بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھىكمەت >> گۇمانخورلۇق ۋە غەيۋەتتىن يىراق تۇرايلى!!!!

گۇمانخورلۇق ۋە غەيۋەتتىن يىراق تۇرايلى!!!!

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 19:42:10    كۆرۈلۈش سانى : 173  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
          ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇسۇلمان قىرىنداشلار!بىز ئىتىقاد قىلىۋاتقان بۈيۈك ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت،ھەرقانداق جاي ۋەھەرقانداق شارائىتتا سەمىمىي ،راسىتچىل،ئاق كۆڭۈل بولۇشقا،ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ بىر-بىرىمىزگەمىھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشكە چاقىرىدۇ.بولۇپمۇ ئىناقلىق ،ئتتىپاقلىق،مۇقىملىق  تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە ھەرمىللەت مۇسۇلمان ئاممىسى ئارىسدىكى ئسلامغا يات بولغان دۈشمەنلىشىش،ئاداۋەتخورلۇق،غەيۋەت- شىكايەت قىلىشتەك يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ،ئۆز-ئارا خاتالىق ۋە سەۋسنلىك سادىر بولسا بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىمىز ،كەڭ قورساق بولۇشىمىز لازىم. بىر-بىرىمىزنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان،لەقەم قويىدىغانۋە باشقىلارنىڭ ھىسسىياتىغا تىگىدىغان يامان ئىللەتلەردىن تىلىمىزنى يىغىشىمىز لازىم.اللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دايدۇ؛ ئى مۆئمىنلەر!سىلەردىن بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى،بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى)مەسخىرە قىلمىسۇن،مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (اللاھنىڭ نەزىرىدە)مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن،سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆز-ئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن،مەسخىرە قىلىنغۇۇچى ئاياللار (اللاھنىڭ دەرگاھىدا)مەسخىرە قەلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن،بىر -بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار،بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار،ئىماندىن كىيىن پىسقى بىلەن ئاتاش(يەنى مۆئمىننى پاسىق دەپ ئاتاش)نىمە دىگەن يامان !(مۇنداق نەھىي قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر. سۈرە ھۇجۇرات 11- ئايەت.يۇقىرقى ئايەت كەرىمدىن شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، جامائەت سورۇنلىرىدا باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىچىش،رەسۋا قىلىش،غەيۋەت قىلىش لەقەم قويۇش قاتارلىق قىلمىشلارئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىسىل ئەخلاقىغا زىت بولغان يامان ئىللەتلەردۇر.اللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق دىگەن؛ ئى مۆئمىنلەر!نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار(يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە باشقا كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر!(مۆئمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى)ئىزدىمەڭلار،بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار،سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قىرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يىيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ئۇنى ئەلۋەتتە ياقتۇرمايسىلەر،اللاھتىن قورقۇڭلار.اللاھ(تەۋبە قىلغۇچىنىڭ قىلغان )تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر،(ئۇلارغا )ناھايتى مىھرىباندۇر. سۈرە ھۇجۇرات12- ئايەت گۇمان دىگەن نىمە؟بەزى ئادەملەرنىڭ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن كۆزى كۆرمىگەن ،دەلىل .ئسپاتى،گۇۋاھچىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا دىلدا پەيدا بولغان بىر خىل ھىسىي تۇيغۇدۇر.شۇ.ادەم گۇمان قىلغان ئىش ئەمەلىيەتتە بولغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.بولمىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان،<گۇمان ئىماننى قاچۇرار>دىەەن ھىكمەتلىك سۆز ناھايتى جايىدا ئېيتىلغان.گۇمان قىلغۇچى گۇمان قىلغان ئىش ئەمەلىيەتتە بولمىغان بولسا،شەيتان شۇ ئادەمنىڭ دىلىدا ۋەسۋەسە پەيدا قىلىپ، گۇمانىنى كۈچەيتىپ،ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدا ئاداۋەت پەيدا قىلىشى ھەتتا جىدەل-ماجرا،ئۇرۇش-تالاش پەيدا قىلىشى مۈمكىن. ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قىرىنداشلار!دۇنيادا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنى ۋھ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ مۆئمىنلەرگە تەييارلىغان كاتتا نىئمەتلىرىگە مۇشەررەپ بولۇشنى ئارزۇ قىلساق،يەنى مۆئمىنلەرنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى بولغان جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلساق،ئاللاھ تائالا بۇيرىغان پەرىزلەرنى چوقۇم تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە،اللاھ ۋە اللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۈزۈل-كىسىل قول ئۈزۈشىمىز لازىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن؛<ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار.ئەگەر ئۇ تۈزەلسە ھەممە ئىشلىرى تۈزۈلىدۇ.ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا ھەممە ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ،ئۇبولسىمۇ قەلبتۇر>(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).بۇھەدىس شەرىفنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا مۆئمىن مۇسۇلمانبولغان كىشى نىيەتنى توغىرلىشى،يەنى بىرمەسىلىگە ھۆكۈم قىلىشتا چوقۇم ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشى، ھەرگىز يەڭگىللىك بىلەن ئۆزرايى بويىچە،گۇمانىي كۆزقاراش بىلىن ھۆكۈم قىلماسلىقى كىرەك. ئى ئاللاھ ،بىزگە ھاياتلىق ۋە تەن سالامەتلىكتىن ئىبارەت كاتتا نېمەتنى بىرىپلا قالماستىن ئىماننىڭ نۇرى بىلەن دىلىمىزنى يورۇتتۇڭ.مۇشۇ دۇنيادا قىسقا ھاياتىمىز بىلەن سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىۋىلىشىمىزنى نىسىپ  قىلغايسەن،ئامىين!!!!!! مەنبە ؛كۆچۈرۈلدى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئ...
●  تىلسىزلار دىئالۇگل...
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگ...
●  دوستۇڭنى پايدا - زى...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن ...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە ...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەي...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغ...
●  ناپاك كىشى ۋەزىرلى...
●  قۇتادغۇبلىك تىن جە...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...
●  تۇردى سامساقنىڭ <ئا...
●  قۇتادغۇبلىك جەۋھەر...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئۆيلىنەي دېسەڭ
●  كىم زورو ؟ ئۇيغۇر ئارسدا...
●  تىلسىزلار دىئالۇگلىرى
●  ئەرنىڭ ئىپپىتى دېگەن نى...
●  دوستۇڭنى پايدا - زىيان ئ...
●  بەگلەر كىمنى يېقىن تۇتس...
●  مۇڭلان ئەپەندىم ۋە مۇنب...
●  گۇمانخورلۇق ۋە غەيۋەتتى...
●  ئەس - ھوشى بولمىسا، كىشى ...
●  قايسى بەگ (ئەتراپىغا) جە...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى