دوستلىرىنى خۇشال قىلىدۇ.
يۈرىدىغان، ئۇچىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تەڭتۇشىنى ئۆزىگە دوست - ھەمراھ تۇتىدۇ.
(كىشى) ئۆلۈمنى ئۇنتۇسا دۈشمىنىنى يېڭىدۇ.
ئار - نومۇس بىلەن ئىنسان دۈشمىنىنى بىتچىت قىلىدۇ.
ئۇچراشمىغان دۈشمەننىڭ داڭقى يىراقتىن بىلىنىدۇ، ئۇچرىشىپ كۆز كۆرگەندە داڭقى كىچىكلەپ كېتىدۇ.
چىداملىق بول، چىداملىق بولغان (ئەر) دۈشمىنىنى يېڭەلەيدۇ.
دۈشمەن ئۈمىدسىزلەنسە، ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئۇرىدۇ.
دۈشمەن بىر تارقىتىۋېتىلسە، قايتا توپلىنالمايدۇ.
قېرىنداشلىق كىشىنىڭ داڭقى، شۆھرىتى بۈيۈكتۇر، دوستلىرى بار كىشىنىڭ نامى، سۆزى بۈيۈكتۇر.
قېرىندىشىڭ بولمىسا، يۈز دوست تۇت، دوستۇڭ ياخشى بولسا، شۇ قېرىنداشتۇر.
قەيەردە ئىناقلىق - يېقىنلىق بولسا، شۇ ئىشتا مەنپەئەت بولىدۇ.
قېرىنداش ياكى دوستلار يارىشىپ ئىناق يۈرسە، بىلگىنكى ئۇلاردىن (يەنە) قوۋم - قېرىنداشلار پەيدا بولىدۇ.
جۇدا بولغان كىشىلەر بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشسە، قايغۇسى قىسقا، خۇشاللىقى ئۇزاق بولىدۇ.
دۈشمەننىڭ نامى زەرەردىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
دوستنىڭ كۆڭلى سۇنسا، (ئۇ) ئەشەددىي دۈشمەن بولىدۇ، دۈشمەن بار يەردە مىڭ (خىل) ئاداۋەت ساقلىنىدۇ.
دۈشمەندىن ھاياتقا كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلىدۇ، دۈشمەن قەيەردە بولسا، يارىماس ئىشلار بولىدۇ.
سېنىڭ دۈشمىنىڭ قانچىلىك كىچىك بولسىمۇ، ئۇنى سەن چوڭ دەپ بىل.
ياخشى دوست تۇتۇپ، ئارىلىشىپ، قېتىلىپ يۈرۈش كېرەك، دوستلىرى ياخشى بولسا، ياخشى ئىش قىلغىلى بولىدۇ. |
|